جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى | جەلپكار خوتەن يېڭى كەيپىيات ھەممە يەرنى باھار تۈسىگە كىرگۈزدى

日期:2022年05月11日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 2-كۈنى، تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ۋە شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرى كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى ۋەنفاڭ كەنتىدە قىزىلگۈل ئۆستۈرگۈچىلەرنى زىيارەت قىلماقتا. 

 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى قىزىل پانۇس ياسىماقتا. قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتى كەنت قۇرغان زاۋۇت ئارقىلىق كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

4-ئاينىڭ 28-كۈنى، پىدائىيلار كوچا ئېرىق كەنتىدە مەدەنىيەت تېمىغا رەسىم سىزماقتا. لوپ ناھىيەسى چارباغ بازىرى كوچا ئېرىق كەنتى 2021-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قىلىپ بېكىتىلىپ، كىشى بېشى يىللىق ساپ كىرىمى 13 مىڭ 300 يۈەنگە يەتتى.

خوتەن ناھىيەسىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 1000 پارنىكىنىڭ سىرتقى مەنزىرىسىگە بوشلۇقتىن نەزەر (4-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر سېختا تىڭشىغۇچ زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقارماقتا. قاراقاش ناھىيەلىك كەسىپ-شەھەريۇغۇرۇلما ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا جايلاشقان خوتەن لىڭخەي ئېلېكتىرون چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باتارېيە، زەرەتلىگۈچ، تىڭشىغۇچ، ئاق ماگنىتلىق كاناي قاتارلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ ئاچىدىغان، ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ساتىدىغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك كارخانا بولۇپ، تۈرلۈك ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىدىن 100 خىلدىن ئارتۇقنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

4-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئارتىسلار خوتەن كەچلىك بازىرىدا ساياھەتچىلەرگە ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە.

4-ئاينىڭ 26-كۈنى، خوتەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا. خوتەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى قۇرغاندىن بۇيان، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىدىن جەمئىي 17 مىڭ 700 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى تەربىيەلىدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى تاڭ يۇڭ، راھىدەفوتوسى، خەۋىرى

4-ئاينىڭ 28-كۈنى، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى» چوڭ تىپتىكىپۈتۈن تاراتقۇزىيارەت پائالىيىتى باشلاندى، تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كىچىك ئەترىتى بىرىنچى بېكەتتە خوتەن ۋىلايىتىگە كېلىپ يۈرۈش قىلىش شەكلىدىكى، ھەمتۈرتكە شەكلىدىكى زىيارەتنى قانات يايدۇردى.

خوتەن شەھەرلىك توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسىپلەر باغچىسى، خوتەن ناھىيەلىكزامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى، قاراقاش ناھىيەلىك كەسىپ-شەھەر يۇغۇرۇلما ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، لوپ ناھىيەلىك چاچ بۇيۇملىرىكەسىپلەر باغچىسى، گۇما رەقەملىك ئىقتىساد كەسىپلەر رايونى... باغچە رايونىدىكى تۈرلۈك كارخانىلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، ئاياغ، پايپاق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، قاپلاش دائىرىسى مىسلىسىز كېڭەيدى.

كەنت قۇرغان زاۋۇتتىن 13ى بار قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇن ئېرىق كەنتى؛ ئېسىل تۇرمۇشنى تامغا سىزىپ چىققان لوپ ناھىيەسى چارباغ بازىرى كوچا ئېرىق كەنتى؛ ھەممە يېرى قىزىل، ھاۋانى قىزىلگۈلنىڭ خۇش پۇرىقى قاپلىغان كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى ۋەنفاڭ كەنتى... كەسىپ تەرەققىي قىلدى، مۇھىتى گۈزەللەشتى، تۇرمۇش بەختكە تولدى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بۇ يەردىكى ھەممە كەنتنى ياخشى مەنزىرىگە ئىگە قىلىپ، ھەممە كىشىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان تاشيول تورى، قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۆمۈريول تورى، تەرەپ ـ تەرەپ گىرەلەشكەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى، بارغانسېرى زىچ «توقۇلۇۋاتقان» جەنۇبىي شىنجاڭ قاتناش يول تورى شۇ جاينىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى، ئىلگىرىكىچەت، يىراق، بېكىنمە ھالەتتىكى جەنۇبىي شىنجاڭ بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ئۇچقاندەك ماڭماقتا.

ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان زاۋۇت ئۆيلىرىدە، مال سېتىش قىزىپ كەتكەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيلىرىدە، يېشىللىققا تولغان كۆكتات پارنىكلىرىدا، شاد-خۇراملىققا چۆمگەن دېھقانلار ھويلىلىرىدا... بۇ يەردە، ھەممە گۈللەپ ياشنىماقتا.

يېزا-كەنتلەرنى كۆرۈش، باغچە رايونلىرىنى زىيارەت قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈش، مىكرو خاتىرە قالدۇرۇش، بارغانلا يەرنىڭ ھەممىسى «يېڭى»غا قاراپ ئىلگىرىلىگەن، كۆرگەنلا جاينىڭ ھەممە يېرىدە يېڭى مەنزىرە ھاسىل بولغان، زىيارەت قىلغانلىكى كىشىلەردە يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالغان، بۇلار «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى»نىڭ جانلىق مەنزىرىسىنى مۇجەسسەملىدى.