كۇچا شەھىرى چىنەباغ كەنتى: ئىلگىرىكى «پاتقاقلىق» بۈگۈنكى كۈندە «بېيىش باغچىسى»غا ئايلاندى

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر گۇڭ شىجيې، ۋۇ لې) «مۇشۇ نەچچە كۈندە، مەن نيۇۋجياۋمى قوغۇننى بىر قېتىم سېتىپ چىقاردىم، ھەر كىلوگىرامىنى 12 يۈەندىن، 1000 كىلوگرامغا يېقىن ساتتىم.» دېدى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى، پارنىكتا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان كۇچا شەھىرىنىڭ بېھىشباغ يېزىسى چىنەباغ كەنتىدىكى دېھقان ئەخمەت تۇردى تەرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.

ئەخمەت ئائىلىسىنىڭ ئىككى تام پارنىكى بار بولۇپ، خاس تېرىقچىلىق ئارقىلىق، ھەر يىلى 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالالايتتى. چىنەباغ كەنتىدە، ئەخمەتكە ئوخشاش خاس تېرىقچىلىق ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرغان كەنت ئاھالىسى 630دىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 32 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى خاس تېرىقچىلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۈزۈش ساياھىتى، ھېس قىلىش ساياھىتى قاتارلىق ساياھەتچىلىك ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇردى.

«كەنتىمىزنى ئەسلىدە بىر دەريا جىلغىسى ئوراپ تۇراتتى، دائىم سېسىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى، يەرلىرىمىز شورلۇق ئىدى، كۆپچىلىك پۇل تاپىمەن دېسە، شەھەرگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشى كېرەك ئىدى.» دېدى 65 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئابلىكىم ھېكىم، 2002- يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 4000 يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى.

قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كەنت ئاھالىلىرىنى نەشپۈت ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەشنى قارار قىلدى، لېكىن نەشپۈت پەرۋىشىنىڭ تەلىپى قاتتىق، ئۈنۈم بېرىشى ئاستا بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ئانچە يۇقىرى بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن كەنت كادىرلىرى باشلامچىلىق بىلەن نەشپۈت كۆچىتى تىكتى. ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، نەشپۈتتىن ئۈنۈم كۆرۈلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ئارقىدىن نەشپۈت كۆچىتى تىكتى، كېيىن كەنتتە نەشپۈت ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى.

پايدىسىنى كۆرگەن كەنت ئاھالىلىرىنى توختىتىۋالغىلى بولماي قالدى، 700 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بازارغا ئەگىشىپ كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باش پىياز، چامغۇر، جۈسەي، چىڭسەي قاتارلىقلارنى تېرىدى.

«2008- يىلى، نەشپۈتىمىز شېنجېندا سېتىلدى؛ 2014- يىلى، چامغۇرىمىز بېيجىڭدا سېتىلدى. مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا، بىز بىر يىلدا بىر بالداق ئۆرلەپ، كەسىپ زەنجىرىنى پۇختا ئۇزارتىپ، مايسا يېتىشتۈرۈش، ئۈزۈش، ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان پارنىك مېۋە- كۆكتات كەسپى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كەسىپ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلدۇق.» دېدى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئالىم جۈمە كۈلۈپ تۇرۇپ.

2021- يىلى، چىنەباغ كەنتى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زورايتىش مەخسۇس مەبلىغىنى ئىشلىتىپ يېڭىدىن 100دىن ئارتۇق مېۋە- كۆكتات، گۈل- گىياھ پارنىكى ياساتتى. ئالىم بىر نەچچە پارتىيە ئەزاسىنى باشلاپ بىر ياقتىن تەرەپ- تەرەپتىن ئۇستاز تۇتۇپ تېخنىكا ئۆگەندى، يەنە بىر ياقتىن باشلامچىلىق بىلەن سېمونت يول ياساپ، پولات قۇرۇلمىلىق كۆكتات پارنىكى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنتنىڭ تۇپراق ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەسەن- ھۈسەن تاۋۇز، كىچىك خوڭباۋ تاۋۇز قاتارلىق سورتلارنى كىرگۈزۈپ، بىر يىل سىناق قىلىش ئارقىلىق ھەسەن- ھۈسەن تاۋۇز تېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. ھازىر، ھەسەن- ھۈسەن تاۋۇز تېرىلغان كۆلەم 50 مودىن ئېشىپ، بىر تۈرلۈك يېڭى خاس كەسىپكە ئايلاندى.

كەسىپ زورايدى، تۇرمۇش بېيىدى، كەنت ئاھالىلىرى گۈزەللىكنى سۆيىدىغان بولدى، ھەممە ئائىلىگە ئاسفالت يول تۇتاشتۇرۇلدى، ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يول چىرىغى بار بولدى، كەنتتە يەنە 12 ئورۇندا كىچىك سەيلە باغچىسى قۇرۇلۇپ، «كەنت سۈرەتتەك بولۇش، ئادەم مەنزىرە ئىچىدە بولۇش» ئارزۇسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«ھازىر بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، <پاتقاقلىق> <بېيىش باغچىسى>غا ئايلاندى، شەھەردىكىلەرمۇ بەس- بەستە كەنتىمىزگە ساياھەت قىلىپ ئويناپ، دەم ئالغىلى كېلىدىغان بولدى.» دېدى كەنت ئاھالىسى نۇرگۈل ئېزىز پەخىرلەنگەن ھالدا.