نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھېكايىسى▏ ئۆمەرجان مەمەت: «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بېيىش يولى ئاچتى

日期:2021年02月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى:شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى بوستان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسىنىڭ نەزەرىدىكى كاللىسى ئۆتكۈر، ھۈنىرى ياخشى، ئاق كۆڭۈل ئۆمەرجان مەمەت ئىلگىرىكى بىر نەچچە يىلدا ئۆزىگە تەۋە بىر بېيىش يولىدا ماڭدى. بىز بىرلىكتە ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باقايلى:

بىزنىڭ ئائىلىدە ئىزچىل دادام مەمەت سابىرنىڭ تاپقان پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدايتتۇق. ئاستا-ئاستا ئۇمۇ ياشىنىپ قالدى، سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، داۋاملىق ئىشلەپ پۇل تاپالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئىقتىسادىمەنبەيىمىزدىن ئايرىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ قالدۇق.

2014-يىلى مەن داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ساتىراشلىقنى ئۆگىنىپ، ئىككى قولۇمغا تايىنىپ ئائىلىمىزنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قارارىغا كەلدىم. ھۈنەرنى باشقىلاردىن تېزرەك ئۆگىنىش ئۈچۈن، كۈندۈزى ئۇستاملاردىن ئەستايىدىل ئۆگەندىم، كەچتە يان تېلېفونغا چۈشۈرۈۋالغان دەرسلىكلەرنى داۋاملىق ئۆگەندىم، دوراپ باقتىم. ھۈنىرىمنى تېخىمۇ پىششىقلاش ئۈچۈن، مەن دائىم ئۆيدە قول مەشىقى قىلىپ، تېزلا قايچا قاتارلىق سايمانلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋالدىم، يەنە ئوخشىمىغان چىراي شەكلىگە قارىتا خېرىدارلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان چاچ پاسونىنى تەۋسىيە قىلدىم. بۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە ھەرخىل چاچ ئاسراش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، بازاردىكى چاچ ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى چۈشىنىپ، خېرىدارلارنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدىم.

ھۈنىرىمنىڭ بارغانسېرى پىششىقلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەندە ئۆزۈم دۇكان ئېچىپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ ئۆينى قامداش ئويى پەيدا بولدى. مەندە يېتەرلىك مەبلەغ بولماي قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقتىمدا، بىرىنچى شۇجى ماڭا مەبلەغ كەمچىل نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ 40 مىڭ يۈەنلىك ئۆسۈمسىز ئاز سوممىلىق قەرز تارقىتىپ، مېنىڭ دۇكان ئېچىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ پۇل ماڭا دەل جايىدا ئەسقاتتى، شۇنداق قىلىپ مەن ئاچقان «سالاپەت ساتىراشخانىسى» 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى قايراق كەنتىدە تىجارەت باشلىدى. دۇكاندا ئەسلىھە، سافا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ خېلى چىرايلىق ئىدى.

بىر قېتىم، بىر خېرىدار مەن بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ، بىزنىڭ كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسىنىڭ، كەنتتىكى كادىرلارنىڭ مېنىڭ ساتىراشخانامدا چاچ ياسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىقبىرىنچىدىن، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئىككىنچىدىن، مېنىڭ ھۈنىرىمنىڭ ياخشى، ھەققىمنىڭتۆۋەنلىكىنى، ئۈچىنچىدىن نامرات ئاھالىلەرنىڭ چېچىنى ياسىسام ھەق ئالمايدىغانلىقمنى، يەنە ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگەبېرىپ مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىمنى، ئاقكۆڭۈللۈكىمنىئېيتىپتۇ.

شۇنداق، مەنمۇ ئەسلىدە نامرات ئائىلە ئىدىم، ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم، ئىشلىرىمنىمۇ باشلىۋالدىم، ئاشۇ ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى ئويلايمەن. بىزنىڭ كەنتتە ھەرىكىتى قولايسىز بىر ياشانغان كىشى بار ئىدى، ئىلگىرى ھەر ئايدا ئىشىك ئالدىغا بېرىپ چېچىنى ياساپ قوياتتىم. ئەپسۇسلىنارلىقى، چېچىنى بىر نەچچە قېتىم ياسىمايلا ۋاپات بولۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ياشانغانلارغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە كۆڭۈل بۆلۈپ، قەرەللىك ھالدا ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىرادە قىلدىم.

كەنتتىكى 72 ياشلىق بوۋاي تۇرسۇن يانتاق پات-پات ئەتراپتىكىلەرگە مېنى ماختاپ، ئۆمەرجان مەمەت ياخشى بالا دەيدىكەن.

  بۇ بىر نەچچە يىلدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ يۆلىشى ئاستىدا، ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى. ئانام روشەنگۈل مۆمىن ئائىلە مۇلازىمىتى ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا قاراپ بېرىۋاتىدۇ؛ ئايالىم توختىگۈل ئىمام بىر ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش مۇلازىمەت شىركىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتى، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمى بار؛ مېنىڭ ساتىراشخانامنىڭ كۈنلۈك كىرىمى 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە بولۇپ، ھەر ئايدا 6000 يۈەندىن يۇقىرىكىرىم قىلىۋاتىمەن. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنە باقمىچىلىقنى تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلگىرى ئىلتىماس قىلغان 40 مىڭ يۈەنلىك ئاز سوممىلىق قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بولدۇق.

تىرىشچانلىق بېيىش يولى ئاچتى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ھۈنىرىمنى داۋاملىق ياخشىلاش بىلەن بىللە، يەنە بىر نەچچە شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ھەقسىز ھۈنەر ئۆگىتىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە بېيىشىغا تۈرتكە بولىمەن، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىمەن.