غۇلجا شەھىرىدىكى خاس يېزا ئىگىلىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى

日期:2021年02月19日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غۇلجا شەھىرىدىكى دېھقانلار تېرىقچىلىق قارىشىنى پائال ئۆزگەرتىپ، خاس ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى، پارنىك كۆكتاتلىرى تەدرىجىي دېھقانلار كىرىمىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

 يېقىندا، توغراق يېزىسى سايتوغراق كەنتىدىكى كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسىدا، دېھقان گاۋ شۇفېڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پىشقان چىڭسەينى يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

 تىيانشان كوچىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى كۆكتات توپ سېتىش سودىگىرى خې جيەنچېڭ مۇنداق دېدى: «مەن دېھقانلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىشىپ، ئېتىزغا بېرىپ كۆكتات يىغىپ بازارنى تەمىنلەپ، پۈتۈن شەھەردىكى پۇقرالارنىمۇ يېڭى كۆكتاتلارنى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىم. بىز ھەمكارلاشقىلى ئون نەچچە يىل بولدى، مەن ھەر يىلى ئۇنىڭ كۆكتاتلىرىنى يىغىمەن، ئۇلار تېرىغان كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، يېڭى ھەم زىيانسىز».

 گاۋ شوۋفېڭ مۇخبىرغا، 2020-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچ پارنىكتا ئۈچ مو يەر تېرىغانلىقىنى، بۇ چىڭسەيلەرنىڭ بۇلتۇر ئىككىنچى قېتىم تېرىغان كۆكتات ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، بۇلتۇر باش ئەتىيازدىن 10-ئايغىچە، ئۇ تېرىغان ئۈچ پارنىكتىكى ئىككى توننا لازىدىن 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ھوسۇل ئالدى. لازىنى ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بۇلتۇر 11-ئايدا يەنە بىر پارنىكقا چىڭسەي ۋە ئىككى پارنىكقا بۆلجۈرگەن ئۆستۈرگەن بولۇپ، ھازىر ئۇ ئۆستۈرگەن چىڭسەيلەر سېتىلىپ بولاي دېدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غۇلجا شەھىرى قۇياش نۇرى پارنىكىنى ئاساس قىلغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ھازىر پۈتۈن شەھەردە كۈن نۇرى پارنىكىدىن جەمئىي 4525ى بار بولۇپ، ھەربىر پارنىكتا يىلدا ئىككى، ئۈچ قېتىم كۆكتاتتىن ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، بۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «كۆك-تاق»ىنى موللاشتۇرۇش بىلەن بىللە، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.