قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 2022-يىللىق «ئون چوڭ ئەڭ گۈزەل يېزا يولى»نى ئېلان قىلدى   شىنجاڭدىن بىر يېزا يولى تاللاندى

日期:2023年06月26日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلارۋېي خۇڭيى، ۋاڭ مىن) 6-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ 2022-يىللىق «ئون چوڭ ئەڭ گۈزەل يېزا يولى»نى ئېلان قىلىش پائالىيىتى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىڭتەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە 2023-يىللىق «ئون چوڭ ئەڭ گۈزەل يېزا يولى»نى باھالاشخىزمىتى بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى.

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يەنچىڭ رايونىدىكى سۇڭيەن يولى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىڭتەي شەھىرى شىندۇ رايونىدىكى كاڭدا يولى، جياڭسۇ، جېجياڭ ئىككى ئۆلكىدىكى تۆت شەھەر(سۇجوۋ شەھىرى، خۇجوۋشەھىرى، ۋۇشى شەھىرى، چاڭجوۋشەھىرى)نىڭ تەيخۇ كۆلى ئايلانما تاشيولى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ شەھىرى كېچياۋ رايونىدىكى پىڭۋاڭ لىنىيەسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يەنتەي شەھىرىخەيياڭ شەھىرىدىكى پەنشى-جۇۋۇ (خەلق ئۆرپ-ئادەت ساياھەت يولى)، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پىڭدىڭشەن شەھىرى لۇشەن ناھىيەسىدىكى ناھىيە يولى كۆل ئايلانما يولى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياجيې شەھىرى ۋۇلىڭيۈەن رايونىدىكى چايۈەن تاشيولى، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ۋۇشەن ناھىيەسى جۇشيەن يېزىسىدىكى شياجۇاڭتيەن يولى، گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ زۇنيى شەھىرى بوجۇ رايونىدىكى فېڭيۈەندىن گۇباغىچە بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك يۇرتنى سېغىنىش يولى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك بازىرى سېرىق توغراق كەنتى-سۇبېشى كەنتى (534Y - لىنىيە) قاتارلىق ئون يېزا تاشيولى 2022-يىللىق «ئون چوڭ ئەڭ گۈزەل يېزا يولى» شەرىپىگە ئېرىشتى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ فاڭشەن رايونىدىكى شىنسى يولى قاتارلىق سەككىز يېزا تاشيولى 2022-يىلىدىكى «ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ يول ___ ئەڭقاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن يول» بولدى.

​ قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنداق دېدى: يېزا تاشيولى كەڭ ئاممىنىڭ قەلبىدىكى خەلق رايى قۇرۇلۇشى، دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇش، «توردا ئالقىشلانغان» قۇرۇلۇش، يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى دېھقانلارنى تېخىمۇ بېيىتتى، يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى، يېزا ئىگىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. «ئون چوڭ ئەڭ گۈزەل يېزا يولى»نى باھالاشپائالىيىتى ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ گۈزەل يېزا يولى قۇرۇلۇشىدىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنى يېزا تاشيول تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە قوللاشقا يېتەكلەپ، كەڭ ئاممىنىڭ يولنى سۆيۈش، يول ئاسراش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

يېزا تاشيولى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشكە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ، يېزىلارنىڭ ئورتاق بېيىشىغا كۈچ قوشۇشنى پۇختا قاتناش-تىرانسپورت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزا تاشيول مۇساپىسى 4 مىليون 531 مىڭ 400 كىلومېتىرغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ناھىيە يولى مۇساپىسى 699 مىڭ 600 كىلومېتىرغا، يېزا يولى مۇساپىسى 1 مىليون 243 مىڭ 200 كىلومېتىرغا، كەنت يولى مۇساپىسى 2 مىليون 588 مىڭ 600 كىلومېتىرغا يەتتى.