توقسۇ ناھىيەسى: كىچىك ياڭاقلار دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىنى ئاچتى

日期:2021年02月26日
来源:天山网
【字体:

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر لياۋ جاڭچۈەن): 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى پەيشەنبە بازار يېزىسى جياۋۇلاڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پىششىقلاش سېخىدا، نەچچە ئون خىزمەتچى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلىدىغان ياڭاقلارنى دەرىجىگە ئايرىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشكەتەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

  خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «كەسىپ ئارقىلىق قان ئىشلەپچىقىرىش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىسى بويىچە يۆلەش»تىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن قول سېلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى. خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن كېڭىشىپ، ياڭاق پىششىقلاش كەسپىنى يۆلەشنى قارار قىلدى ھەم «بازا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+سېتىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ياڭاقنىڭ سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ياڭاق سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى.

  ئۇلاش ئارقىلىق ئۆستۈرۈلگەن ياڭاقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئېشىپلا قالماي، ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلەرمۇ %85تىن ئاشتى، مو بېشى ھوسۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 180 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئاشتى، مو بېشى كىرىمىمۇ ئەسلىدىكىدىن 1200 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى. «بىز ياڭاقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، سېتىش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، كەنتىمىزنىڭ ياڭىقىنى جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىگە ساتىمىز» دېدى 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۈ خۇڭجۈن.