【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 ۋاڭ شياۋمېي: ئون يىللىق ھەقىقىي مۇھەببەت ئەل قەلبىنى ئىللىتتى

日期:2020年12月15日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ شيا، ئىختىيارىي مۇخبىر جېڭ شياڭگو خەۋىرى): «ئون يىل ئىلگىرى، مەن كەنتكە قۇرۇق قول كەلگەنىدىم، يۇرتداشلار مېنىڭ تېرىلغۇ يەرنى سۇغىرىشىمغا، ئۆي سېلىشىمغا ياردەم بەردى، شۇ چاغدا مەن پۇرسەت بولسا، چوقۇم كۆپچىلىككە جاۋاب قايتۇرىمەن، دەپ ئويلىغان ئىدىم» دېدى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئاقئۆستەڭ يېزىسى غولئېرىق كەنتىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شياۋمېي.

2009-يىلى، ۋاڭ شياۋمېي ئېرى بىلەن غولئېرىق كەنتىگە كېلىپ يەر ھۆددىگە ئالدى. 2018-يىلى، كەنتنىڭ پەن-تېخنىكا مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى. 10 يىلدىن بۇيان مەيلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بولسۇن ياكى كۈزلۈك يىغىم بولسۇن، ئېتىز باشلىرىدا ئۇنىڭ ئالدىراشلا سىيماسى قالدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى «ئۆز ئۆيىنىڭ ئادىمى» دەپ قارىدى. خۇددى كەنت ئاھالىسى مەريەم ئىبراھىم ئېيتقاندەك: «بىر نەچچە كۈن ئۇنى كۆرمىسەك، تېلېفون بېرىپ ئەھۋالىنى سوراپ باقىمىز».

مەريەم ئىبراھىم بۇ يىل 42 ياشقا كىردى، ئېرى 2018-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىپ، ئىككى بالىسىنى ئۆزى يالغۇز باقتى، ئۇ بىر تەرەپتىن چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ، بىر تەرەپتىن بىر نەچچە مو يەرنى پەرۋىش قىلدى، تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق ئىدى.

ۋاڭ شياۋمېي ھەر ھەپتىدە ۋاقىت چىقىرىپ مەريەم ئىبراھىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بەردىھەمدە ھەر تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈپ، مەريەم ئىبراھىمغا لايىق تونۇشتۇردى. كەنتتىكىئىسلامسالامنىڭ ئاجرىشىپ كەتكىنىگە ئۇزۇن يىل بولغانلىقىنى، ھازىرغىچە توي قىلمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن،ۋاڭ شياۋمېي ئىككى تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككىلىسىنىڭ قايتىدىن ئائىلە قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بايقىدى.

«ۋاڭ ھامما»، «ۋاڭ ئاپا»، «ۋاڭ ئاچا»، بۇ ئاددىي ئاتاشلار، ئون يىلدىن بۇيان ۋاڭ شياۋمېي بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ئىزھارى ئىدى. دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، كىمنىڭ ئۆيىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولسا، ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپ تېرىقچىلىق ۋە ئورما ئورۇشقا ياردەملەشتى.

2018-يىلى 7-ئاي، دەل كېۋەز ئۆسۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى ئىدى، كەنت ئاھالىسى ئەخەت توختى ئۇدا بىر نەچچە كۈن ياخشى يېيەلمەي، ياخشى ئۇخلىيالماي، بىر نەچچە مو كېۋەزنىڭ سارغىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىچى تىتىلداپ ۋاڭ شياۋمېيغا تېلېفون بەردى.

ۋاڭ شياۋمېي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئەخەت توختىغا تېرىقچىلىق تەجرىبىسىنى يۈزتۇرا، قولمۇقول ئۆگىتىپ، سۇغۇرۇشتىن ئۇچىنى ئۈزۈش، دورا چېچىش، ئوغۇتلاش، خىمىيەلىك كونترول قىلىشقىچە بولغان ھەر بىر ھالقىنى ئۇنىڭ ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، ئۆزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

«ئىلگىرى مەن تېرىغان كېۋەزنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى ئاران 100 كىلوگىرام ئىدى، ۋاڭ مۇدىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مو بېشى مەھسۇلاتى 400 كىلوگىرامدىن ئاشتى، بۇنى مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىدىم» دېدى ئەخەت توختى.

ۋاڭ شياۋمېي يەنە ئەخەت توختىغا ياردەملىشىپ ئېتىز پەرۋىشى خىزمىتى ئالاقىلىشىپ بېرىپ، ھەر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. ئەخەت توختىنىڭ 20 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ چارۋىچىلىق باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەخەت توختى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، يەنە يېڭى پىكاپ سېتىۋالدى.