قۇربان ھېيتتا قەلبلەر مانا مۇشۇنداق ئىللىدى

日期:2020年08月03日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىسۇ لۇپىڭ، جاۋ چۇنخۇا، ۋېي خۇڭپىڭ، جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ

7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، كۇچا شەھىرى شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى چىڭفېڭيۈەن مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر توردا سىنلىق كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن ئۆزئارا بەخت تىلەپ، بايرامنى بىللە ئۆتكۈزدى.

(نىياز راخمان فوتوسى)

7- ئاينىڭ 31 - كۈنى، شىنجاڭ ئەيلېشى يېمەك - ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئاشپەزلىرى پولۇ ئەتمەكتە. شۇ كۈنى، بۇ شىركەت جەمئىي 2000 كىشىلىك پولۇ ئېتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان مەھەللە كادىرلىرىغا ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزۈشىنى تىلىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجوۋ پېڭ فوتوسى)

قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئۆزئارا بەخت تىلەپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلاشتى، بىر خىل ئىللىق ئېقىم تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارالدى.

ئۆزگىچە بايرامدا

مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش قەلبلەرنى ئىللىتتى

7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئەتىگەندىلا، تۇغقىنىغا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بىر قوي پاچىقىنى پىدائىيلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى خۇاڭ بىن ئاپتوموبىل بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى كالا - قوي گۆشى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىغا بېرىپ، ئاھالىلەر ئۈچۈن ۋاكالىتەن زاپاس گۆش سېتىۋالدى.

شۇ كۈنى قۇربان ھېيت بولۇپ، بايرام مەزگىلىدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سايباغ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، لۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسى تەۋەلىكتىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر، ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلار ئۈچۈن ۋاكالىتەن 400 كىلوگىرام كالا - قوي گۆشى سېتىۋالدى.

كۈندىلىك كۆكتات، مېۋە - چېۋە، ئاشلىق - ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، خۇاڭ بىن يەنە تۆت كالا - قوي گۆشى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەھەللىگە مال يەتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت ئەترىتى يەنە تەۋەلىكتىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە، قىيىنچىلىقى بار ئائىلە قاتارلىقلارغا سوۋغاتلىق كالا - قوي گۆشى، كۆكتات تەييارلىدى.

«ئىنىم، قوي پاچىقىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، سىز قاچان پىنتاڭ ئالغىلى كېلىسىز؟ بولمىسا پىدائىيلار سىزگە ئاپىرىپ بەرسۇنمۇ؟» سائەت 14لەردە، خۇاڭ بىن ئولتۇراق رايوندا ئاھالىلەرگە كالا - قوي گۆشى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان بولۇپ، تۇغقىنى زورىگۈل ئابدۇرېشىتتىن كەلگەن تېلېفوننى ئالدى. «ئاچا، سىلەر يەۋېرىڭلار، مەن ئېشىپ قالغان كالا - قوي گۆشىنى دەرھال تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىشىم كېرەك.» خۇاڭ بىن تاماق يېيىشكە ئۈلگۈرمەيلا كېيىنكى ئولتۇراق رايونغا قاراپ ماڭدى.

2018 - يىلى، ئەينى چاغدا خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى بولغان خۇاڭ بىن تەۋەلىكتىكى ئاھالە زورىگۈل بىلەن تۇغقانلىشىپ، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئىزچىل ئۇرۇق - تۇغقانلاردەك بېرىش - كېلىش قىلىپ كېلىۋاتاتتى. ۋاقتى بولسىلا، خۇاڭ بىن گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كالا - قوي گۆشى، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ زورىگۈلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلەتتى؛ خۇاڭ بىن مەھەللىدە نۆۋەتچىلىك قىلغاندا، زورىگۈلمۇ بىر كىشىلىك تاماقنى ئارتۇق ئېتىپ ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بېرەتتى.

ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا، خۇاڭ بىن ئاھالىلەرگە كۆكتات تەقسىملەۋاتقاندا تىزىملىكتىن زورىگۈلنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ قالدى. تەقسىملەپ يەتكۈزۈلىدىغان ئاھالىلەر بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، خۇاڭ بىن زورىگۈلگە سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇش توغرىسىدا قىسقا ئۇچۇر يوللىدى. ئويلىمىغان يەردىن زورىگۈلنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىغا بىر خالتا ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى، ئىچىگە مانتا سېلىنغانلىقىنى، يەنە بىر پارچە باغاقچە بار بولۇپ: «قوي گۆشىنى ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويۇڭ، مانتىنى ئېلىپ كېتىڭ، ئەگەر مانتىنى ئېلىپ كەتمىسىڭىز مەن گۆشنى ئالمايمەن!» دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆردى.

ئەسلىدە، زورىگۈل خۇاڭ بىن ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىپ تاماق يېيىشكە ئۈلگۈرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال بىر كورا پېتىر مانتا ئەتكەنىدى. «مەن سېسترا بولغان، بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ كېچە - كۈندۈز دېمەي ئىشلەپ قانچىلىك ھېرىپ كەتكەنلىكىنى بىلىمەن.» زورىگۈل مۇنداق دېدى: ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرغان بۇ كۈنلەردە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە پىدائىيلار ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، دېزىنفېكسىيە قىلدى، ئەخلەت تۆكتى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەردى، كۇەيدى ئالدى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل دورىلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋالدى... ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجى بولسا، ئۇلار ئامالنىڭ بارىچە قاندۇردى. «مەن ياردەم قىلالمىدىم، ئازراق بولسىمۇ يەيدىغان نەرسە تەييارلاپ ئۇلارغا مەدەت بېرىشنى ئويلىدىم».

بۇ يىلقى قۇربان ھېيت زورىگۈلگە نىسبەتەن ئالاھىدە بولدى، ئەتراپىدىكى ھەممە ئادەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تىرىشىۋاتاتتى. «ئىنى تۇغقىنىم خۇاڭ بىن بىلەن ئوغلۇم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتىدۇ. كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلاشسىلا، يۇقۇم قاپلىغان تۇماننى بالدۇرراق يوقاتقىلى بولىدۇ.» زورىگۈل يان تېلېفون ئېكرانى ئارقىلىق ئىنىسى ۋە ئوغلىغا بايراملىق بەخت تىلىدى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۈن - تىنسىز چىڭ تۇرۇۋاتقان تۇغقانلىرىنى ئويلىسىلا، زورىگۈل ئىشەنچكە تولىدۇ.

ئارىلىق يىراق بولسىمۇ

ئاچا - سىڭىللىق مېھرى چوڭقۇر

«ئاچا، بۇ يىل سىز بىلەن بىللە بايرام ئۆتكۈزەلمەيدىغان بولدۇم، مەن سىزنى ناھايىتى سېغىندىم!» 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى يامالىق تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئەدلىيە پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى قەلبىنۇر ئابدۇلئەخەت جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ياڭ رۇيپىڭنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى.

ياڭ رۇيپىڭ بىلەن قەلبىنۇر خىزمەت جەريانىدا تونۇشقانىدى. بەش يىل بولدى، ھەر يىلى قۇربان ھېيتنى ئىككىيلەن ۋاقتى بولسىلا بىللە ئۆتكۈزەتتى. قەلبىنۇرنىڭ يان تېلېفون ئالبومىدا ئىككىسىنىڭ بايرامنى بىللە خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزگەن چاغدىكى سۈرەتلەر ساقلانغانىدى.

2017 - يىلى، بالىلار ئاياغلىرىنى توپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياڭ رۇيپىڭ ئەۋەتكەن ماللىرىنىڭ پۇلىنى خېلى ئۇزاققىچە تاپشۇرۇۋالالمىدى، دۇكان ئايلانما مەبلەغقە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئۇ ئىنتايىن جىددىيلىشىپ قالغانىدى. باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇ قەلبىنۇرنى ئىزدەپ تاپتى. ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، قەلبىنۇر ئالاقىدار تەرەپكە تېلېفون قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ بازار باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاخىردا 180 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز پۇلنى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ياڭ رۇيپىڭنىڭ ھېساباتىغا ئۇرغۇزۇپ بەردى.

ياڭ رۇيپىڭنىڭ دېيىشىچە، ئۆزى ئەڭ يار - يۆلەكسىز قالغان چاغدا، قەلبىنۇر ياردەم قولىنى سۇنغان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قانۇننى بىلىش، قانۇننى چۈشىنىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن، قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسىلا، ئۇ تۇنجى بولۇپ قەلبىنۇرنى ئەسكە ئالىدىغان بولدى. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ياڭ رۇيپىڭنىڭ سودىسى بارغانسېرى ئوڭۇشلۇق بولدى، ئاچا - سىڭىل ئىككىسىنىڭ دوستلۇقىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قەلبىنۇر ئىزچىل مەھەللىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى. يىراق جېجياڭدىكى ياڭ رۇيپىڭمۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى قەلبىنۇر ئۈچۈن غەم يېدى.

«ئاچامنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراش، دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ھەمىشە ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغۇم كېلىدۇ. گەرچە بۇ يىل بىز بايرامنى بىللە ئۆتكۈزەلمىگەن بولساقمۇ، لېكىن بىزنىڭ قەلبىمىز مەڭگۈ بىللە!» دېدى ياڭ رۇيپىڭ تېلېفوندا.

قوشماقلاشقان تۇغقانلار

ئېكران ئارقىلىق بىر - بىرىگە بەخت تىلىدى

«ئاكا، سىزگە بايراملىق سالام يوللايمەن! خىزمەت سەۋەبىدىن بايرامنى بىللە ئۆتكۈزەلمىدۇق، مۇشۇ مەزگىللىك ئالدىراشچىلىق تۈگىگەندىن كېيىن چوقۇم سىزنى يوقلاپ بارىمەن!» 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئەتىگەندىلا، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى يەن جىچېڭ ۋىيشىن سىنى ئارقىلىق قوشماقلاشقان تۇغقىنى كەنجىبېك باباخقا بەخت تىلىدى. «خىزمىتىڭىز بەك جاپالىق، سالامەتلىكىڭىزگە كۆپرەك دىققەت قىلىڭ!» سىنلىق كۆرۈشۈشتە ئىككىيلەن ئۆزئارا بىر - بىرىگە مۇشۇنداق جېكىلىدى.

كەنجىبېك ئىلگىرى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ قاراماغاي بازىرى تاڭبالى كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى. 2018 - يىلى، ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان يەن جىچېڭ ئۆزىدىن ئون ياش چوڭ كەنجىبېك بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. ئۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، چوقۇم ئامال قىلىپ كەنجىبېك ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى دېھقان - چارۋىچىلارنى دېھقانچىلىق رايون چارۋىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى ھەم بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلىرىنى چىقاردى. يەن جىچېڭ كەنجىبېككە چارۋا باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەكلىپى بەردى ھەم تەپسىلىي ياردەم بېرىش - يۆلەش پىلانى تۈزدى.

يەن جىچېڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، كەنجىبېكنىڭ 30 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئېلىشىغا ياردەم بەردى. كەنجىبېك مۇشۇ پۇل بىلەن قوتان سېلىپ، ئۈچ كالا سېتىۋالدى، يەن جىچېڭ يەنە باقمىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كەنجىبېكنى باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە يېتەكلىدى.

ئۆگىنىشنى سۆيۈش، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش غەيرىتىگە تايىنىپ، كەنجىبېكنىڭ باقمىچىلىق ئىشلىرى ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى. 2019 - يىلى، ئۇ يەنە يەم - خەشەك بازىسى قۇرۇپ، سىلوس كۆممىقونىقى تېرىدى، بۇ يىل ئۇ يېڭى ئۆي سالدى، ھويلىسىمۇ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ، گۈل - گىياھ، كۆكتاتلار بىلەن تولدى.

«تۇغقانلىشىش مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ماڭا بىر تۇغقان كۆپەيتىپ بەردى. كېلىڭە ئىنىم، بىز ھاراق ئورنىدا چاي ئىچىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلەيلى!» سىنلىق كۆرۈشۈشتە ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن چاي ئىستاكانىنى ئېلىپ، بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپىقىنى ئېلىۋەتتى

بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى

بۇ يىلقى قۇربان ھېيت ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسى سۆگەتلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى غوپۇر قۇربان نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن تۇنجى قۇربان ھېيت. 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئەتىگەندىلا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ سۆگەتلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋېي خۇڭ گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

«ۋېي ئاكا، مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم، بۇ مېنىڭ بۇ يىل بايرامدا ئەڭ خۇشال بولغان ئىشىم!» دېدى غوپۇر. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، سۆگەتلىك كەنتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم 134 نامرات ئائىلىنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلدى. بۇ قۇربان ھېيتتا، ھەممە ئائىلە شاد - خۇراملىققا چۆمدى.

ئىلگىرى غوپۇر ئائىلىسىنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى بىرلا خىل بولۇپ، خوتۇنى ئاغرىقچان ئىدى، ۋېي خۇڭ نەچچە كۈندە بىر ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بۇ ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتەتتى.

«سىزنىڭ تەكلىپىڭىز بىلەن، مەن ھۆكۈمەت تارقاتقان نامراتلارنى يۆلەش كالىسىدىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردۇم، ھازىر بىر كالا ئۈچ كالىغا ئايلاندى، بىزنىڭ غەيرىتىمىز تولۇپ تاشتى!» دېدى غوپۇر ۋېي خۇڭغا.

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، غوپۇرنىڭ خوتۇنى كەنتتە تازىلىقچى بولۇپ، بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپلا قالماي، ھەر ئايدا يەنە بىر ئۈلۈش مۇقىم كىرىمى كۆپەيدى. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سۆگەتلىك كەنتى يەنە بىر تۈركۈم ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلدى، غوپۇر ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇشقا تىزىملاتماقچى بولدى.

«بىزنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى، بىز قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتىدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇق. مەن چوقۇم ئۆز تىرىشچانلىقىمغا تايىنىپ تېخىمۇ باياشات تۇرمۇش كەچۈرىمەن» دېدى غوپۇر ۋېي خۇڭغا.