كورلا شەھىرىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار تۇغقانلىرىغا ھېيتلىق سالام يوللىدى

日期:2020年08月04日
来源:天山网
【字体:

 بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرجاۋ شۇاڭ، پىراكتىكانتلىن يىنو): 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قۇربان ھېيت، كورلا شەھىرىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ۋېيشىن ۋە تېلېفونداقوشماقلاشقان تۇغقىنىغاھېيتلىق سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

  «قەمبەرگۈل، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دېدى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىكورلا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى شيې جۈن. ئۇ خىزمەت سەۋەبىدىن قوشماقلاشقان تۇغقىنىقەمبەرگۈل گايىت بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەنقۇربان ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزەلمىگەنلىكتىن، تېلېفوندا بەخت تىلىدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىنى سورىدى.

  «ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت، بىزنى دائىم ئەسلەپ تۇرغىنىڭىزغىمۇ رەھمەت. ھازىر بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتىمىز» دېدىقەمبەرگۈلتېلېفونداشيې جۈنگە.

  كورلا شەھىرى خۇيزې جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ھىمىت يۈسۈپ شۇ كۈنىتېلېفونداكورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى خۇاڭ ۋەنلىنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنىتاپشۇرۇۋالدى. «بىزنىڭ تەييارلىۋالغانگۆش، كۆكتاتلارىمىز خېلىلا كۆپ، ئۆيدە ھەممە نەرسە يېتەرلىك» دېدى ھىمىت، ئۇقوشماقلاشقان كادىرنىڭئائىلىسىدىكىلەرگە يېقىن تۇغقىنىدەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە، ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  كورلا شەھىرى لەڭگەر يېزىسى لەڭگەر كەنتى ئۈچىنچى گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق كەنت ئاھالىسى ئوسمان ئەمەت تېلېفوندا كورلا شەھەرلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىدىكى قوشماقلاشقان كادىرتۇغقىنى لى چيۇڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنىڭ مېۋىلىك بېغىدىكى مېۋىلەرنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. «ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. ئۆزىڭىزنى بەكرەك ئاسراڭ، ۋاقىت چىقىرالىسام سىزنىچوقۇم يوقلاپ بارىمەن» دېدى لى چيۇڭ ۋېيشىن ئارقىلىق ئوسمانغا بايراملىق سالام يوللاپ.