مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش | ئاتا-بوۋىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرغاندىلا، مەڭگۈ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولغىلى بولىدۇ

日期:2020年11月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جېڭ جو): جاڭ داداجاڭ جيەنگۇڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى تىلغا ئېلىنسا، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئادىل تاھىر خۇددى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقاندەك سۆزلەپلا كېتىدۇ.

«60 يىل بولدى، ئايرىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئاكا-ئۇكا ئىككىسى ھەتتا ئوخشاش بىر كۈندە قازا قىلدى» دېدى ئادىل، ئىككى ئائىلىنىڭ ھېكايىسىنى ئاتا-بوۋىلاردىن سۆزلەشكە توغرا كېلەتتى.

جاڭ جيەنگۇڭ تۆمۈريول لىنىيە ئىشچىسى، ئادىلنىڭ دادىسى تاھىر يارى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى راھەتباغ يېزىسىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئىككىيلەن بىر قېتىملىق بېلىق تۇتۇش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغانىدى. ئورتاق قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى توغرىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلدى، ھەر ئىككىسىنىڭ پەرزەنتى كۆپ، بېسىمى ئېغىرئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بۇ ئىككىيلەن ئاكا-ئۇكىغا ئوخشاش بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولدى.

ئادىلنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، بەشىنچى ئاچىسى ھاۋاگۈل تاھىر جاڭ داداىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن، چۈنكى ئۇ كەلسىلا خۇددى سېھىرگەرگە ئوخشاش كەمپۈت، پېچىنە-پىرەنىك ۋە ماروژنىلارنىئېلىپ كېلىدىكەن، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار خۇددى بايرام بولغاندەك خۇشال بولۇپ كېتىدىكەن. قىشتا ھاۋا بەك سوغۇق بولغاچقا، جاڭ جيەنگۇڭ تاھىرنىڭ ئۆيىنىڭ ئىسسىماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئۆيىدىكى كۆمۈرنىڭ بىر قىسمىنى ئەكىلىپ بەردى.

جاڭ جيەنگۇڭ ئائىلىسىنىڭ جان سانى كۆپ بولۇپ، پىلانلىق ئىگىلىك يىللىرىدا دائىم دېگۈدەك ئاشلىق يېتىشمەيتتى. «تاھىر دادام ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ بىزگە مېۋە-چېۋە ۋە بۇغداي ئەكىلىپ بېرەتتى.»جاڭ جيەنگۇڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى جاڭ كېلىننىڭ دېيىشىچە،تاھىرنىڭ ياردىمىدە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاچ قېلىپ باقمىغان.

ئۇ بىر خالتا ئۇن، بۇ بىرنەچچە قۇر كىيىم سوۋغا قىلىشىپ دېگەندەك، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇشۇپ، ئاشۇ كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى.

تاھىرنىڭ چوڭ قىزى زورىگۈل تاھىر چوڭ بولۇپ، قومۇل رادىيو-تېلېۋىزىيە داشۆسىگە قوبۇل قىلىندى، گەرچە قاتناپ ئوقۇشقا بولسىمۇ، ئەمما ئۆيى خېلى يىراقتا ئىدى. تاھىرنىڭ ئائىلىسى باياشات ئەمەس ئىدى، ھەتتا بىر ۋېلىسىپىت سېتىۋېلىشقىمۇ پۇلى يوق ئىدى. مەكتەپكە بارىدىغان يولنىڭ يىراقلىقىدىن غەم قىلىۋاتقاندا، جاڭ جيەنگۇڭ يېپيېڭى ۋېلسىپىت ئەكىلىپ بەردى. بۇ ۋېلىسىپىت زورىگۈلگە ئوقۇشىنى پۈتكۈزگىچە ھەمراھ بولدى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قاراپ ماڭدى.

ھازىر زورىگۈل ئىككى كىيىم-كېچەك دۇكىنىنىڭ خوجايىنى بولۇپ قالدى. «زورىگۈل بەك ئەستايىدىل، ئىككى ئائىلىدىكى چوڭلارنىڭ يېڭى كىيىملىرىنى ئۇ سوۋغا قىلغان، ھەتتا دادام ئۆلۈپ كەتكەندە كىيگەن كىيىمىنىمۇ ئۇ ئېلىپ بەرگەن» دېدى جاڭ كېلىن، ئادەتتە، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىدىن مەيلى كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسۇن، دەرھال ياردەم بېرەتتى؛ كىمنىڭ ئۆيىدە خۇشاللىق ئىش بولسا، خۇددى ئۆز ئۆيىدەبولۇۋاتقاندەك، قىن-قىنىغا پاتماي سۆزلەپلا كېتەتتى.

بۇلتۇر، جاڭ جيەنگۇڭنىڭ قىزى جاڭ شيۇلى بىر ئارامگاھنى ھۆددىگە ئالدى، تونۇر كاۋىپى قىلىشنى بىلمىگەچكە، ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئۈندىدار توپىدا بىر ئېغىز گەپ قىلىغانىدى، ناھايىتى تېزلا تاھىرنىڭ قىزى ھاۋاگۈل «ساقلاپ تۇرۇڭ» دەپ سۆز قالدۇرۇپ قويدى. يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ھاۋاگۈل ئارامگاھنىڭ ئاشخانىسىدا پەيدا بولۇپ، جاڭ شيۇلىغا تونۇر كاۋىپى قاتارلىق خاس مەززىلىك تائاملارنى قىلىشنى ئۆگەتتى. جاڭ جيەنگۇڭنىڭ ئوغلى توي قىلماقچى بولۇۋىدى، بارلىق يوتقان-كۆرپىلەرنى تاھىر ئەر-خوتۇن تەييارلاپ بەردى، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن خۇددى ئۆز ئوغلى توي قىلىدىغاندەك ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتكەنىدى.

ئىككى دادىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى قىلچىمۇ يىراقلىشىپ كەتمىدى. قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى راھەتباغ يېزىسى چاڭگۇ كەنتىدىكى ئۆيدە، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى يەنىلا دائىم بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ، بالىلىق چاغلىرىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى ئەسلەپ، ھازىرقى تۇرمۇشى توغرىسىدا كەڭ-كۇشادە مۇڭدىشىدۇ.

«دادىلىرىمىزنىڭ ۋاقىت ۋە ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ چىن مۇھەببىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز، بىز مەڭگۈ بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېدى ئادىل.