ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، ھەممە ئائىلە ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلاندى

日期:2021年01月29日
来源:天山网
【字体:

سەنچاڭساۋزى كەنتى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپىقى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بەختلىك چاغلارنى كۈتۈۋالدى

ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، ھەممە ئائىلە ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلاندى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن

1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېيتىڭ بازىرى سەنچاڭساۋزى كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى «تۆگە شاھى» دەپ ئاتايدىغان ئېربول سالى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ كەنت يېنىدىكى مەركەزلىك باقمىچىلىق رايونىدا تۆگىلەرگە يەم بېرىۋاتاتتى. ئۇ باققان 72 تۇياق تۆگىنىڭ لوككىسى ناھايىتى تىك بولۇپ، تۆگىلەر ناھايىتى سېمىز ۋە تىمەن ئىدى.

«ھازىر دەل تۆگىلەرنى ئۇرۇقلاندۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىسام بولمايدۇ» دېدى ئېربول يەم بەرگەچ كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ چېھرىدىن رازىمەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەلى ئەخمەت ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇلاپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىز تۆگىنى ئاساسلىقى يايلاق كۆچۈشتىكى قاتناش قورالى قىلىش ئۈچۈن باقاتتۇق، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىرىمنى ئاشۇرىدىغان <پۇل ئېلىش ماشىنىسى> بولۇپ قالدى!»

سەنچاڭساۋزى كەنتى ئەڭ بۇرۇن بېيتىڭ بازىرىدىكى بىر چارۋا بېقىش نۇقتىسى ئىدى. 2012 - يىلى، شۇ جاي بۇ يەردە سەنچاڭساۋزى مەمۇرىي كەنتىنى تەسىس قىلىپ، بېيتىڭ بازىرى، چۇەنزىگەي بازىرى، دايۇ بازىرى، شىندى يېزىسىدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ چارۋا باقىدىغان چارۋىچىلارنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىپ مەركەزلىك ئولتۇراقلاشتۇردى. 2014 - يىلى، سەنچاڭساۋزى كەنتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەشتىكى نۇقتىلىق كەنت قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، كەنتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 198 نامرات ئائىلىلىك 746 كىشى بولۇپ، ئېربولنىڭ ئائىلىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىدى.

2015 - يىلى، يېزا - كەنت كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېربول نامراتلارنى يۆلەش ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، بىرنەچچە تۇياق تۆگە سېتىۋېلىپ، تۆگە بېقىپ تۆگە سۈتى سېتىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرماقچى بولدى. تۆگە سۈتى بازىرىنىڭ ئىتتىك بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئېربول ئائىلىسىنىڭ تۆگە باقمىچىلىق كۆلىمى تېز كېڭىيىپ، كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئاشتى.

ئەلى ئالدى تەرەپتىكى چوڭ بىر باقمىچىلىق قوتىنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ھۆكۈمەت 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك مەركەزلىك باقمىچىلىق رايونى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە بەردى. ئېربول قاشالانغان كۆلەم بىر موغا يېقىن، قوتان كۆلىمى 86 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان باقمىچىلىق بۆلىكىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۆگە باقمىچىلىقىدىن قىلغان ساپ كىرىمى 160 مىڭ يۈەنگە يەتتى. كۈزدە، ئېربول 250 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان SUV ئاپتوموبىلدىن بىرنى سېتىۋالدى. ھازىر كەنتتە 50تىن ئارتۇق شەخسىي ئاپتوموبىل بار.

مۇخبىر سەنچاڭساۋزى كەنتىدە زىيارەتتە بولغان كۈنى، ئۇششاق قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان قاردا كەنت خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئوخشاپ قالغانىدى. تۈپتۈز ئاسفالت يوللار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلغانىدى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە، قاتار - قاتار ئەمىن ئۆيلەر گىرەلىشىپ كەتكەنىدى.

ئەلى مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇشۇ يىللاردا ھۆكۈمەت سىجىل ھالدا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، كەنتتە سۇ، توك، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمىن ئۆي سالدى، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت يەنە كەنتنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئاساسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، كەنتتىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى تېمىتىپ سۇغىرىش ئېتىزى قىلدى؛ چارۋىچىلىقتا ئادەم بىلەن چارۋىنى ئايرىشنى يولغا قويۇپ، ئۆلچەملەشكەن مەركەزلىك باقمىچىلىق رايونى قۇرۇپ، نەسىل ياخشىلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي باقمىچىلىقنى كېڭەيتتى.

تۈرلۈك ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ مەدىتىدە، سەنچاڭساۋزى كەنتىدە ئۆزگىرىش بولدى. 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، سەنچاڭساۋزى كەنتى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

«بىز ھازىر نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشتىكى ئۈلگىلىك كەنت.» ئەلى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىدى، مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. نامراتلارنى يۆلەشتىكى نۇقتىلىق كەنتتىن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشتىكى ئۈلگىلىك كەنتكىچە، سەنچاڭساۋزى كەنتى قالتىس ئۆزگىرىشنى تاماملىدى. ئېربولنىڭ ئائىلىسىمۇ نامرات ئائىلىدىن باقمىچىلىق كەسپىي ئائىلىسىگە ئايلاندى.

«بۇ يىل مەن يېڭىدىن باقمىچىلىق قوتىنى سېلىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتىمەن. ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەش سىياسىتى شۇنچە ياخشى تۇرسا، ئۆزىمىز تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، كۈنلىرىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك!» دېدى ئېربول.

كەنت يولىنى بويلاپ كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىغا كەلگەندە، يىراقتىن بىر زاۋۇت ئۆيىنى كۆرگىلى بولىدۇ. زاۋۇت ئۆيىنىڭ تېمىغا يېزىلغان «شىنجاڭ يۆخۇا كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتى» دېگەن ئون چوڭ خەت كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ.

كىيىم - كېچەك پىششىقلاش سېخىدا، سېخ مۇدىرى ئاسىمگۈل قاخارىيا خادىملارنى باشلاپ كىيىم - كېچەك تىكىۋاتاتتى.

ئاسىمگۈل ئائىلىسى ئىلگىرى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى. 2018 - يىلى، شىنجاڭ يۆخۇا كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخى سەنچاڭساۋزى كەنتىدە قۇرۇلدى، ئۇ تۇنجى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇردى. ئاسىمگۈل ئىشچان، قابىل بولغاچقا، ھازىر سېخ مۇدىرى بولۇپ، ئېيىغا 4000 يۈەن مائاش ئالىدىغان بولدى.

«زاۋۇت ئىشىكىمىز ئالدىدا قۇرۇلدى، ئۆيدىن چىقىپلا زاۋۇتقا كىرىمەن، ھەم پۇل تېپىشىمغا دەخلىسى بولمايدۇ، ھەم ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمغا قولايلىق» دېدى ئۇ.

يۆخۇا كىيىم تىكىش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى يۆخۇا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا 30دىن ئارتۇق ئىشچى بار، ئاساسىي مائاشقا كاپالەتلىك قىلىپ ئىشلىگەن ئىشىغا قاراپ مائاش بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، ئۇلار يۇقىرى بولغاندا ئېيىغا 5000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالالايدۇ.

«ھازىر، كەنتىمىزدىكى ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، ھەممە ئائىلە ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلاندى!» ئەلى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پۈتۈن كەنتتە 573 ئەمگەك كۈچى بار، ئاز بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا 375 كىشى ياكى زاۋۇتقا كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ياكى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ھەممىسى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2020 - يىلى پۈتۈن كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 14 مىڭ 595 يۈەنگە يەتتى.

ئەلى مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيە - قارىشىدىمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ھازىر كەنتتە بىكار ئادەم يوق دېيەرلىك، ھەربىر ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئويلايدۇ.

«ئىلگىرى ئىشچى قوبۇل قىلغاندا، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەيتتىم. ھازىر كەنت ئاھالىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا تېلېفون قىلىپ، زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېدى لى يۆخۇا.

جىمىسار ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ سەنچاڭساۋزى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى سۇ شېڭبياۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىر نامرات كەنتتىكى ئۆزگىرىش پەقەت ئىقتىسادىي كىرىمنىڭ ئېشىشى ۋە كەنت قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىلا ئىپادىلەنمەيدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيە - قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ بۇنىڭدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. «ئىرادىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرساق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ» دېدى ئۇ.