قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى پۈتۈشۈش

日期:2020年08月02日
来源:天山网
【字体:

 شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرجىڭ بو):«ئاكا! بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ يىل سىز بىلەن بىللە بايرام ئۆتكۈزەلمىدىم، ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ، ۋاقتىم بولسىلا سىزنى كۆرگىلى بارىمەن. بالىمىزنىڭ بۇ يەردىكى ئوقۇشى بەك ياخشى، خاتىرجەم بولۇڭ!» ئەركىن بارات سىندا ئىنىسى خەن جيەنگونى كۆرۈپ ھەمئۇنىڭ ئىللىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدىن كۈلۈپ كەتتى.

قۇربان ھېيت كۈنى ئەتىگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىئالاغىر يېزىسى ئىچيان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى خەن جيەنگو سېتىۋالغان بايراملىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ، ئەركىننى يوقلاپ كەلدى، خەن جيەنگو يەنە سىنلىق كۆرۈشۈپ، ئەركىننىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

مېۋە-چېۋە، ساڭزا، پېچىنە-پىرەنىك، قەنت-گېزەك...لەرشىرەسىگە لىق تىزىلغان، ھويلا-ئارانلار پاك-پاكىز تازىلانغان، ھويلىدىكى كۆكتات ۋە مېۋىلىك دەرەخلەر ناھايىتى ياخشى ئۆسكەن ئىدى.

«بالامنى سىزگە تاپشۇرسام خاتىرجەم بولىمەن. سىزمۇ سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ، خىزمىتىڭىز ئالدىراش، ۋاقتىڭىز بولسا كۆپرەك ئۆيگە كېلىپ كۆرۈپ كېتىڭ.» ئەركىن بىر تەرەپتىن جاۋاب قايتۇرغاچ، بىر تەرەپتىن يانتېلېفوننىڭكامېراسىنى ئايلاندۇرۇپ، خەن جيەنگوغا ئائىلىسىنىڭ قويۇق بايرام كەيپىياتىنى كۆرسەتتى.

2017-يىلى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ تاللاپ ئەۋەتىشى بىلەن، خەن جيەنگو 9-تۈركۈمدىكى مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار بىلەن بىللە شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولدى. بۇ يەردە، ئۇبىر تۇغقان تۇتتى، ئۇ دەلئەركىن بارات ئىدى.

«مەن دائىم ئاكام بىلەن تېلېفونلىشىمەن، بالىلار بىلەن ۋېيشىندا ئالاقىلىشىمەن. ۋاقتىم بولسىلا بالىلارنى كۆرگىلى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كىيىم-كېچەك ۋە ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ئېلىپ بېرىمەن.خوتۇنۇممۇدائىم بېيجىڭدىن ئەركىننىڭ ئائىلىسىگە سوۋغات ئەۋەتىپ تۇرىدۇ ھەم ئۇلارنىبېيجىڭدىكى ئۆيگە بېرىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ» دېدى» خەن جيەنگو.

تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى يېقىنلىشىدۇ، ھېسسىياتى چوڭقۇرلىشىدۇ. ئەركىن بىلەن تۇغقان بولغاندىن كېيىن، خەن جيەنگو ياتسىراپ قالمىدى: ھەرقېتىم كەنتكە بارغاندا، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتى، تاماق ئېتىشتى، بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلىپ، ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، بىللە ئېتىزغا بېرىپ ئەمگەك قىلدى… ھەممە جايدا ئۇنىڭ ئالدىراش سىماسىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئەركىن ئائىلىسىدىكىلەر بۇلارنى كۆرۈپ تۇردى، كۆڭلىدە ساقلىدى.

خەن جيەنگو ھەربىر سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەركىن ئائىلىسىگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيە ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى.

خەن جيەنگونىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەركىن بالىلارنى ياخشى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى، پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئەركىن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئېغىز ئۆي ئاجرىتىپ بەردى.

ئەركىن خەن جيەنگوغا «ھەر قانچە جاپا تارتساممۇ، ھارساممۇ، بالامنىڭ بىلىم ئېلىشىنىقوللايمەن» دەپ ۋەدە بەردى.

قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە. 2018-يىلى، ئەركىننىڭ قىزى مەريەمگۈل شىنجاڭ سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە ئۆتتى، چوڭ ئوغلى يۈسۈپئەلى ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتتى، كىچىك ئوغلى ئابدۇۋەلى يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى.

يېزىدىن شەھەرگە كەلگەندە كېيىن، مەريەمگۈلنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، تونۇشى ئۆستى. داشۆگە كىرىشتىن بۇرۇن، خەن جيەنگو مەريەمگۈلگە مۇنداق ئۈچ تەكلىپ بەردى: بىرىنچى، ئىدىيەۋى، سىياسىي ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىغا پائال يېقىنلىشىش؛ ئىككىنچى، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆتۈشنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئۈچىنچى، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپنىڭ كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىش.

مەريەمگۈل خەن دادىسىنىڭ سۆزىنى خاتىرىلەپلا قالماي، يەنە كۆڭلىدە ساقلىدى. مەكتەپكە كىلىپئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يازدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ۋېيشىن ۋە تېلېفون ئارقىلىق خەن دادىسىغا ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە ئىدىيە ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ تۇردى. ئۇ بىر قېتىمتېلېفوندا ئەستايىدىللىق بىلەن: خەن دادا، ھازىر دۆلىتىمىز گۈللەپ ياشناپ، كۈندىن-كۈنگە قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن پەرخىرلىنىمەن. 2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان داشۆسېڭ بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ۋەتىنىمۋە يۇرتۇمنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن، دېدى.

يۈسۈپئەلى خەن جيەنگونىڭ ئۆزىگە ئىلھام بېرىپ يازغان خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن مۇنداق كاپالەتبەردى: خەن دادا، سىز يازغانخەتنى ئىزچىل يېنىمدا ساقلاۋاتىمەن، مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىز بويىچە، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، دۆلەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن.

خەن جيەنگو بالىلاردىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەركىن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىشنى ئويلىدى.

ئەركىن ئائىلىسىدىكىلەر بۇلتۇر 2-ئايدا ئۈرۈمچىگە كەلدى. مېتروغا ئولتۇرۇش، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلىش، مەززىلىك تائاملارنى يېيىش… نەچچە كۈن بىللە ئۆتۈش جەريانىدابىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھېسسىياتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىئۇرۇقى بىر-بىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ»، ئەركىن سىنداخەن جيەنگوغاقولىنى سۇنۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن: ئىنىم، بالىلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە، مەنمۇ بېيجىڭغا بارىمەن، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشەيلى، دەپ پۈتۈشتى.