شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى يالقۇنتاغ مەھەللىسى: «مەركەزداش چەمبەر»نى ئورتاق سىزىپ، «بەخت يولى»دا قول تۇتۇشۇش

日期:2020年07月24日
来源:天山网
【字体:

ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: «مېنىڭ ئۆيۈم تۇرىدىغان جايىمدىن چوڭ! 19 - بىنا 2 - ئىشىك 102- ئۆي مەن تۇرىدىغان جاي، لېكىن پۈتۈن يالقۇنتاغ مەھەللىسى مېنىڭ ئۆيۈم.» ئاھالە ئامىنە كۆڭلىدىكى ئۆيىنى مۇنداق چۈشەندۈردى.

ئۈچ يىل ئىلگىرىكى بىر قىش كېچىسى، ئامىنەنىڭ ئون ئايلىق بولغان قىزىنىڭ قىزىتمىسى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ، ئۆيىدە قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى بولمىغاچقا، ياش ئانا تىت-تىت بولۇپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قوشنىسى شياڭ شۇچىڭنىڭ شىپاخانا ئاچىدىغان دوختۇر ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئىشىكنى چېكىپ ياردەم سورىدى. توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، شۇ كۈنى دوختۇرقوبۇل قىلىپ بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە شياڭ دوختۇر شىپاخانىدا قونۇپ قالغان ئىدى، ئۇنىڭ خوتۇنى دەرھال ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشتى، شياڭ شۇچىڭ دەرھال ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بالىنى داۋالىدى، بالىنىڭ قىزىتمىسى ناھايىتى تېزلا ياندى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلاشتى.

ئامىنە تۇرۇشلۇق شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى يالقۇنتاغ مەھەللىسى بەش يىل ئىلگىرى تېخى چۆللۈك ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە چوڭ تىپتىكى خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ئولتۇراق رايونىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ «مەنىۋى ئېگىزلىكى»گە ئايلاندى. بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، تۇجيازۇ، موڭغۇل، قازاق ئامما ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتتى. «ئىتتىپاقلىشىدىغانلا بولساق، ئۆتكىلى بولمايدىغان يالقۇنتاغ يوق» بۇ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر جۈملە سۆزى.

ئىككى يىل ئىلگىرى، ۋۇ خۇاچيۇڭنىڭ ئېرى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى، ئىككى بالىسى تېخىچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى بىر مەھەل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. قوشنىسى ئەركىن ئاكا بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇندى ھەم ۋۇ خۇاچيۇڭغا ئاشخانىدىن خىزمەت تېپىپ بەردى، ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئىككى بالىغا ئوقۇش بۇيۇملىرى تەييارلاپ بەردى، ۋۇ خۇاچيۇڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارا-بارا ياخشىلاندى.

«ئەركىن تاغام بىزنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىمىزگە ياردەم قىلىپ، بىزنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشىمىزگە ئىلھام بەردى، مەن ئىزچىل كۆڭلۈمدە چىڭ ساقلاپ كەلدىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن». ۋۇ خۇاچيۇڭنىڭ قىزى ۋېن شيۇلەن ھەر قېتىم تەتىل قويۇپ بەرگەندە ئەركىننىڭ بالىسىغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرەتتى. «مەن ھازىر ئەركىن تاغامنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىمەن» دېدى ۋېن شيۇلەن.

شۈ جاۋلەن موماي يېرىم پالەچ بولۇپ قالغان ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، ئوڭ پۇتىنىڭ سۆڭىكى سۇنۇپ كەتتى، ھېلىمۇ ياخشى شۇ كۈنى مەھەللە كادىرلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەچكە، ئىككى ياشانغان كىشى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ بىردىنبىر ئوغلى قارامايدا بولغاچقا، قوشنىلار ئۆزلىكىدىن مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى، ئاشخانا ئاچقان ما لىن يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ يېمەك - ئىچمىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تاماق يەتكۈزۈپ بەردى. «پەقەت قىيىنچىلىقى بار ئادەم بولسىلا، مەن ياردەم بېرىشنى خالايمەن، بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە مۇشۇنداق قىلىمەن» مەھەللە ما لىنغا ھېسابات قىلىپ بەرمەكچى بولغاندا، ئۇ رەت قىلدى.

بۇ ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ ئوغلى چېن دېيۈەن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، خوتۇنى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ تۇرپانغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى قارار قىلدى. «يالقۇنتاغ مەھەللىسى بىر چوڭ ئائىلە، مەنمۇ ھەر مىللەت قوشنىلارغا ياردەم قىلىمەن». يالقۇنتاغ مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، كىمنىڭ ئۆيىنىڭ سۇ تۇرۇبىسىدىن سۇ ئېقىپ قالسا، چىراغ بۇزۇلسا، ياشانغانلارنىڭ سىرتقا چىقىشىدا قىيىنچىلىق بولسا، چېن دېيۈەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلدى.

ئاھالە جىن لەنيىڭ ئىگە- چاقىسىز ياشانغان كىشى بولۇپ، مېڭىشى قولايسىز بولغاچقا سىرتقا ناھايىتى ئاز چىقاتتى، دائىم دېرىزە يېنىدا تۇرۇپ سىرتقا قاراپ خىيال سۈرەتتى، بۇنى بىر مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق قوشنىسى ليۇ شاڭ بايقاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ليۇ شاڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىن لەنيىڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر كۈنى ئىشقا بېرىپ-كېلىشتە جىن ئانىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ، ئۆي ئىچىدە «مەن ياخشى، خاتىرجەم بولۇڭ» دەپ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، ئاندىن خاتىرجەم ئايرىلىدىغان بولدى.

بىر قېتىم، ليۇ شاڭ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئىشىكنى توختىماي چەكسىمۇ جاۋاب قايتمىدى، موماينىڭ تېلېفونىمۇ ئۇلانمىدى، ئۇ ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ، دېرىزىگە يامىشىپ چىقىپ، جىن ئانىنىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال 120 گە تېلېفون قىلدى. ۋاقتىداجىددىي قۇتقۇزۇلغانلىقتىن، موماي خەتەردىن قۇتۇلدى. ليۇ شاڭنىڭ خىزمەتداشلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دائىم جىن ئانىنى يوقلاپ تۇردى، ئەگەر ليۇ شاڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ياكى سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسا، خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ ئورنىدا كۈندىلىك «دائىملىق ھال سورىدى».

يالقۇنتاغ مەھەللىسى يېڭىلا پۈتكەن چاغدا، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا 50 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئازگال يول بار بولۇپ، تېخى رېمونت قىلىنمىغان ئىدى. ئاھالە تيەن شېڭگۇينىڭ ئوغلى توي قىلماقچى بولدى، بۇ يول توي ئاپتوموبىلى چوقۇم ئۆتىدىغان يول بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ باش ئاغرىقى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قوشنىسى زۇنۇن دەرھال قوشنىلاردىن تۇردى، ئابلالارنى چاقىرىپ، گۈرجەك، جوتۇ ئېلىپ بۇ يولنى رېمونت قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ يول ياساۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قوشنىسى رىشىت تاغا ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتقا مىنىپ قۇم-شېغىل ئېلىپ كەلدى، ما چۈنفۇ ئۆيىدىن سۇ تۇرۇبىسى ئېلىپ چىقتى، كۆپچىلىك بىر چۈشتىن كېيىن ئالدىراش بولۇپ يولنى تۈپتۈز ياساپ چىقتى.

شۇ كۈنى كەچتە، تيەن شېڭگۇي قايتىپ كېلىپ ئىشىك ئالدىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، يول ياسىغان قوشنىلىرىنى تېپىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سىلەردەك ياخشى قوشنىلىرىم بولغاچقا، مەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن. ئوغلۇمنىڭ تويىغا چوقۇم كېلىڭلار». توي كۈنى، توي ئاپتوموبىلىنىڭ «بەخت يولى»دىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك ئىنتايىن خۇشال بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر مىللەت قوشنىلارنىڭ بىرلىكتە «بەخت يولى»نى رېمونت قىلغانلىقى مەھەللىدە تارقىلىپ، ھەر مىللەت ئامما دائىم تىلغا ئالىدىغان قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ھېكايىگە ئايلاندى.

شەپەق نۇرى ئاستىدا، مەھەللە مەدەنىيەت مەيدانىدا مۇزىكا ساداسى ياڭرىدى، ھەر مىللەت ئامما مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى. يالقۇنتاغ مەھەللىسىدە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ، بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىشتەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى. «قىيىنچىلىق بولسا كۆپچىلىك بىرلىكتە ياردەم بېرەيلى، خۇشاللىق بولسا ھەممەيلەن تەڭ بەھرىمەن بولايلى، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايمىز» ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئاھالە جۇ ئەييىڭ خۇشال كەيپىياتتا مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.