ئۈرۈمچى شەھىرىدە 3300دىن كۆپرەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى بەرپا قىلىندى

日期:2020年12月21日
来源:天山网
【字体:

12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى) باجياخۇ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇڭياڭ مەھەللىسىنىڭ كادىرلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە جۇۋاۋا تۈگكەچ پاراڭلاشماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا،پىراكتىكانت ئاراشجاپ پاما خەۋەر قىلىدۇ: «ئولتۇراق رايونىمىز كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان ئولتۇراق رايونىغا تەۋە، ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يېرىمدىن ئاشىدۇ، كۆپچىلىك ئىش بولسا بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ، قىيىنچىلىق بولسا ئۆزئارا ياردەم بېرىمىز» دېدى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) باجياخۇ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇڭياڭ مەھەللىسى ياڭگۇاڭ جىشاڭ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى پەرھات قاسىم ھويلا دەرۋازىسىدىكى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى»(ئولتۇراق رايونى) دېگەن ۋىۋىسكىنى كۆرسىتىپ پەخىرلەنگەن ھالدا.

ئىگىلىنىشىچە، 2017 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى 1 - تۈركۈمدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى(ئولتۇراق رايونى)نى بەرپا قىلغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى(ئولتۇراق رايونى)دىن 3324نى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلغان.

خۇڭياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دەي لياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ياڭگۇاڭ جىشاڭ ئولتۇراق رايونىدا توققۇز مىللەتتىن بولغان 728 ئائىلىلىك ئاھالە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، مەھەللە دائىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كىچىك مەيدانى، كۆڭۈل ئېچىش - ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ھېسسىياتنى ئىلگىرى سۈردى.

«بۇلتۇر يازدا پائالىيەت ئۆيىدە ئويۇن ئويناۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئىككى پۇتۇم ئاغرىپ چىدىيالماي قالدىم، ئۆيدىكىلەر يېنىمدا بولمىغاچقا، قوشنىلار مېنى بىرىنچى ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا ئاپاردى. ھازىر ئويلىساممۇ، يەنىلا ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن.» ئولتۇراق رايون ئاھالىسى شۈ مىڭشەننىڭ ئېيتىشىچە، داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى دائىم ئۇنىڭغا تاماق توشۇپ، ئۇنى بەك تەسىرلەندۈرۈپتۇ.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى(ئولتۇراق رايونى) ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لى يۇڭشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇنىڭدىن كېيىن بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تۇتقا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزۈشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز».