ۋاڭسەن كوچىسىدا پۈتۈلگەن قېرىنداشلارنىڭ قەلبداشلىق يېڭى ھېكايىسى

日期:2020年09月14日
来源:天山网
【字体:


شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىپەرىزات ئابدۇل، جوۋ پېڭ، سۇ شۈەنمىڭ

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، لوۋ جيەنبو (سولدا) مۇختەر ئابدۇرۇسۇل بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئاشخانىسىدا تىجارەت پىلانىنى كېڭەشمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجوۋ پېڭ فوتوسى)

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سائەت 20دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇختەر ئابدۇرۇسۇل بىلەن تۇغقىنى لوۋ جيەنبو ۋاڭسەن كوچىسىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئاشخانىسىغا كىرىپ كەلدى. «كۆرۈشمىگىلى خېلى ۋاقىت بولدى، ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ بىللە تاماق يەپ، كېيىنكى قەدەمدىكى تىجارەت پىلانىنى مەسلىھەتلىشىۋالايلى» دېدى مۇختەر.

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى قىزىل كۆۋرۈك مەھەللىسىدىكى ۋاڭسەن كوچىسى يىراق - يېقىنغا داڭقى چىققان «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش كوچىسى.» بۇ، 100 يىللىق كونا كوچىدا مۇنداق بىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى داستانى تارقالغان: چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، تيەنجىنلىك سودىگەر ۋاڭ فۇسەي ئاقسۇدا بىر ئۇيغۇر ئوغۇل بالىنى بېقىۋېلىپ، ئىسمىنى ۋاڭ سەنگە ئۆزگەرتكەن. ۋاڭ سەن بېقىۋالغان دادىسىغا ئەگىشىپ تىجارەت - سودا ۋە جۇڭيى تېبابىتى ئۆگەنگەن، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاقسۇدا بىر بازار قۇرغان، كىشىلەر ئۇنى ۋاڭسەن كوچىسى دەپ ئاتىغان.

بۈگۈنكى كۈندە، ۋاڭسەن روھى ئاقسۇ شەھىرىدە كەڭ ئەۋج ئالدى، سىجىل قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى نۇرغۇن «يېڭى ۋاڭ سەن»لەرنى بارلىققا كەلتۈردى، مۇختەر بىلەن لوۋ جيەنبو دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جۈپلەر.

«ئۇ ۋاڭسەن كوچىسىدا بىر جۇڭيى تېبابىتى ئامبۇلاتورىيەسى ئاچقان بولۇپ، دائىم دۇكىنىمدا تەشۋىقات قوللانمىسى باستۇراتتى، كېلىپ - كېتىپ يۈرۈپ بىز دوست بولۇپ قالدۇق» دېدى لوۋ جيەنبو. 2017 - يىلى 8 - ئايدا، مۇختەر بىلەن لوۋ جيەنبو قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتىدە تۇغقان بولۇپ، ئاۋام مەبلەغ چىقىرىش شەكلىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئاشخانىسى ئېچىشنى مەسلىھەتلەشتى.

2018 - يىلى 1 - ئايدا، يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان 88 پايچىك پاي قوشقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئاشخانىسى تىجارەت باشلىدى. «دەسلەپتە، بىز ئەتراپىمىزدىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەردىن باشلاپ، ئاشخانىنىڭ ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىش ئەندىزىسىنى تەشۋىق قىلدۇق، ئاشخانا پايدىسىنىڭ %5ىنى ئىشلىتىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىشنى پىلانلىدۇق، بۇنىڭدا ئۆز ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق <ۋاڭ سەن روھى>غا ۋارىسلىق قىلىشنى ئويلاشتۇق.» مۇختەر پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مېھمانلار بىزنىڭ <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> ئاشخانىمىزدا غىزالانسا، ئالدى بىلەن ئىككىنچى قەۋەتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرگەزمە زالىغا چىقىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئاندىن بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ تاماق يەيدۇ».

2019 - يىلى، ئاشخانا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بەردى. كېيىن يەنە پايچىكلار مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئاشخانىسىنى تيەنجىندە ئېچىشنى قارار قىلدى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئاشخانىسىنىڭ نۇرغۇن پايچىكى ئىچىدىكى مەخمەت توختى دېگەن كىشى ۋاڭ سەننىڭ نەۋرىسى ئىدى، ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى ۋاڭ ۋېيخەن بولۇپ، دادىسى ۋاڭ شىيىڭ ئۇنىڭ جەمەت ئەنئەنىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، ئۆز كەچۈرمىشى ۋە ھەقىقىي تەسىراتى ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلغان.

«مېنىڭ ئىچكىرى رايونلاردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان قىزىم دائىم ساۋاقداشلىرىغا ۋاڭ فۇسەي بىلەن ۋاڭ سەننىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىدىكەن، مەن تۇغقىنىم جاۋ چىڭ بىلەن كىچىك ئوغلۇمغا ۋاڭ خەنچىڭ دەپ ئىسىم قويدۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ ئۇزاققىچە پورەكلەپ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى مەخمەت توختى.

كونا قىياپەت يېڭىلاندى! ئىلگىرىكى كىچىك بازاردىن بۈگۈنكى كۈندىكى مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت خاس مەززىلىك تائاملار بىر گەۋدە قىلىنغان خاس مەدەنىيەت ساياھەت كۇرسلۇق ماركىسىغىچە، بۇ، 100 يىللىق كونا كوچىدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان سودىگەرلەر ئارىسىدىمۇ كۆڭۈللەر يېقىنلىشىپ، مېھىر - مۇھەببەت قويۇقلاشتى، بۇ كوچا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى.

قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چەي لىن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، ۋاڭسەن كوچىسى يەتتە نۆۋەت قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 197 سودىگەرنىڭ ئۆز تۇغقىنى بار بولدى. ئۇلار ئۆزئارا مەدەنىيەت ئۆگىنىپ، سودىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، تۇرمۇشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ماھارەت ئۆگىنىپ، قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتىدىغان چوڭ ئائىلىنى بەرپا قىلدى. بۇ كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى».

بۇ يىل يۇقۇم مەزگىلىدە، ۋاڭسەن كوچىسىدىكى سودىگەر جاۋ بىن مەھەللىگە 13 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى نۆۋەتچىلىك قاراۋۇلخانىسى ھەدىيە قىلدى، بىرىنچى ۋاقىتتا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىرىنچى سېپىگە 60 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماسكا ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى؛ ئابلىمىت مەمەت شىنجاڭغا تۇغقانلىرىغا يۆلىنىش، دوستلىرىغا تايىنىش ئۈچۈن كەلگەن مۇ رۇڭگۇاڭنى ئىش ئورنى ۋە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىدى...

ۋاڭسەن كوچىسىدا، ئاقسۇ شەھىرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ھېكايىلىرى ناھايىتى كۆپ. «بىز ۋاڭ سەنگە ئوخشاش ھەر مىللەت دوستلار بىلەن سىردىشىپ، ئىناق ئۆتۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى <ۋاڭ سەن>لەردىن بولۇشىمىز كېرەك.» مۇختەرنىڭ سۆزى ھەممە سودىگەرنىڭ قەلب ساداسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

«<قېرىنداشلار بىر نىيەتتە بولسا، ھەرقانداق ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.> ۋاڭسەن كوچىسىدىن ئىبارەت بۇ <نام كارتىسى>نىڭ تۈرتكىسىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرى مۈشكۈل ۋەزىپىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدىغان كۆپلىگەن يېڭى دەۋردىكى <ۋاڭ سەن>لەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى» دېدى چەي لىن.