بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 3 مىليون مودىن ئارتۇق كېۋەز مايسا پەرۋىشى مەزگىلىگە كىردى

日期:2022年05月13日
来源:天山网
【字体:

باش ياز مەۋسۇمىدىن كېيىن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 3 مىليون مودىن ئارتۇق كېۋەز مايسا پەرۋىشى مەزگىلىگە كىردى، پاختىكارلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كېۋەزلىكتىكى زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياندىن توپا يۆلەش، ئوتاش قاتارلىق ئېتىز پەرۋىشىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىللىق پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يېڭى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىشنى يولغا قويۇپ، كېۋەزدە ماشىنىلاشتۇرۇشنى قوللىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.



5- ئاينىڭ 11- كۈنى، تېخنىكلار تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن يېزىسىدىكى بىر كېۋەزلىكتە زىيانداش ھاشارات دورىسى چاچماقتا.

چۆ. خۇرە فوتوسى



5- ئاينىڭ 11- كۈنى ، پاختىكار تىراكتورنى ھەيدەپ، كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن يېزىسى تەرەققىيات 1- ئەترىتىدىكى كېۋەزلىكتە ياندىن توپا يۆلەش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

چۆ. خۇرە فوتوسى



5- ئاينىڭ 11- كۈنى، تېخنىكلار كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن يېزىسىدىكى بىر كېۋەزلىكتە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇغا زىيانداش ھاشارا دورىسى قۇيماقتا.

چۆ.خۇرە فوتوسى



5- ئاينىڭ 11- كۈنى، پاختىكار كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن يېزىسى تەرەققىيات 1- ئەترىتىدىكى كېۋەزلىكتە مايسا ئوتىماقتا.

چۆ. خۇرە فوتوسى



5- ئاينىڭ 11- كۈنى، تېخنىكلار تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن يېزىسىدىكى بىر كېۋەزلىكتە زىيانداش ھاشارات دورىسى چاچماقتا.

چۆ. خۇرە فوتوسى