دېھقان دوستلارغا خۇشخەۋەر! بۇغداي تولۇقلىمىسى كۆپەيتىلدى

日期:2023年07月06日
来源:天山网
【字体:

2023 ـ يىللىق تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى يولغا قويۇلدى

كۈزگى بۇغداي، يازغى بۇغداي ياردەم تولۇقلىما سوممىسى كۆپەيتىلدى

دېھقان دوستلار، يېقىنداكۈزگى بۇغداي، يازغى بۇغداي ياردەم تولۇقلىما سوممىسى كۆپەيتىلدى، سىز بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتىڭىزمۇ، خەۋەر تاپمىغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ:

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى «2023-يىللىق تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلدى.

ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئوبيېكتى ئەمەلىي تېرىغۇچىلار

«لايىھە»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بايلىق تېجەش بىلەن تېرىلغۇ يەر مۇھىتىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، دېھقانلارنى شاخ-شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ تۈزلەش، قالدۇق سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى ئازايتىش، ئورگانىك ئوغۇتنى خىمىيەۋى ئوغۇت ئورنىدا ئىشلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا پائال رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ماسلاشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى، بولۇپمۇ بۇغداي تېرىيدىغان تېرىلغۇ يەرلەرگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتا «ئىشتىن كېيىن ئورنىنى تولۇقلاش»تىن «ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش»قا ئۆزگىرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەرىجىمۇدەرىجە ئىلتىماس قىلىپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك.

«لايىھە»گە ئاساسەن، تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ ياردەم تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى بارلىق قانۇنلۇق بولغان ئەمەلىي دېھقانچىلىق قىلىدىغان تېرىغۇچىلاردۇر (دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان كۆلەم يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى بويىچە ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش كۆلىمىنى ئاساس قىلىدۇ، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى تېخى تاماملىمىغان جايلار 2 ـ نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەر ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسى بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى ئاساس قىلىدۇ، باشقا تۈردىكى تېرىلغۇ يەرلەر قانۇنلۇق تېرىقچىلىق ئىسپات ھۆججىتىنى ئاساس قىلىپ بېكىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ 3 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە دۆلەت زېمىنىنى تەكشۈرۈشتە ئېلان قىلغان تېرىلغۇ يەر سانلىق مەلۇماتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يەرنىڭ خاراكتېرىنى توغرا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى بويىچە تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى كۆلىمى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق كېمەيتىلىدۇ، ئۆزگەرتىلىدۇ.

ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى ئالدى بىلەن كۈزگى بۇغداي، يازغى بۇغدايغا بېرىلىدۇ

دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، 2023 ـ يىلى شىنجاڭ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئەمەلىي ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈزگى بۇغداي، يازغى بۇغداينىڭ ھەر موسىغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىما سوممىسىنى 230 يۈەنگە كۆپەيتتى.

«لايىھە»گە ئاساسەن، مەركەز مالىيەسى تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى ئاجرىتىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىيدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەر موسىغا 220 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ؛ يازغى بۇغداي تېرىيدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەر موسىغا 115 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ. ئاپتونوم رايون مالىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى (تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى) مەبلىغى ئاجرىتىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى يوچۇقىنى تولۇقلىغاندىن كېيىن، بۇغداي تېرىشقا بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشنى يولغا قويۇپ، كۈزگى بۇغداي تېرىيدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەر موسىغا ئون يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ؛ يازغى بۇغداي تېرىيدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەر موسىغا 115 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ.

يەرلىكنىڭ يۈرۈشلۈك مەبلىغى بويىچە بۇغداي تېرىشتا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، سىلوس يەم ـ خەشىكى تېرىيدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەر موسىغا 120 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ؛ بېدە تېرىيدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەر موسىغا 100 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ؛ كۆممىقوناق (ئېڭىز تېرىلغۇ يېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ۋە خاس ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىيدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەر موسىغا 18 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ. سىلوسلاشقا ئىشلىتىلىدىغان ياكى دېنى يىغىۋېلىنىدىغان كۆممىقوناققا قارىتا ھەرقايسى جايلار ئىلتىماس قىلىش كۆتەك دەپتىرىگە بىرلەشتۈرۈپ نەق مەيداندا تەكشۈرگەندىن كېيىن بېكىتىدۇ، سىلوسلاشقا ئىشلىتىلىدىغانلىرىنىڭ ھەر موسىغا 120 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، دېنى يىغىۋېلىنىدىغانلىرىنىڭ ھەر موسىغا 18 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ. خاس ئىقتىسادىي زىرائەتلەرگە ۋىلايەت، ناھىيەلەر ئۆز جايىنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، خاس ئىقتىسادىي زىرائەتلەرگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسى (كېۋەز، باغ ـ ئورمان، كۆكتاتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نى بېكىتىدۇ.

ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش تەرتىپىدە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئاشكارا ئېلان قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ

«لايىھە»دە مۇنداق بەلگىلەندى: ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش تەرتىپىدە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئاشكارا ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قاتتىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇشى كېرەك.

دېھقان ئائىلىلىرى (تېرىقچىلىق ئائىلىسى) كەنت ئاھالە كومىتېتىغا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ياردەم تولۇقلىمىسى كۆلىمىنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك. كەنت «ئىككى كومىتېتى» ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە تەشكىللەپ، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئاشكارا ئېلان قىلىشنى يولغا قويۇشى كېرەك، ئاشكارا ئېلان قىلىش مەزمۇنى ئاساسلىقى ئىلتىماس قىلىنغان سورت، ئىلتىماس قىلىنغان كۆلەم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، ئاشكارا ئېلان قىلىش ۋاقتى بەش خىزمەت كۈنىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. يېزا (بازار) تەشكىلاتلىرى كەنت يۇقىرىغا يوللىغان تېرىلغۇ يەر ياردەم تولۇقلىمىسى كۆلىمىنى نەق مەيداندا قايتا تەكشۈرۈپ دەلىللەشنى قانات يايدۇرۇپ، خاتالىق كۆرۈلمىگەندىن كېيىن، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، بىكىتىشىگە سۇنۇشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى باشلامچى بولۇپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، مالىيە، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، يېزا ـ بازارلار قايتا تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىنكى تېرىلغۇ يەر ياردەم تولۇقلىمىسى كۆلىمىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ دەلىللىشى كېرەك. ناھىيە (شەھەر، رايون) تەكشۈرۈپ بېكىتىپ خاتالىق كۆرۈلمىگەندىن كېيىن، كەنت دەرىجىلىك ئورۇنغا كەنت ئاھالە كومىتېتىدا 2 ـ قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىشنى ھاۋالە قىلىشى، ئاشكارا ئېلان قىلىش مەزمۇنى ئاساسلىقى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش كۆلىمى، ياردەم تولۇقلىمىسى سوممىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، ئاشكارا ئېلان قىلىش ۋاقتى بەش خىزمەت كۈنىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. 2 ـ قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىشتا باشقىچە پىكىر بولمىغاندىن كېيىن، ناھىيە (شەھەر، رايون)لۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىنى تېرىلغۇ يەر ياردەم تولۇقلىمىسى كۆلىمى ئاساسىي سانلىق مەلۇماتى ۋە ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىشى ھەم مالىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ياردەم تولۇقلىمىسىنى نەقلەشتۈرۈش خىزمىتىنى بېجىرىشى كېرەك. نەقلەشتۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئائىلە بويىچە تىزىملاش دەپتىرىگە ئاساسەن دېھقانلارغا ياردەم تولۇقلىمىسىنى نەقلەشتۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى تارقىتىشى، دېھقانلار ياردەم تولۇقلىمىسىنى نەقلەشتۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى ئالغاندا، ئائىلە بويىچە تىزىملاش دەپتىرىگە ئىمزا قويۇپ، بارماق باسقاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلار ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى تارقىتىشقا تەشكىللەپ، ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنىڭ «تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى» ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

[ئەسكەرتمە]

ياردەم تولۇقلىمىسى شەرتلىرىنى بىلىش كېرەك

بىرىنچى، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تېرىلغۇ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئېنىق بېكىتىلگەن بولۇشى، تېرىلغۇ يەر ئەمەلىيەتتە بۇغداي، كۆممىقوناق، سىلوس يەم ـ خەشىكى، بېدە قاتارلىق ئالاھىدە زىرائەتلەرنى تېرىشقا ئىشلىتىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، تېرىلغۇ يەرگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشتە شاخ ـ شۇمبىلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى پائال قانات يايدۇرغان بولۇشى، يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش، يەر رەتلەش قاتارلىق تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش، تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق كونكرېت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇشى كېرەك.

ئۈچىنچى،ئوخشاش بىر پارچە يەرگە بىر يىلدا بىر قېتىم ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىشى، ئاق يەرگە تېرىلغان زىرائەتلەر ئالدىن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئوبيېكتى قىلىنىپ ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىشى، ئېڭىزغا تېرىلىدىغان كۆممىقوناق، بېدە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئوبيېكتىغا كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك.

تۆتىنچى، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان زىرائەتلەرگە كۈزگى بۇغداي، يازغى بۇغداي، ئاق يەرگە تېرىلىدىغان ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق، سىلوس يەم ـ خەشىكى، بېدە ۋە خاس ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشنىڭ ئىلگىرى ـ كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىلىشى كېرەك.

بەشىنچى، مېۋە بىلەن ئاشلىقنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئېتىزىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندىن كېيىنكى تېرىلغان ئاشلىق ساپ كۆلىمىگە قاراپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىشى كېرەك.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئاپتونوم رايوننىڭ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ:

بىرىنچى، چارۋىچىلىق ـ باقمىچىلىق فېرمىسى قىلىپ ئىشلىتىلگەن تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، پارچە ئاشلىق ئېتىزلىرى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك يېرىگە ئۆزگەرتىلگەن بولسا، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىلگەن (ئىگىلەنگەن) تېرىلغۇ يەر قاتارلىق ئىشلىتىلىش ئورنى ئۆزگەرگەن تېرىلغۇ يەرلەر.

ئىككىنچى، كۆپ يىللاردىن بۇيان تاشلىنىپ قالغان چۆل يەرلەر، ئىگىلەپ ئىشلىتىش بىلەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش داۋامىدا «تولۇقلانغان» يەر كۆلىمى، سۈپىتى تېرىقچىلىق شارائىتىغا يەتمىگەن تېرىلغۇ يەرلەر.

ئۈچىنچى، ئاپتونوم رايوننىڭ تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش (تەبىئىي ئورمان يېرى، ئوتلاق) ھەم تېرىلغۇدىن قايتۇرۇپ سۇ ئىشلىتىشنى ئازايتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن تېرىلغۇ يەرلەر.

تۆتىنچى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېچىلغان ھەمدە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن تېرىلغۇ يەرلەر.