ۋىيشىن توپىدا «كەنت كېچىلىكى» چوڭ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

日期:2020年08月03日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شۆيۆ

«تىرىڭ - تىرىڭ، تىرىڭ - تىرىڭ...» 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچ سائەت 7دە، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇن يېزىسى تىلەۋباي قىزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ۋىيشىن توپىدا «كەنت ئاھالىلىرى دوستلار، كەچلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن، قۇربان ھېيتلىق كېچىلىك سائەت 8دە رەسمىي باشلىنىدۇ.» «پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن نومۇرلار ئاخىر قويۇلىدىغان بولدى!» «يان تېلېفونغا توكنى لىق قاچىلاپ، ساقلاۋاتىمىز» دېگەن ئۇچۇرلار ئۈزۈلمەي كېلىپ، بىردەمدىلا ئېكراننى تولدۇرۇۋەتتى.

بايرام كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئالتاي شۆبە بانكىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «تور + سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش» «تور + مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى» قاتارلىق «تور +» شەكلى ئارقىلىق ۋىيشىن توپىدا بىر مەيدان ئۆزگىچە كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن قۇربان ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزدى.

«تاتلىق تۇرۇبا سۈيى ئىچىۋاتىمىز، ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيگە كۆچتۇق، يېڭىدىن ياسالغان يوللار كەڭ ھەم تۈز، كۈنلىرىمىز ھەسەلدەك شېرىن، پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتى ئالەمچە چەكسىز...» دومبىرانىڭ شوخ، تېتىك ئاھاڭى، يېقىشلىق ناخشا تېكىستى بىلەن قۇربان ھېيتلىق «توردىكى» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

كەنتتىكى تۆت پېشقەدەملەرنىڭ بىرى مېكېشاي بېلگىباي قەلبىدىكى ھاياجېنىنى باسالماي، بىر قىسقا سىننى سۈرەتكە ئېلىپ توپقا يوللىدى: «كەنتتە يېڭىدىن يەسلى قۇرۇلدى، لىنىيە ئاپتوموبىللىرى قاتنىدى، پۇقرالارنىڭ ھەممىسى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، يېشىل كۆكتاتلارنى تېرىدى، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى... پارتىيە بولغاچقا تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى.» مېكېشاي تىلەۋباي قىزى كەنتىنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەندىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى.

بىر ئاي ئىلگىرى، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا بۇ خىل يېڭىچە بايرام ئۆتكۈزۈش شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئائىلە بويىچە چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن ئاتلىنىشقا، ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلىدىغان نومۇرلارنى قىسقا سىنغا ئېلىپ كەنت ئاھالىلىرى توپىغا يوللاشقا ئىلھاملاندۇردى، تەكلىپ بېرىلگەن ھامان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى.

پائالىيەت جەريانىدا، كىشىلەر يان تېلېفون ئېكرانى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما كۈلكە سادالىرى، بەخت تىلەش سادالىرى يەنىلا بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتتى، ھەربىر ئاۋازلىق ئۇچۇرنى ئاڭلىغاندا، كەنت ئاھالىلىرى توختىماي ماختاشتى، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن بولدى.

ھەممە ئائىلىنىڭ ئىنتىزارلىق نەزەرى ئىچىدە، «ئۆزىڭىز ئەڭ ئۇستا قورۇمىنى كۆرسىتىڭ» دېگەن مۇھىم ھالقا باشلاندى، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان 28 ئائىلە بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

سۈرلەنگەن گۆشلۈك پولۇ، مانتا، نارىن... ئۆزگىچە خاس مەززىلىك تائاملار كەينى - كەينىدىن ۋىيشىن توپىدا نامايان قىلىندى، بەزى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزگىچە ئۇسلۇب يارىتىپ ئائىلىسىدە ئۆستۈرگەن ئۈزۈم، تاۋۇز، قارىقات قاتارلىق ساپ تەبىئىي مېۋىلەر بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردە مېۋە پەتنۇسى تىزدى.

ئېكران ئايرىپ تۇرغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك مەززىلىك تائاملارنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندەك بولدى. كەنت ئاھالىسى زۇھارنەي خابۇ «قورداق» ئەتكەن بىر بۆلەك سىننى توپقا يوللىدى، «قازاننى قىزىتىپ ياغ قۇيىمىز، پىيازنى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن قوي گۆشىنى سالىمىز...» تەپسىلىي ئېتىش جەريانى كۆپچىلىكنىڭ دىەنزەن قىلىشىغا ئېرىشتى. زۇھارنەي ئائىلىسى ئىلگىرى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ يۇرتىدىكى پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ باھار شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ياخشى ئاشپەزلىك ھۈنىرىگە تايىنىپ، ئۆيىدىن يەتتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆكتال گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىدا دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى.

«ئۈچ ئاي ئىلگىرى، خىزمەت ئەترىتى ئاشپەزلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، مەن نۇرغۇن قورۇمىلارنىڭ يېڭىچە قورۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالدىم.» زۇھارنەي مۇنداق دېدى: مەن ئۆز جايىمىزدىكى خاس مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى ياخشى قېزىش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى تۇرمۇشىنى لەززەتلىك ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەيمەن.

ھەر مىللەت ئامما خۇشال - خۇرام، ئىناق بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تىلىكىنى ئىپادىلىدى. «بۇ يىل، كىچىك ئوغلۇم ئىشىك ئالدىدىكى مەكتەپنىڭ 1 - يىللىقىدا ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشمەن!» «تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق شەكىلدە بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدۇق، ئەستە چىڭ ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ»... ۋىيشىن توپى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.