بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى

日期:2020年09月02日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چېن يەنچياڭ خەۋىرى): يەنە بىر يىللىقمول ھوسۇل پەسلى. 8-ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى توردا ۋە تور سىرتىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارغا ياردەملىشىپ جەمئىي 900 توننىدىن ئارتۇق تۈرلۈك مېۋە-چېۋە، كۆكتات سېتىشىپ بەردى.

«خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى ماڭا ياردەملىشىپ ئورما ئورۇپ، دان ئايرىشىپبەردى، يەنە بۇغداينى كەنتتىكى ئاشلىق پونكىتىغا ئاپىرىشىپ بەردى، ماڭا ھەقىقەتەن چوڭ ياردەم قىلدى!» خېجىڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خارمۇدۇن بازىرى شارمۇدۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىنى تىلغا ئالغاندا، كەنت ئاھالىسى يۈسۈپ ئابلىز ئىنتايىن مىننەتدار بولۇپ كېتەتتى.

يۈسۈپنىڭ ئائىلىسى 13 مو يەرگە بۇغداي تېرىغان بولۇپ، ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغاچقا، بۇغداينى ئىزچىل ۋاقتىدا ئورۇيالمىغانىدى، خىزمەت ئەترىتى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كادىرلىرىدىن پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئۇنىڭ بۇغداي ئورۇش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملىشىغا ياردەم بەردى.

بۇ، پەقەتبايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى كەنت (مەھەللە)لەردىكى خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭئالدىراش ھوسۇل يىغىشىغاياردەم بېرىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلغانلىقىنىڭ بىر كارتىنىسىدۇر.

خوشۇت ناھىيەلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنتارا يېزىسى زېگېدېئىنئاسى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە دېھقانلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشى قىيىن بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ «كۈزلۈك يىغىم-تېرىم مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇرۇپ، ئوۋجوۋلى، لازا، شوخلا قاتارلىق كەنتنىڭ تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزۈپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئادەم ئىشلىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

بۈگۈر ناھىيەسىدىكى 11 مەھەللىنىڭ 1-شۇجىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزا-بازارلارنىئۇدۇللاشتۇرۇپ،توردىكى مەھەللە ۋېيشىنتوپى، بىنادىكى ئاھالىلەر توپىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر تارقىتىپ، تور سىرتىدا مەھەللىلەرگىچە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل مېۋە-چېۋىدىنبەش توننا، كۆكتاتتىن ئۈچ توننا سېتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىش بىلەن بىللە، ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

«بىزنىڭ مېۋە-چېۋە، كۆكتات ئۈزۈش بېغىمىزدىكى 38 مو ئورگانىك مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارپىشقاندىن كېيىن، ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك، ئىننتايىن جىددىيلىشىپ كەتكەنىدۇق.باغراش ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەترەت ئەزالىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى ئۈزۈشكە تەشكىللىدى، يەنە تور ئارقىلىق كورلا، ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى تاللا بازىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ زاكاز قوبۇل قىلدى، 8-ئايدىن بۇيان مېۋە-چېۋە، كۆكتات ئۈزۈش بېغىمىزدىن 120 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق» باغراش ناھىيەسى تاۋىنجۆكىن يېزىسى خارئېنگېن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، بېنپاۋ بەيسەي كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاۋ شىبياۋ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتتىكى كۈچلۈك ياردىمىدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولغانىدى.

دېھقانلارنىڭ سېتىش يولى كەمچىل بولۇش ۋە قىسمەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، كورلا شەھىرى قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش پونكىتىنىڭ ئاۋات يېزىسىنىڭ ئۇششاقتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېتى»ى بىلەن بىرلىكتە مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى جىددىي يىغىش ۋە سېتىش لايىھەسى تۈزۈپ، ئادەم كۈچىنى تەشكىللەپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى يىغىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، يېقىن ئەتراپتىكى18 سودا سارىيى، مېۋە-كۆكتات دۇكىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالتە ئارقا سەپ كاپالەت ئاپتوموبىلى چىقىرىپ كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى مەركەزلىك توشۇدى، ساتتى. «پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كۆپچىلىكنىڭ مېۋە-كۆكتاتلىرىنى بازارغا سېلىش پەسلىدە دۇچ كەلگەن ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش، سېتىش يولى كەمچىل بولۇشتەك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار» دېدى بۇ كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى چاڭجۈن.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكىھەرقايسى كەنت (مەھەللە)لەردە تۇرۇشلۇقخىزمەت ئەترەتلىرى «ياچېيكا+پارتىيە ئەزالىرى»نى تايانچ، «تەۋەلىك+ھۆددىگە ئالغۇچى»نى تەدبىر، «تور+تور سىرتى»نى ۋاسىتە قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى، يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.