[چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش] قالقات كەنتى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ غەيرەت قىلدى

日期:2021年02月25日
来源:天山网
【字体:

مەۋقەنى ئېكولوگىيە بايلىقىغا قويۇپ، دىققەتنى كەسىپ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈش

قالقات كەنتى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ غەيرەت قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى يافاڭ، ئىختىيارىيمۇخبىر لى ۋېنۋۇ): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇزۇنبۇلاق يېزىسى قالقات كەنتى«ئىككى كومىتېت»ى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، چارۋىلارنى ياخشىلاشقا يېتەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، پۈتۈن كەنتتىكى پۇقرالارنى بېيىش يولىغا باشلىدى.

  بۇرۇلۇش 2017-يىلى يۈز بەردى، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياستىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن كەنت بويىچە «يەتتە بىر تۈركۈم»نى چىڭ تۇتۇپ، «ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش»نى تەرەققىيات تەپەككۇرى قىلىپ، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى قايىقيېڭى كەنتىنىڭ ئەمىن ئۆي، بەيگە مەيدانى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، مەدەنىيەت مەيدانى قاتارلىق قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 30 كىلومېتىردىن ئارتۇق چارۋا يولىنى رېمونت قىلىپ، 16 ساياھەت ئېتى تارقىتىپ، ساياھەتچىلەر كىگىز ئۆيىدىن 10نى سالدى، يېڭىدىن ساياھەت تاۋارلىرى كىچىك ياغاچ ئۆيىدىن ئالتىسى سېلىندى، ئاتلىق چەۋەندازلار ئەترىتى ۋە چارۋىچىلار ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترىتى، پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلدى، كەنت ئاھالىلىرىنى چارۋىچىلار ئارامگاھى، كىچىك تاللا بازىرى، ئاپتوموبىل يۇيۇش مەيدانى قاتارلىقلارنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ساياھەت ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشقان ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلىدىن ھازىرغىچە، بۇ كەنت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 40 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قىشلىق، يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ئۈچ كىلومېتىر يولنى رېمونت قىلغان؛ 16 نامرات ئائىلىگە كۆكتات مايسىلىرىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەنھەم تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان؛ 450 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان «ياغاچ ئۆي بازىرى» خاس ساياھەت كوچىسى تىجارەت باشلىغان، سەككىز ئائىلىدىكى 14 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كەنتنىڭ ساياھەت كەسپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن؛ 37 نامرات ئائىلە، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىلى، بېيىش باشلامچىلىرىنى ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە بېرىپ پۇقراۋى قونالغۇ ۋە ساياھەت تەرەققىياتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتكە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشئىدىيەئاساسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن؛ 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كەنت دەرىجىلىك تەنتەربىيە، رادىيو ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈگەن، بىليارت ئۈستىلى، تىك-تاك توپ ئۈستىلى، كاناي ئاۋاز ياڭراتقۇ قاتارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالغان.

  ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىرخانىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى جاڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، مەۋقەنى داۋاملىق ئېكولوگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، دىققەتنى كەسىپ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز» دېدى.