غۇلجا شەھىرى: 10 ئولتۇراق رايون «ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك مەھەللە» دېگەن نامغا ئېرىشتى

日期:2020年09月29日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنىڭ «ئولتۇراق رايونلارغا كىرىش» ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى غۇلجا شەھىرى ئىلى دەرياسى يولى كوچا باشقارمىسى ئىلى دەرياسى يولى مەھەللىسى گۈلباغ ئولتۇراق رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى 90 مەھەللە «ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك مەھەللە» دېگەن نامغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا شەھىرىدە 10 مەھەللە بار.

ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىدا، ئوبلاست دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئولتۇراق رايونغا نام بېرىش قارارى ئېلان قىلىندى، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى 10ئۈلگىلىك ئولتۇراق رايون ئاھالىلەر ۋەكىللىرىگە ۋىۋىسكا بەردى.

ئىلى دەرياسى يولى مەھەللىسى گۈلباغ ئولتۇراق رايونى 2014-يىلى 10-ئايدا سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، جەمئىي 968 ئائىلە، 2000دىن ئارتۇق ئادەم بار، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق قاتارلىق 11 مىللەت بار بولۇپ،تىپىك كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ئولتۇراۇق رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بىناسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى قاتارلىق «ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى»نى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بىناسىدىن 15نى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسىدىن 889نى بەرپا قىلدى.

(ماقالىنى غۇلجا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن جاڭ كاڭ تەمىنلىگەن)

 «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى