بۇرچىن: ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرە ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى يېزا-كەنت ساياھىتى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتتى

日期:2023年06月21日
来源:天山网
【字体:

مەنبە:بۇرچىن ناھىيەلىكيۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

6-ئايدىكى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتىدە، ئۆيلەر رەتلىك گىرەلەشتۈرۈپ سېلىنغان، يېزا-كەنت يوللىرى پاكىز، رەتلىك، يول چىراغلىرى تولىمۇ رەتلىك ئىدى، تاغ باغرى، سۇ بويىدىكى بۇ سەھرا مەنزىرىسى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى بەس-بەستە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

6-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە، چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جەزىگۈل نەسىرۇللا بىلەن قىزى ئايساۋلې سالتانات خۇڭ يېلىن خەلق ئۆرپ-ئادىتى ئائىلە زىيارىتى ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن،ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاشقا باشلىدى.

2017-يىلى، جەزىگۈل نەسىرۇللا كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن ئائىلىۋى مېھماخانا ئاچتى، قىزى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئالاقە تورى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ كەنت قىياپىتى، خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ھەم ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭڭ تىجارىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ساياھەتچىلەر كۈنسېرى كۆپەيدى. «بۈگۈن 20 نەچچە ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق، بىز مېھمانلارنىڭياقتۇرۇپ يېيىشى ۋە ئۇلارنىڭ تەم جەھەتتىكى تەلىپىگە ئاساسەن قورۇمىلارنى ياخشىلاپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇلارنى كۆپ خىل مىللىيچە خاسلىققا ئىگە تائاملار ۋە ئويۇنلار بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلەرنى خاتىرجەم يېيىش، خۇشال ئويناش، راھەت تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق» دېدى ئايساۋلې سالتانات.

ھازىر، چۇڭقۇر بازىرىنىڭ قىزىلقايىڭ كەنتىدە 40 نەچچە ئائىلىۋى مېھمانخاناقۇرۇلۇپ، «ساياھەتچىلىكى ئاۋات، ھەممە كەسىپ گۈللەنگەن، شەھەر-يېزا گۈزەل، پۇقرالار باي» بولغان ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسى شەكىللەندى، شۇ جاينىڭ خەلق ئۆرپ-ئادىتى مەدەنىيىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەنساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. «شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايانلىقىنى، تاغلىرىنىڭ يېشىل، سۇلىرىنىڭ سۈزۈكلىكىنى، قوي-كالىلىرىنىڭ سەمرىگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. بۈگۈن مول، تەملىك مىللىيچە خاسلىققا ئىگە مەززىلىك تائاملارنى يېدۇق، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە خەلق ئۆرپ-ئادەت ئويۇنلىرىنى كۆردۇق، بۇنىڭدىن كېيىنكى قاناس سەپىرىمگە زور ئۈمىدلەر باغلىدىم» دېدى ساياھەتچى جاڭ گولىن.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز مېۋە ئۈزۈش ساياھىتى، ئاتا-ئانىلار، بالىلار ساياھىتى، يېمەك-ئىچمەك ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى پائال يولغا قويۇپ، ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن بولغان ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى پىلانلاپ ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كەنتتىكى ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى كېلىدىغان، تۇرۇپ قالىدىغان، خۇشال ئوينايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ <تېز پويىز>ىغا چىقىرىمىز» دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىليۇ جىيۇڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى، خەلق ئۆرپ-ئادىتى ۋە يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيەسى قاتارلىق بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلار ئارامگاھى ئىستىراھەت ساياھىتىنى بەرپا قىلىپ، «خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش+يېزا-كەنت ئىستىراھەت ساياھىتى»نى مۇھىم نۇقتا قىلغان يېزا-كەنت ساياھەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشتىكى يېشىل كەسىپكە ئايلاندۇردى.

(بۇرچىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جارقىن)