10 يىللىق ئوقۇشقا ياردەم بېرىش يولى، ئۆمۈرلۈك ياردەم بېرىش-يۆلەش مېھرى

日期:2020年09月17日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجېڭ جو):«گاۋ ئاكا، مېنىڭ مەكتەپكە قايتىشىمغا ئاز قالدى، مەندىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.» 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، خانقىز ئابلا جىنەن داشۆگە مېڭىشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شىمىگۇ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى جېنئەن كوچىسى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى گاۋ فېيغا ئالاھىتەن تېلېفون قىلدى.

«سىڭلىم، يولدا ئېھتىيات قىلىڭ، بۇ يىللىق ئوقۇش پۇلى قانچىكەن؟» دەپ سورىدى گاۋ فېي سۈرۈشتۈرۈپ، خانقىز تېلېفوندا ئۇنىڭغا ئوقۇش پۇلىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى ئېيتتى.

گاۋ فېيسىڭلىسىنىڭ جاۋابىغائىشەنمىدى. «ئۇ ھەر قېتىم ئوقۇش پۇلى ھەل بولدى دەيدۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇ ئىزچىل ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ، مېنىڭ يۈكۈمنى ئېغىرلىتىشنى خالىمايدۇ» دېدى گاۋ فېي تېلېفوننى قويۇپ.

بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن گاۋ فېي 18 يىللىق ساقچى، ئۇ شىمىگۇ رايونلۇق شۆبە ئىدارىدەنامى چىققان «پىخسىق» ھېسابلىنىدۇ. يىل بويى ئۆزىگە بىرەر قۇر يېڭى كىيىم ئېلىشقا كۆزى قىيمايدۇ، ئۆيىدە ياكىئىدارىنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق يېيىش ئىمكانىيىتى بولسىلا، ھەرگىز سىرتتىكى ئاشخانىدىن تاماق يېمەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ مائاش كارتىسىدا تۈزۈك پۇل تۇرمايدۇ. يېقىنقى 10 يىلدا، ئۇ ئۈچ بالىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا ياردەم بەردى.

خانقىزدىن باشقا، تېكەس ناھىيەسىدىكى ئاقبوتا سېرىك ئاچا-سىڭىللارمۇ گاۋ فېينىڭ ياردىمىدە ئوقۇشىنى تاماملىغان، ئۇلارنىڭ گاۋ فېي بىلەن بولغان مېھىرى چوڭقۇر.

بۇ بىر نەچچە بالىغا ياردەم بېرىش ئىشىنى 2010-يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ چاغدا، گاۋ فېي خىزمەت جەريانىدا ئالىي تېخنىكومدا ئوقۇيدىغان ئاقبوتا بىلەن تونۇشۇپ قالدى، ئاقبوتا پۇتۇڭخۇا، قازاقچە، ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى ياخشى سۆزلىگەچكە، گاۋفېينىڭ خىزمىتىگە بولغان ياردىمى ناھايىتى چوڭ بولدى. ئۇچرىشىش ئارقىلىق، گاۋ فېي ئاقبوتانىڭ ئاپىسى، سىڭلىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى، ئاپىسىنىڭ 2000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش بىلەن ئىككى بالىنى مەكتەپتە ئوقۇتىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشىنىڭ بىر قەدەر قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى.

بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،گاۋ فېي ئاقبوتانىڭ بارلىق ئوقۇش پۇلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. 2015-يىلى، ئاقبوتانىڭ سىڭلىسى مېھراي سېرىك خېيلۇڭجياڭدىكى بىر داشۆگە ئۆتتى. لېكىن بىر يىلدىكى6500 يۈەن ئوقۇش پۇلى بۇ ئائىلىنىڭ بېشىنى قاتۇردى.

«قورقماڭلار، خاتىرجەم ئوقۇڭلار، ئوقۇش پۇلىنىڭ ئىشىدىن غەم قىلماڭلار.» گاۋ فېي تېلېفوندا ئاقبوتاغا تەسەللى بېرىپ، سىڭلىسىنىڭ داشۆدە ئوقۇش خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمەلىيەتتە بۇ «ھەممىنى ئۆز ئۈستىگەئېلىش» ئاسان ئەمەس ئىدى. داشۆنىڭبىر يىللىق ئوقۇش پۇلى، تۇرمۇش پۇلىنى ھېسابلىغاندا 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن بولاتتى. ئادەتتە ئاقبوتانىڭ ئاپىسى ئاغرىپ قالسىمۇ خىراجىتىگە گاۋ فېي يەنە كۈچ چىقىراتتى.

گاۋ فېي ئادەتتە تۇرمۇشتا تېجەشلىك ئىدى، لېكىن باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە ئەزەلدىن پىخسىقلىق قىلمايتتى.

2013-يىلى، گاۋ فېي يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىمىدۇڭ رايونىدىكى ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچى خانقىز ئابلانىڭ ئوقۇشىغا ئۈن-تىنسىز ياردەم بەردى. خانقىزنىڭ دادىسى ئاشخانىدا ئىشلەيتتى، ئاپىسىنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق بولۇپ، ئۆيدە ئۈچ بالا بار ئىدى، خانقىز بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدى. گاۋ فېي دائىم 300-200 يۈەن تۇرمۇش پۇلىنى ۋېيشىن ئارقىلىق خانقىزغا يەتكۈزۈپ بېرەتتى.

خانقىز ئۆگىنىشتە ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، 2017-يىلى جىنەن داشۆگە ئۆتتى. مېھرايغا كۈچ چىقارغاندەك، گاۋ فېي كۈچىنىڭ يېتىشىچە خانقىزنىڭ داشۆنى پۈتكۈزۈشىگە ئىزچىل ياردەم بېرىدىغان بولدى.

ئۈچەيلەنمۇبۇ «ئاكا»سىنى ئايىدى، ھەر قېتىم گاۋ فېي ۋېيشىندا ئەۋەتىپ بەرگەن پۇلنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلمايتتى، گاۋ فېي قايتا-قايتا سۈيلىگەندىلا، ئاندىن قوبۇل قىلاتتى. «ئاكا»سىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەيتتى، «ئاكامغىمۇ بەك تەس، بىزنىڭ تۇرمۇش پۇلىمىز ۋە ئوقۇش پۇلىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ئۆزىمىز ھەل قىلالىغۇدەك بولسىلا، ھەرگىز ئۇنىڭغا جاپا سالمايمىز» دېدى مېھراي.

شۇنداق قىلىپ، گاۋ فېي بۇ ئىككى ئائىلىدىكىلەربىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ قالدى.

2019-يىلى روزا ھېيتتىن بۇرۇن، خانقىزنىڭ ئاپىسى بېلىقىز تاھىر مىچۇەندىن بىر قوينى ۋېلىسپىتقا ئارتىپ، گاۋفېيغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن ئەكەلدى.گاۋ فېينىڭ رەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، بېلىقىز ئوڭايسىزلىنىپيۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى، ئاخىرىدا، گاۋ فېي بۇ ۋەزنى ئېغىر سوۋغاتنى تەستە قوبۇل قىلدى.

بەزىلەر ھەر قېتىمگاۋ فېينىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى سورىغاندا،«مەن ھېچقانداق جاۋاب تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇشىنى، كەلگۈسىدە ياراملىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەيدۇ.

«مەن ياشانغاندا،مەندەك ئاكاڭلارنى ئۇنتۇپ قالارسىلەرمۇ؟» بەزىدە گاۋ فېي ئاقبوتا، خانقىزلاردىن چاقچاق ئارىلاششۇنداق سورايتتى. بۇۋاقىتتا، ئۇلاربىردەك «سىزدەك ئاكىمىزنىڭ بولغانلىقى بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىمىز. سىز ياشانغاندا، ھالىڭىزدىن بىز خەۋەر ئالىمىز!» دەپ جاۋاب بېرەتتى.