ھاللىق جەمئىيەت مەنزىرىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جۇلالاندى

日期:2021年09月03日
来源:天山网
【字体:

6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى لەڭگەر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى قوغۇن ئۈزمەكتە. بۇ يىل، كۇچا شەھىرى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، دېھقانلارنى چىلگە قوغۇن تېرىشقا پائال يېتەكلىدى. ھازىر، بۇ شەھەردىكى 5490 مو يەرگە تېرىلغان قوغۇن ئارقا - ئارقىدىن بازارغا كىرىپ، ئۈرۈمچى، ئىلى، خوتەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، مو بېشى كىرىمى 4200 يۈەن بولىدىكەن. □ نىياز راخمان فوتوسى

G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئۆتىدىغان ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نىرىنكىر قازاق يېزىسى (6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«ئىلگىرى بىز بۇنداق كىچىك تاغلىق كەنتتىمۇ يەسلى، داۋالاش ئۆيى، مەدەنىيەت پونكىتى قاتارلىقلارنىڭ سېلىنىدىغانلىقىنى، ھەممە ئائىلىنىڭ چىرايلىق ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىدىغانلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ پۇل تېپىش يولى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق» دېدى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى تاغلار ئارىسىغا جايلاشقان بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسى قورغان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇنىياز ئابدۇراخمان 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ھاياجانلانغان ھالدا.

رەڭدار ياز كۈنلىرى، تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى تېخىمۇ جۇلالاندى؛ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەدەملىرى تېخىمۇ مەزمۇت بېسىلدى.

ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان بوشاشماي ئىنتىلىپ كەلگەن ئارزۇسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە يولداش دېڭ شياۋپىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ، پارتىيە 16 -، 17 - قۇرۇلتىيىدا ئۇدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشقىچە؛ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدا «دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويدى» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تارتىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ھازىردىن باشلاپ 2020 - يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مەزگىلى» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغۇچە...... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، بىر نىيەتتە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىغا ئاتلىنىپ، «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىر مىللەتمۇ، بىر ئائىلىمۇ، بىر ئادەممۇ كەم قالسا بولمايدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئىللىقلىقى ۋە كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش

پاتەم ئەخمەت كۈندە ئىشقا بېرىپ - كېلىش جەريانىدا، كەنتتىكى ئاچا - سىڭىللار ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، كىيىم - كېچەك، چاچ پاسونىنىڭ مودىلاشقانلىقىنى، چىرايىدىكى تەبەسسۇمنىڭ تېخىمۇ ئىشەنچكە تولغانلىقىنى ھېس قىلدى. تونۇش - بىلىشلەر توكسىكلىت مىنىپ يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، بىردەم توختاپ تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشاتتى.

پاتەم ئەخمەت تۇرۇشلۇق قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتى ئىلگىرى يىراق - يېقىندا نامى بار ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. كەنتتە كىشى بېشىغا ئاران يېرىم مودىن تېرىلغۇ يەر توغرا كېلەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتتە ئارقا - ئارقىدىن سۈپۈرگە زاۋۇتى، شېكەر زاۋۇتى قاتارلىق 16 كىچىك زاۋۇت قۇرۇلدى، 28 يەككە تىجارەتچىنىڭ تۈرتكىسىدە كەنتتىكى %90 ئاھالە ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى.

«يېزىمىزدا 23 مەمۇرىي كەنت بار، كەسىپ تىرىكى كەمچىل بولغاچقا، ئىلگىرى 22سى نامرات كەنت ئىدى. بۇ بىرقانچە يىلدا، پارتىيەنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەممە كەنتتە كەسىپ بار بولدى، ھەممە ئائىلىدىكىلەر ئىشقا ئورۇنلاشتى. كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ قوش تۈرتكىسىدە، كەنتلەر بىر - بىرلەپ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، ھاللىق تۇرمۇشقا قەدەم قويدى» دېدى ئاقساراي يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ خۇڭبو.

ئەۋلادمۇ ئەۋلاد پامىر ئېگىزلىكىنىڭ چەت، يىراق تاغلىق رايونىدا ياشاپ كەلگەن چارۋىچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتىكى بىردىنبىر تاللاش ئىدى. 2017 - يىلى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ يېزىسى مازار ئوزۇ كەنتىدىكى مۇسا ياقۇپ قاتارلىق كەنت ئاھالىلىرى ناھىيە بازىرىغا ئون كىلومېتىرلا كېلىدىغان كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش زامانىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، يەنە پارنىكتا كۆكتات تېرىش قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان ماھارەتنىمۇ ئۆگىنىۋالدى. مۇسا ساتىراشلىقنى ئۆگىنىپ ھەم ساتىراشخانا ئېچىپ، ئايلىق كىرىمىنى 5000 يۈەندىن ئاشۇردى.

2015 - يىلى 10 - ئايدا پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىگە چۈشەنچە بەرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاخىرقى پىلانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ساقلانغان كەمتۈكلۈكلەرنى چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بۇھەجەر ئابلانىڭ قارىشىچە، نامراتلىق شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىدىكى ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈك ئىكەن. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدا: «دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويدى» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىنى باشلىدى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبە قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا جاپاغا چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيەت سىجىل مۇقىم بولغان، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ كۆرۈنەرلىك ئاشقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

بۇھەجەر بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتىكى نەتىجە - ئۈنۈمىنى دەلىللىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 40 مىڭ 26 ئائىلىدىكى 169 مىڭ 200 كىشىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلار قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى، 35 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا بىرمۇ ئائىلىنىڭ قېلىپ قالماسلىقىغا، بىرمۇ ئادەمنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى» دېدى بۇھەجەر.

يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىش

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئالدىدا، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك بار ھەم ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان بەزى روشەن كەمتۈكلۈكلەر بار.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى يۇلتۇز بۇلاق كەنتىنىڭ ھەر كۈنلۈك خىزمىتى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىقىنى باھالاش پائالىيىتىدىن باشلىنىدۇ. 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەيساجان تۇرسۇن بىرنەچچە كەنت كادىرىنى باشلاپ، ھەربىر كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىغا بېرىپ تازىلىق باھالاشنى قانات يايدۇردى.

«ئىلگىرى كەنتىمىزدە كالىلار ھويلىدا، كوچىلاردا خالىغانچە يۈرەتتى، ھەممىلا يەردە كالا تېزىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. 2018 - يىلىدىن باشلاپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، ھەممە ئائىلە تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايوننى ئايرىدى. ھويلا - ئارانلار ياخشى ئۆزگەرتىلدى، تازىلىق شارائىتى ياخشىلاندى، ھەممە ئائىلىنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى» دېدى ئەيساجان.

قابا ناھىيەسىنىڭ كۆلباي بازىرى قارا قوبى كەنتىدە، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى «پاتقاق كەنت» ھازىرقى «گۈلباغ كەنت»كە ئايلاندى. ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جيا شىن مۇنداق دېدى: يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دېھقان - چارۋىچىلار ئاممىسىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا ئىستىلى، مەدەنىيلىكىنىڭ سىجىل، ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ھاللىق سەۋىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولۇش - بولماسلىقىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىنتايىن مۇھىم ھالقا.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار تۈپ، ئىجادىي، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى، ئىرادىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى، نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتە مىسلىسىز بولدى.

چەكسىز قۇملۇق بىلەن ئورالغان چەرچەن ناھىيەسىدە كۆچمە قۇملۇق بىلەن ناھىيە بازىرى بىر دەريا بىلەنلا ئايرىلىپ تۇرىدۇ. 1998 - يىلى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، چەرچەن ناھىيەسى چەرچەن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى قۇملۇق رايونىدا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 25 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن بىر كىلومېتىردىن يەتتە كىلومېتىرغىچە، كۆلىمى تەخمىنەن 125 مىڭ مو كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك يېشىل كارىدور بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ جايدا چاڭ - توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

جۇڭگو رايون ئىقتىسادى تەتقىقات يۇرتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جاڭفا مۇنداق قارىدى: يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈزەل بولۇش - بولماسلىقى، دېھقانلارنىڭ باي بولۇش - بولماسلىقى كەڭ ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنىڭ سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى شۇكى، شىنجاڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان بوستانلىق ئىگىلىكى، قۇملۇق ئىگىلىكى، ئوتلاق ئىگىلىكى، تاغلىق ئىگىلىكىنى شەكىللەندۈردى.

ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەررەر يول ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ دىققەتنى شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ بايلىق ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

«يېزا ئىسلاھاتى كەنت ئاھالىلىرىنى كەنت كوللېكتىپىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىگە ئايلاندۇردى، شۇنداقلا ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، كەنتىمىز سودا خىزمەت بىناسى ۋە دۇكانلارنى ئىجارە بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇش، يېمەكلىك كەسپى رايونى تىجارىتى قاتارلىق يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، كەنت كوللېكتىپى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى يىلمۇيىل ئاشۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن يېزا ئىسلاھاتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشىنى، چېتىلىدىغان ساھەلەرنىڭ يەنىمۇ كېڭەيتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى سانجى شەھىرى جۇڭشەن يولى كوچا باشقارمىسى شياۋچۈزى 1 - كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ليۇ شىنخۇا 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ كەنتتىكى پاي تۈزۈمىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۈلكى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ساپ كىرىم 20 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كەنت ئاھالىلىرى ھاللىق سەۋىيەنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىدى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ جىرۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2017 - يىلى سانجى شەھىرى مەملىكەت بويىچە يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ناھىيە - شەھەرلەردە نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنى بىر پۈتۈن ناھىيە - شەھەردە ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئۈلگىسى بىلەن تەمىنلىدى؛ 2019 - يىلىدىن باشلاپ، سانجى ئوبلاستى پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئىسلاھاتنى سىناق قىلىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىر پۈتۈن ئوبلاست (ۋىلايەت، شەھەر)دە ئالغا سىلجىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى......

بۇ يىل، سانجى ئوبلاستى 38 تۈرنى بىرىكتۈرۈپ يولغا قويۇپ، 69 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كەسىپ تەرەققىياتى، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ داۋاملىق يۆلەش، يېزا ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق قوللاپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى «تېزلىتىش»كە پۇختا ئاساس سالدى.

بۇھەجەر مۇنداق دەپ قارىدى: شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە، باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتە شەھەر - يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر گەۋدلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇردى. بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، بالىلار تەربىيەلىنەلەيدىغان، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان، ئاجىزلار يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويغان شىنجاڭدا ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى مەنزىرە بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتىدۇ» دېدى بۇھەجەر.

(مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، ۋېي يۇڭگۇي، سۇڭ ۋېيگو، جاڭ تىڭ)