شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئاستانە بازىرى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى دېھقانلارنىڭ مېۋە ئۈزۈشىگە ياردەم بەردى

日期:2020年12月11日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى ئاستانە بازىرىغا جايلاشقان 1000دىن ئارتۇق پارنىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى، قومۇل تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېۋىرغول رايونى ئاستانە بازىرى ئورداكارىز كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دېھقانلار بىلەن بىللە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىۋاتاتتى. بۇ يىل، بۇ يەردە يېڭىدىن يېتىشتۈرۈلگەن «بوشلۇقتىكى بۆلجۈرگەن» پات ئارىدا پىشىپ بازارغا سېلىنىدۇ.

قومۇل شەھىرىدە 8543 پارنىك بار بولۇپ، ئاساسلىقى ئەسلىھەلىك كۆكتات، مېۋىلىك دەرەخ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئاساس قىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ قىشلىق «كۆكتات سېۋىتى»نى يېڭى يېمەكلىك ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دېھقانلارنىڭ لىمون ئۈزۈشىگە ياردەم بەرمەكتە.

12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى پارنىكتا «بوشلۇقتىكى بۆلجۈرگەن»نىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى پارنىكتا شوخلا پېلىكىنى ئايلاندۇرماقتا.

 دېھقان پارنىكتا ھەسەل ھەرىسى ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى چاڭلاشتۇرماقتا.

  12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دېھقانلارنىڭ لازا ئۈزۈشىگە ياردەم بەرمەكتە.