خاس كەسىپ كىرىمنى ئاشۇردى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى

日期:2022年05月16日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئىشخىلا بازىرى تۆۋەنكى بىجاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى مول ھوسۇل ئېلىنغان قىزىلگۈللەرنى كۆرسەتمەكتە.

نىياز راخمان فوتوسى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى ئىشخىلا بازىرى شەھەر ئەتراپىغا جايلىشىشتەكئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قىزىلگۈل، ئەنجۈر، پەسىلسىز كۆكتات، پەسىللىك مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بويىچەخاس تېرىقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇردى.

5-ئاينىڭ 10-كۈنى، لوپ ناھىيەسى خېتيەنشيا كەپتەرچىلىك چەكلىك شىركىتى نەسىللىك كەپتەر يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى خىزمەتچىلەر نەسىللىك كەپتەرنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپ ناھىيەسى گۆش كەپتىرى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، باقمىچىلىق تۈرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەتكۈزۈلىدىغان يەم-خەشەكنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخنىكا مۇلازىمىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەھسۇلات سېتىۋېلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۆلەملىك تىجارەتنى تايانچ، مەنپەئەت باغلىنىشىنى ۋاسىتە قىلغان كەپتەر كەسپى تىجارەت بىرلەشمە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر، بۇ ناھىيەدە نەسىللىك كەپتەر يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن ئىككىسى قۇرۇلدى، ھازىر بېقىلىۋاتقان كەپتەر 97 مىڭغا يەتتى.

5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى جىنخۇا يېڭى كەنتىدىكى دېھقانلار قارا مور ئۆستۈرۈش بازىسىدا قارا مور ئۈزمەكتە.

ئېزىز سامساق فوتوسى

بۇ يىل، بۇ بازا جىنخۇا شەھىرىدىن 10 مىڭ 800 دانەقارا مور زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنى كىرگۈزدى، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىلمىي باشقۇرۇشى ئارقىلىق، ھازىر ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى. بۇ بازا ئونسۇ ناھىيەسىدە زەمبۇرۇغ تاياقچە زاۋۇتى ۋە قارا مور ئىنچىكە پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، قارا مورنىڭ زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېرېئولۇق ئۆستۈرۈش، مەھسۇلاتنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، قارا مور پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىدى.

5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساۋەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە داچۇەن يېزايېجاخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئەنجۇدان يىغىۋېلىشىغا ياردەم بەرمەكتە.

ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

ئورمانلىق ئاستىيەر بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت كەنت ئاھالىلىرىنى ئورمان يېرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كىرىشتۈرۈپ تېرىش بويىچە 30 مو يەرگە ئەنجۇدان تېرىشقا پائال يېتەكلىدى، بۇ يىل ئەتىيازدا ھەر مو يەرنىڭئىككى ئېڭىزىدىن 24 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، ئورمان يېرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى