ھەبىبۇللا ئوتنى سىياھ، داغمالنى قەلەم قىلىپ، يېڭى تۇرمۇشنى سىزىپ چىقتى

日期:2022年05月20日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

بىر قاپاق، بىر تال تۆمۈر قەلەم، قەلەم قاپاققا تەگكەن ھامان پۇرقىراپ كۆك ئىس كۆتۈرۈلۈپ چىقتى، قاپاققا چۈشكەن كۆيۈك ئىزىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قاپاقتىكى مەنزىرىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى بارا- بارا ئايان بولدى.

خىزمەت سۇپىسى ئالدىدا ئولتۇرغان ھەبىبۇللا رەھمەت قولىدا داغمال قەلەمنى تۇتۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ كەينىدىكى شەكلى ھەر خىل قاپاقلار ۋە ئۇلارغا سىزىلغان مەزمۇنى ھەرخىل قاپاق داغلىما رەسىملەر كۆزنى قاماشتۇراتتى. گۈل- گىياھ، قۇشلار، تاغ- دەريالار ئىنتايىن جانلىق سىزىلغانىدى.

  5- ئاينىڭ 16- كۈنى، ھەبىبۇللا داغمال قەلەم بىلەن بېرىلىپ ئىجادىيەت قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن فوتوسى

ھەبىبۇللا يېڭىشەھەر ناھىيەسى ھاراپ يېزىسى زەنبىلتاياق كەنتىنىڭ ئاھالىسى. ئىلگىرى بېزەكچىلىك قىلىپ ھەم ئائىلىسىنىڭ 60 مو يېرىنى تېرىپ كېلىۋاتقانىدى. 2011- يىلى قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن بېلىنىڭ تۆۋىنى پالەچ بولۇپ قالدى، كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت» ىنىڭ ياردىمىدە، ھەبىبۇللا قاپاقنى «قەغەز»، داغمالنى «قەلەم» قىلىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى يارىتىشقا باشلىدى.

گەرچە دەسلەپكى مەزگىللەردە دائىم قوللىرىنى كۆيدۈرۈۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ھەبىبۇللا مەڭگۈ بەل قويۇۋەتمەيدىغان غەيرەت- شىجائىتى بىلەن داغلىما رەسىم سىزىشتا قەلەمنى قانچىلىك قىزىتىش، قاپاققا قانچىلىك بېسىم بىلەن تەگكۈزۈش، قانچىلىك سۈرئەتتە يۈرۈتۈش، قانچىلىك يانتولۇقتا تۇتۇشنى تەتقىق قىلىپ بىلىۋالدى.

«داغلىما رەسىم ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، ئەمما سىزىش ناھايىتى مۇرەككەپ. داغلىما رەسىم سىزغاندا چوقۇم تىنچ مۇھىتتا تۇرۇش كېرەك، بولمىسا دىققەت چېچىلىپ، رەسىم نەپىس چىقمايدۇ.» ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: «توك داغمالنىڭ تېمپېراتۇرىسى، يۈرۈتۈش سۈرئىتى ۋە بېسىم كۈچى قاپاقنى داغلاپ رەسىم سىزىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش- بولماسلىقىدىكى مۇھىم ھالقا، ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىمدىلا پۈتكۈزۈپ چىقىرىۋېتىش كېرەك، ئازراق توختاپ قالغاندا ياكى ئىككىلىنىپ قالغاندا، رەڭگى بەك قېنىق ياكى بەك سۇس بولۇپ قالىدۇ، پۈتۈن رەسىمنىڭ تەڭكەشلىكى ۋە كۆركەملىكىگە تەسىر يېتىدۇ».

ئاددىيغىنا قاپاقلار ھەبىبۇللانىڭ قولىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر- بىرلەپ رەسىم داغلىنىپ، سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلىنىدۇ.

«داغلىما رەسىملىك قاپاقنىڭ باھاسى ئادەتتە تۆۋەن بولغاندا 250 يۈەن، يۇقىرى بولغاندا 3000 يۈەن بولىدۇ، ئىشلەتكەن ھۈنەرگە قاراپ باھاسىمۇ ئوخشىمايدۇ.» ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: مەن ھەر يىلى قاپاق داغلىما رەسىم سىزىپ 50 مىڭ يۈەنگە يېقىن ساپ كىرىم قىلىمەن.

 5- ئاينىڭ 16- كۈنى، كەنت ئاھالىسى ئادىل ئوبۇل ھەبىبۇللادىن قاپاققا داغلىما رەسىم سىزىشنى ئۆگەنمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن فوتوسى

بۇلتۇر، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك مەدەنىيەت- ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ياردىمىدە، ھەبىبۇللا قاپاققا داغلىما رەسىم سىزىشنى باش تېما قىلغان بەختىيار ئائىلە دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى قۇردى.

«يېقىندىن بۇيان قومۇلغا ئەۋەتىدىغان زاكازلارنى ئىشلەۋاتىمىز.» ھەبىبۇللاغا ئەگىشىپ قاپاققا داغلىما رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىۋاتقان كەنت ئاھالىسى ئادىل ئوبۇل مۇنداق دېدى: بىز ئۈرۈمچى، قومۇل، قەشقەردىكى خېرىدارلار بىلەن سېتىش توختامى ئىمزالىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاۋباۋ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىمۇ سېتىۋاتىمىز.

«مەن بىر يىلدا داغلىما رەسىملىك قاپاقتىن 300نى ياسىيالايمەن.» ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: مەن قاپاققا داغلىما رەسىمنى داۋاملىق سىزىمەن، بۇمۇ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەد‍ەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغانلىق ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرغانلىق.

بۇنىڭدىن باشقا، ھەبىبۇللا يەنە كەنتتىكى ئىككى ياشنى قاپاققا داغلىما رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى. «ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى خەلقنىڭ ئۆرپ- ئادىتى سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىمەن.» ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: «ئۆگىنىشنى خالايدىغان ئادەم بولسىلا، ھەقسىز ئۆگىتىپ قويىمەن.»