چېۋەر قوللاردا بوغۇپ چىقىلغان بېيىش سۈپۈرگىسى

日期:2021年01月22日
来源:天山网
【字体:

بۈگۈنكى كۈندە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شات يېزىسى تالدىتاس ئارنا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ليۇ ياڭياڭنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، سۈپۈرگە بوغۇشقا تايىنىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بېيىش يولىغا ماڭدى.

بۇنى كەنت (مەھەللە) «ئىككى كومىتېت»ى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

2020-يىلى، ليۇ ياڭياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر گەنسۇ لۇڭنەندىن موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ شات يېزىسى تالدىتاس ئارنا كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ياشىنىپ قالغان ئانىسى ۋە گۆدەك ئوغلى بار بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، ليۇ ياڭياڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا، تالدىتاس ئارنا كەنتى «ئىككى كومىتېت»ى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئائىلىگە قاراپ تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى جاڭ چىڭشىن ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە نۇرغۇن چىغنىڭ ئۆسكەنلىكىنى بايقىدى، جاڭ چىڭشىن چىغلاردىن پايدىلىنىپ سۈپۈرگە بوغسا بولىدىغانلىقىنى ئويلىدى-دە، چىغ يىغىپ، ليۇ ياڭياڭنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ليۇ ياڭياڭغا سۈپۈرگە بوغۇشنى قولمۇقول ئۆگەتتى. ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق، ليۇ ياڭياڭنىڭ سۈپۈرگە بوغۇش تېخنىكىسى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن جاڭ چىڭشىن يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرەك ئورۇن جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ ئىلى شۆبە شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ سۈپۈرگىلەرنى ھەرقايسى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا ساتتى.

جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ ئىلى سېتىش شۆبە شىركىتىدىن موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شات يېزىسى تالدىتاس ئارنا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى جاڭ چىڭشىن مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالىلىرىگە <بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر> تۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئۆستۈرۈپ، دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق».

جاڭ چىڭشىننىڭ ياردىمىدە ليۇ ياڭياڭنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى، ئۇ ئىككى قولىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە: موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى         

(موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ۋاڭ دۇڭشۈ، لى رېنليەن خەۋىرى، فوتوسى)