گۈزەل تۇرمۇش «قەغەز» يۈزىدە جانلىق گەۋدىلەندى

日期:2022年04月26日
来源:天山网
【字体:

ئاناربۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ)

ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قېلىپقا سېلىنىپ قۇرۇتۇلۇۋاتقان ئۈجمە قوۋزىقى قەغەزلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى، ئىللىق قۇياش نۇرى ئۆگزىگە، ھويلا تېمىغا چۈشۈپ تۇراتتى. ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى ياساش ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى بۇزەينەپ ئىسمايىل ھويلىدا ئولتۇرۇپ، بەكىسىنى ئەپچىللىك بىلەن ئوينىتىپ، ئاجرىتىلىپ تەييارلانغان ئۈجمە قوۋزىقىدىن سۇس يېشىل رەڭلىك، يېرىم سۈزۈك ئىچكى پوستىنى ئاۋايلاپ سويۇپ چىقىرىۋاتاتتى، ئەتراپىدىكى ساياھەتچىلەر سىناپ بېقىشقا تەقەززا بولۇپ تۇراتتى.

«ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى ياساش ھۈنىرى» دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى بازىرى بۇدا كەنتىگە «ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى يۇرتى» دەپ نام بېرىلگەن. بۇزەينەپ ئائىلىسى شۇ جايدىكى داڭلىق «ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى ۋارىس ئائىلىسى» بولۇپ، ۋارىس بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئۈجمە قەغىزى ياساۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى.

2021- يىلى 4- ئايدا، بۇدا كەنتى ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى مەدەنىيەت كەسىپلەر باغچىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، باغچە ئىچىگە ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى ياساش دۇكىنى، ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى مۇزېيى قاتارلىق ئورۇنلار قۇرۇلدى. مەدەنىيەت كەسىپلەر باغچىسىغا ئاران نەچچە ئون مېتىر كېلىدىغان بۇزەينەپ ئائىلىسىنىڭ ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى دۇكىنىمۇ تەبىئىي ھالدىلا ئائىلە زىيارىتى قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

«مەن بۇ يەردە تۇنجى قېتىم قەغەز ياساش جەريانىنى، دەرەخ قوۋزىقى سويۇلغاندىن تارتىپ بوتقىغا ئايلانغىچە، سۈزۈش، قەغەز ياساشقىچە بولغان جەرياننى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدىم» دېدى بېيجىڭلىق ساياھەتچى لى فېي.

يېقىندا، بۇزەينەپنىڭ ئۆيىگە بىر نەچچە ئالاھىدە مېھمان كەلدى. رەسسام خۇاڭ لىگو جېجياڭدىن، شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يالقۇن غازى ئۈرۈمچىدىن كەلدى، فوتوگراف گاۋ ۋېيخۇ بولسا كەنتنىڭ دائىملىق مېھمىنى. بۇزەينەپ مۇنداق دېدى: ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپ، بىزنىڭ ئۆيدە بىر ھەپتە تۇرۇپ، ئۈجمە قوۋزىقىدىن قەغەز ياساش ھۈنىرىنى مەخسۇس ئىگىلىدى.

«سۇس سېرىق رەڭلىك ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى تەبىئىي رەڭدە بولۇپ، ئاددىي ھەم نەپىس، مەن جۇڭگوچە رەسىم بىلەن ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزىنى يۇغۇرۇپ ئىجادىيەت قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندىم.» خۇاڭ لىگو مۇنداق دېدى: ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزىگە رەسىم سىزغاندا، جۇڭگوچە رەسىمنىڭ نۇرغۇن ئىجادىيەت ئېھتىماللىقى كۆپىيىدۇ.

گاۋ ۋېيخۇ ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى ياساش تېخنىكىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، نەچچە قېتىم كەنتكە كېلىپ تۇرمۇش ئۆگەندى، «ۋارىسلار نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا بولغان دىققىتىنى كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت مەزمۇنىنى، ھۈنەرۋەن روھىنى تارقاتتى. مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ مېنىڭ كامېرايىمدىن پايدىلىنىپ، خوتەننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە خەلقنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى تونۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

سەنئەتكارلارنىڭ كېلىشى بىلەن بۇدا كەنتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، خوتەندە تۇرمۇش ئۆگىنىش، ناتۇرا سىزىش ئىجادىيەت بازىسىغا ئايلاندى، ئاددىي- ساددا، سەمىمىي دېھقانلار سەنئەتكارلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى داڭلىق خەتتات ۋە رەسساملارنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى نەپىس رەسىملەرگە ئايلاندى. ھەپتە ئاخىرى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى كېلىشى بىلەنلا، نۇرغۇن كىشى رەسىم سىزىش تاختىسى، فوتو ئاپپاراتىنى يۈدۈپ زىيارەتكە كەلدى... بۇنىڭدىن بۇزەينەپ يېڭى سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى دۇكىنى ئېچىشتىن باشقا، مەن يەنە مەدەنىيەت كەسپىلەر باغچىسىدا سامسىخانا ئاچتىم، سودام ناھايىتى ياخشى.» كەنت ئاھالىسى سەيدىنىساخان روزىمەمەت ئۆيىنى پۇقراۋى قونالغۇغا ئايلاندۇردى، «ھازىر بەزىدە بىر ئايدا تاپقان پۇلىمىز ئىلگىرىكى بىر يىلدىكىدىنمۇ كۆپ».

«بىر نەچچە يىل ئىلگىرى كەلگىنىمدە، بۇ يەردە پەقەت بىر نەچچە ئېغىزلا بىر قەۋەتلىك ئۆي بار ئىدى. بۇ قېتىم كېلىپ، كەنت يوللىرىنىڭ تۈزلىنىپ، كەڭرىپ كەتكەنلىكىنى، دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىنىڭ چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى مەدەنىيەت كەسىپلەر باغچىسىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى، يەنە تۈرلۈك مەززىلىك تائاملار ئاشخانىلىرى ۋە پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم، ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك چوڭ ئىكەن.» يالقۇن مۇنداق دېدى: بىر ۋاراق ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى يۇرتنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى ساقلاپ قالدى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى «قەغەز» يۈزىدە جانلىق گەۋدىلەندى.