چەرچەن ناھىيەسى: كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بېيىش گۈلى»نى ئېچىلدۇردى

日期:2020年12月25日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشاۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر جى جيېفاڭ خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ چەرچەن ناھىيە بازىرىدىكى گۆش توشقىنى سېتىۋالماقچى بولغان بىر قانچە ئاھالە بۇ ناھىيەنىڭ قوشساتما يېزىسى سوغاقبۇلاق كەنتى يول ئېغىزىغا كېلىشىگە، قىزغىن كەنت ئاھالىلىرى ئالدىغا بېرىپ يول كۆرسەتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كەنتتە نامراتلارنى يۆلەش دېھقانلار گۆش توشقىنى سېتىلغاندىن بۇيان، شەھەر رايونىدىكى نۇرغۇن يېمەك ـ ئىچمەك سودىگەرلىرى ۋە ئاھالىلەرنى گۆش توشقىنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلغان، شۇنداقلا بۇ كەنتنىڭ كۆكتات، مېۋە ـ چېۋە ۋە باشقا گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېز سېتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرگەن.

بۇ كەنتنىڭ 1 ـ شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى گو تاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، چەرچەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا بۇ كەنتتىكى كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىسىنىڭ چىلان، كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات، گۆش تۈرلىرىنى قوشنا كەنت ياكى ناھىيە بازىرىدىن سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئىگىلىگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بېيىش يولىدا بىر پۇتتا مېڭىشقا بولمايدۇ، ئىككى پۇتتا ماڭغاندىلا، ئاندىن پۇختا، تېز ماڭغىلى بولىدۇ».

يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ، بىر تەرەپتىن كەنت ئورگانىك كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، يەنە بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىگە چۈجە، بۆجەنلەرنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئەمگەك سىجىللىقى تۆۋەن، بازار ئىستىقبالى ياخشى بولغان كىچىك ئەگمە پارنىك تېرىقچىلىقى، گۆش توشقىنى باقمىچىلىقى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى.

گۆش توشقىنى باقمىچىسى لى يۈەن مۇنداق دېدى: «گۆش توشقىنى 40 كۈن ئەتراپىدا بىر ئۇۋا بۆجەن چىقىرىدۇ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىمۇ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار قەرەللىك ھالدا تېخنىكلارنى باشلاپ كېلىپ تەكشۈرىدۇ. ھازىر سېتىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى».

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، بۇ كەنتتە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان كىچىك ئەگمە پارنىك 30 نەچچىگە، گۆش توشقىنى باقمىچىلىقى 1200دىن كۆپرەككە يەتكەن. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز باقمىچىلارنى كۆپ مەنبەلىك، كەسىپلەشكەن، ئۆلچەملەشكەن كەسىپ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا پائال يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز» دېدى گو تاۋ.