ئاقتۇ بۇ يىل يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ 535 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى

日期:2020年12月08日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ئابىدە، ئىختىيارىي مۇخبىرلارجەي رۇزېڭ، يۈەن مياۋمياۋ فوتوسى، خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىسى چاقىر ئېغىل كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى خالقۇل ياسىن يېڭىدىن زىننەتلەنگەن ئۆيلىرىنى يىغىشتۇرۇۋاتاتتى. «قىشلىق بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، پۇقراۋى قونالغۇنىڭ مۇنچىسى قاتارلىق قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قەدىمىي قىرغىز مەززىلىك تائاملار تىزىملىكىنى ياخشى تەييارلاپ، ئەلئارا سەنئەتكارلارنىڭ خاس نومۇرلىرىنى رېپېتېتسىيە قىلىمەن، ساياھەتچىلەربۇ يەردە مول، رەڭدار ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلالايدۇ» دېدى خانقۇل كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ساياھەتچىلەر بۇلۇڭكۆل يېزىسى بەيشاخۇ مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىر ئېغىل كەنتى ئىزچىل ساياھەتچىلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى، خانقۇل يېزا ساياھەتچىلىكىگە تايىنىپ بېيىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىرى.

«كەنتىمىز قىزىل چېگرانى ساقلاش مەدەنىيىتى، ‹ماناس› قەھرىمانلىق داستانى، غەربىي كوئىنلۇن ئەپسانە-رىۋايەتلىرى، قىرغىز مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بىر گەۋدە قىلىنغان ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى توپلىدى، بۇ يەردە مۇزتاغ چوققىسى، قارا كۆل قاتارلىقلاردا پامىر ئېگىزلىكىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە <غەربىي قۇتۇپ قاراڭغۇ كېچىدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمىنى>نى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ، ساياھەت ئەۋزەللىكى ناھايىتى روشەن. بۇ يىل ساياھەتچىلىككە تايىنىپلا، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ يىللىق كىرىمى 535 مىڭ يۈەنگە يەتتى» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئاقتۇ ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدىن بۇلۇڭكۆل يېزىسى چاقىر ئېغىل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى تاڭ زېخۇڭ.

  ساياھەتچىلەر بۇلۇڭكۆل يېزىسى بەيشاخۇ مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

چاقىر ئېغىل كەنتىنىڭ ئاھالىسى 2000غا يەتمەيدۇ، ئەزەلدىن چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بايلىق ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، خاس باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بۇ كىچىك كەنتنى مەنزىرىسى گۈزەل ساياھەت يېڭى كەنتىگە ئايلاندۇردى، كەنت قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ۋە كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  ساياھەتچىلەر تاش بازىرىنى ئايلانماقتا.

مۇخبىرنىڭ زىيارەت داۋامىدا ئىگىلىشىچە، چاقىر ئېغىل كەنتىدىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ساياھەتچىلىككە تايىنىپ «ئۆزىنى ئۆزگەرتكەن»، يول باشلىغۇچى، تاغقا چىقىش يول باشچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بۇلۇڭكۆل يېزىسى بەيشاخۇ ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى «تاش بازار»دا پۇقراۋى قونالغۇ، ئاشخانا، دۇكان ئاچقان.

«مەن ھەر كۈنى 1500 يۈەنلىك شورپا ساتالايمەن، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى، كىرىمىم تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ھەميىنىم تومپايدى، بەختلىك تۇرمۇشقا قاراپ ئاتلاندىم» دېدى چاقىر ئېغىل كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ساۋۇدۇن خالمۇرات.

  ساياھەتچىلەر بۇلۇڭكۆل يېزىسى بەيشاخۇ مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

كەنت ئاھالىسى نۇرغازى ئابلەتمۇ «تاش بازىرى»دا بىر قاشتېشى دۇكىنى ئاچتى. قاشتېشى سودىسى قىلىش بىلەن بىللە، ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ دۇكىنىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ، مەھسۇلاتلىرىغا نۇرغۇن قىرغىز قول-ھۈنەر بۇيۇملىرىنى قوشتى. «مەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ مىللىي خاس قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدىم، ئۇلارنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەنمۇ توردا سېتىشقا باشلىدىم، ھازىر بىر يىلنىڭ تۆتلا پەسلىدە بىكار بولالمايمەن» دېدى نۇرغازى كۈلۈپ.

«2021-يىلى، كەنتىمىز 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا-كەنت ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، مەنزىرە نۇقتىسى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى، كەلگۈسىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كەنتىمىزدە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت تۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميىنىنىڭ بارغانسېرى تومپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى تاڭ زېخۇڭ.