كەنتتىكى ئاچا ـ سىڭىللار قوغۇن ـ تاۋۇز، كۆكتات مايسىلىرىنى «ئوپېراتسىيە قىلىش»قا ناھايىتى ئۇستا

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«تاۋۇز مايسىلىرى ئۇلانغاندىن كېيىن بەك رەتلىك ئۆسۈپتۇ، سەۋىيەڭلار بارغانسېرى ئۆسۈپتۇ!» 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى بازىرى بۇلۇڭكۆۋرۈك كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ سۇڭچياۋ باغۋەنچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، قوشنا كەنتتىكى قوغۇن ـ تاۋۇز تېرىش چوڭ ئائىلىسى ۋاڭ چېڭچيۇڭ زېھنى ئۆتكۈر، قولى ئەپلىك قىزلارنى ماختىدى.

خېرىدارنىڭ رازىمەنلىك چىقىپ تۇرغان كۈلكىسىنى كۆرگەن شىنجاڭ سۇڭچياۋ باغۋەنچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى بۇئايشەم ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: «ۋاڭ ئاچا، كەنتىڭلاردا قوغۇن ـ تاۋۇز مايسىسى، كۆكتات مايسىسىنى ئۇلاپ سورتىنى ياخشىلاشقا ئىھتىياجلىق بولغان تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى بولسا، خاتىرجەم باشلاپ كېلىڭلار. بىز بىرنەچچىمىز ئۇستامغا ئەگىشىپ تۆت ـ بەش يىل ئۆگەندۇق، يەتتە ـ سەككىز خىل مايسىنى پىششىق ئۇلىيالايمىز».

بۇئايشەمنىڭ ئۇستازى شىنجاڭ سۇڭچياۋ باغۋەنچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ما سۇڭ. ئۇ ئەسلىدە ئىگەرچى بازارلىق دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ كادىرى بولۇپ، 2008 ـ يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن كارخانا قۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ كېڭەيتتى. بۇ بىرقانچە يىلدا، ئۇلار ئۇلىغان تاۋۇز، قوغۇن، خاڭگا، چەيزە قاتارلىق قوغۇن ـ تاۋۇز، كۆكتات مايسىلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشتى، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنى ناھايىتى ئاز يۈزبەردى، بۇ، شۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە يۇمران مايسىلارنى ئۇلاپ سورتىنى ياخشىلاشنىڭ پايدىسىنى كۆرسەتتى.

شىركەتنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىن ئەتراپتىكى شىنجاڭ سۇڭچياۋ باغۋەنچىلىك چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ ئىشلەيدىغان كەنت ئاھالىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنىدىغان قوغۇن ـ تاۋۇز، كۆكتات مايسىلىرىنى ئۇلاپ سورتىنى ياخشىلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا زېھىن، سەۋرچانلىق ۋە ئىنچىكىلىك كېتىدۇ، بۇئايشەم ۋە ئۇنىڭ ئاچا ـ سىڭىللىرى بۇ خىزمەتنى «مايسىلارنى ئوپېراتسىيە قىلىش» دەپ ئاتىدى. دەسلەپتە، ئۇلارنىڭ ئۇلاش تىغى ۋە قىسقۇچ تۇتقان قوللىرى تىترەپ، قانداق قول سېلىشنى بىلەلمەي قالغانىدى.

«ھېچقىسى يوق، يۈرەكلىك سىناڭلار، مايسا كېرەكتىن چىقسا ماڭا ھېساب.» ما سۇڭ بىر تەرەپتىن ئۈلگە كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى. ئۇستامنىڭ يوغان قولى بىلەن ئىنچىكە تىغلىق ئەسۋابلارنى تۇتۇپ، خاڭگا مايسىسىنىڭ يىلتىز غولىنى ئەپچىللىك بىلەن كېسىپ، ئاستى يېرىمىنى قاپاق مايسىسىنىڭ يىلتىز غولىغا ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن تېزدىن ئۇلاش قىسقۇچى بىلەن مۇقىملاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، خىزمەتچى ئارزۇگۈل ئابدۇللا سەل ئىشەنچ قىلالماي قالدى: «بۇ تېخنىكا بەك قىيىن ئىكەن، ئۆگىنەلمىسەم قانداق قىلارمەن؟»

ئۇستىسىنىڭ قايتا ـ قايتا ئۈلگە كۆرسىتىشى بىلەن ئارزۇگۈل ئۇلىغان خاڭگا مايسىلىرى، چەيزە مايسىلىرى ئەي بولدى، ئۇنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش تېخنىكى بولۇش ئىشەنچى ئۇرغۇدى، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى قوغۇن ـ تاۋۇز مايسىسى، كۆكتات مايسىلىرىنى ئۇلاشنى سىنىدى. 2010 ـ يىلى ئەتىيازدا، ئۇ يېڭى بارغاندا بىر كۈندە ئاران نەچچە يۈز تۈپ مايسىنىلا ئۇلىيالايتتى، ھازىر بىر كۈندە 6000 تۈپ مايسىنى ئۇلىيالايدىغان بولدى. بىر تۈپ مايسىنى ئۇلاشنىڭ ئەمگەك ھەققى 0.15 يۈەن ئىدى. مايسا يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئالدىراش پەسلىدە، ئۇ بىر كۈندە 900 يۈەن كىرىم قىلىدۇ.

«مېنىڭ ئەڭ چوڭ ھاسىلاتىم تېخنىك بولۇپ يېتىلگەندىن كېيىن باشقا جايدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكلىرىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش بولدى. ئىلگىرى مەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن چىقىپ باقمىغان، ھازىر ھەممە يەرگە بېرىپ، تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمەن، دېھقانلارنىڭ تېخنىك خادىملارغا بولغان ھۆرمىتىنى ھېس قىلدىم، بۇنى ھەممىدىن بەك ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن» دېدى ئارزۇگۈل.

ما سۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، ئۇ يېتەكلىگەن شاگىرتلارنىڭ بەشى پىشقان ئۇلاش تېخنىك خادىمى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، دائىم كەسىپداشلىرى تەكلىپ قىلىدىغان، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى مەسلىھەت سورايدىغان «ئەڭگۈشتەر»گە ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ئارزۇسى كەلگۈسىدە يۇقىرى ساپالىق دېھقانلار ئۇنۋانىنى باھالاش ئارقىلىق ھەقىقىي دېھقان تېخنىكقا ئايلىنىش ئىكەن.