دۈت، دۈت − ۋاق ـ ۋاق كەنتىنىڭ «كىچىك پويىزى» كەلدى

日期:2022年05月16日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇڭ ۋېيگو، لۇ فېڭباۋ

«دۈت، دۈت...» 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ بازىرى ۋاق ـ ۋاق كەنتىدە كەينى ـ كەينىدىن زىل گۈدۈك ئاۋازى ياڭرىدى، پويىز شەكلىدىكى بىر سەيلە ـ ساياھەت ئاپتوموبىلى كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن ھەيدەپ چىقىلدى.

«بۇ <كىچىك پويىز>نىڭ كەنتىمىزدە خېلى نامى بار، ئۇنىڭ داڭقىنى كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، <كىچىك پويىز>غا ئولتۇرغانلار كەنتىمىزنىڭ مېھمانلىرى» دېدى ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ بازىرى ۋاق ـ ۋاق كەنتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى شى كېۋېي.

بۈگۈنكى كۈندە، تېرىسى قارىداپ، بىر جۈپ قولى يىرىكلىشىپ كەتكەن شى كېۋېينىڭ تەق ـ تۇرقى ۋاق ـ ۋاق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئۇ جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پەن ـ تېخنىكا ئۇچۇر بۆلۈمى پەن ـ تېخنىكا سانائىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئۇ بېيجىڭنىڭ چاڭئەن كوچىسىدىكى ئىشخانا بىناسىدا پەن ـ تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلاتتى.

2019 ـ يىلى كەنتكە ئەمدىلا كەلگەن چاغدىكى كۆرۈنۈش شى كېۋېينىڭ ئېنىق ئېسىدە: كەنتتە يول چىرىغى يوق بولۇپ، كەچ بولغاندا ھەممە يەر قاپقاراڭغۇ بولۇپ كېتەتتى؛ تۇرۇبا سۈيى يولى ئۆزگەرتىلىۋاتقان بولۇپ، يولدا چاڭ ـ توزان توزۇپ تۇراتتى؛ تاشلاندۇق، كونا خىش زاۋۇتىنىڭ ئەتراپى كەڭ كەتكەن پارچە ـ پارچە چۆللۈك ئىدى...

مۇخبىرلار «كىچىك پويىز»غا ئولتۇرۇپ كەنتنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىنى كۆردى: چۆللۈكتىكى 300 نەچچە مو يەردىكى شاپتۇل كۆچەتلىرى ئورمانغا ئايلانغانىدى، يېپيېڭى قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرى كەنت يولىنى بويلاپ ئورنىتىلغانىدى، تاشلاندۇق، كونا خۇمدانلار قەھۋەخانىغا ئۆزگەرتىلىش ئالدىدا تۇراتتى، كەنتنىڭ ھەممىلا يېرىدە قاتار ـ قاتار رەتلىك، پاكىز ئۆيلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەنگەنىدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچتىن كەلگەن.

قىزىلسۇ ئوبلاستى بويا ئۇچۇر پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئاتۇش شەنشۇي شىڭنۇڭ قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، تاۋخۇاداۋ ساياھەت مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى، سوغۇق پىرېسلاپ خىش قۇيۇش زاۋۇتى، ئۆي ـ مۈلۈك مۇلازىمەت شىركىتى... «كىچىك پويىز»نىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىركەتلەر كەينى ـ كەينىدىن مۇخبىرلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. شى كېۋېي مۇنداق دېدى: بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى كەنت قۇرغان ياكى مەبلەغ سالغان شىركەتلەر.

2019 ـ يىلىدىن باشلاپ، ۋاق ـ ۋاق كەنتى تولۇق مەبلەغ بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇش، مەبلەغ چىقىرىپ پاي كونترول قىلىش ۋە پاي قوشۇش شەكلى ئارقىلىق بەش شىركەت قۇردى، بۇ شىركەتلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى ياخشى جاي بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن كەنتنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەنت دەرىجىلىك ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. كەنت كوللېكتىپىنىڭ ساپ كىرىمى 2019 ـ يىلىدىكى 300 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، 2021 ـ يىلى 1 مىليون 570 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ۋاق ـ ۋاق كەنتى «مەملىكەت بويىچە يېزا ـ كەنتلەرنى تۈزەشتىكى ئۈلگىلىك كەنت» ۋە «ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت»كە ئايلاندى، كەنت ئاھالىلىرى «تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك» تۇپراقتا ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى.

«بىز دۇكان ئېچىشنى ئويلاشقانىدۇق، تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەر كېتىدۇ؟» ۋاق ـ ۋاق كەنتى 6 ـ ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ مىكرو پارتىيە قۇرۇلۇشى پونكىتىدا، كەنت ئاھالىسى ۋەلى ئابدۇرېشىت كەسىپتىن مەسلىھەت سوراۋاتاتتى.

6 ـ ئاھالە گۇرۇپپىسى بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئارىلىقى تۆت كىلومېتىر بولۇپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بىر قېتىم بېرىپ كېلىش ئۈچۈن 20 مىنۇتقا يېقىن ۋاقىت كېتەتتى. «كەنت بىزنىڭ ئاھالە گۇرۇپپىمىزدا مىكرو پارتىيە قۇرۇلۇشى پونكىتى قۇردى، 29 تۈرلۈك كەنت دەرىجىلىك ئىشلار ۋە سىياسەتتىن مەسلىھەت سوراش تۈرىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى يېقىن ئەتراپتىلا بېجىرەلەيدىغان بولدۇق» دېدى ۋەلى.

شى كېۋېي مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ۋاق ـ ۋاق كەنتىدە جەمئىي سەككىز ئاھالە گۇرۇپپىسى، 3000دىن ئارتۇق ئادەم بار، بىرقەدەر تارقاق ئولتۇراقلاشقان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، كەنت ئاھالە كومىتېتى، خىزمەت ئەترىتى بىرقەدەر چەت، يىراق بىرقانچە ئاھالە گۇرۇپپىسىدا مىكرو پارتىيە قۇرۇلۇشى پونكىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئېھتىياجىنى بىر كۆزنەك شەكلىدە ھەل قىلدى.

مىكرو پارتىيە قۇرۇلۇشى پونكىتىدىن چىققاندىن كېيىن، «كىچىك پويىز» يەنە مۇخبىرلارنى ئېلىپ ۋاق ـ ۋاق كەنتى ساياھەتچىلەر مەركىزىگە كەلدى، ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ دەرۋازىسىغا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تاۋار مەركىزى، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش مەركىزىدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىۋىسكا ئېسىلغانىدى.

نەپىس ئىشلەنگەن ئاتكرىتكىلار، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى ياسىغان قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىنىڭ پۇكىيىگە لىق تىزىلغان بولۇپ، ھەربىر مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتىدىن ۋاق ـ ۋاق كەنتىنىڭ ئۆزگىچە پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى.

شى كېۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يەر كەنتكە كىرىشتىكى ئاساسلىق يول ئېغىزى بولۇپ، ئىلگىرى بىر بوش يەر ئىدى. ۋاق ـ ۋاق كەنتى ئاتۇش شەھىرى مەركىزىگە ئۈچ كىلومېتىرلا كېلىدۇ، ھەپتە ئاخىرى بولسىلا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى كەنتكە سەيلە ـ ساياھەت قىلغىلى كېلىدۇ. كەنتتە نۇرغۇن ھۈنەر ـ سەنئەت ماھىرى بار، ئۇلار ھەر خىل مەززىلىك تائاملارنى ئېتىپلا قالماي، قوي مېيى سوپۇنى، توڭلاتقۇ چاپلىقى قاتارلىق قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسىيالايدۇ. كەنتتە ساياھەتچىلەر مەركىزى قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ياسىغان قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى سېتىلىدىغان بولدى. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى تېزلىكتە نام چىقىرىپ، ۋاق ـ ۋاق كەنتى پوچتا پونكىتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئاتكرىتكىلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا ئەۋەتىلدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا پوچتا ئارقىلىق يوللاندى.

«2021 ـ يىلى، كەنتىمىز 3000غا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، ئاتكرىتكىدىنلا 1000 يۈرۈشكە يېقىن سېتىلدى.» ۋاق ـ ۋاق كەنتى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى رامىلە ياقۇپ مۇنداق دېدى: ۋاق ـ ۋاق كەنتى خاتىرىلىرى مۇجەسسەملەنگەن ئاتكرىتكىلار تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ گۈزەل كەنتنى تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.