[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] كىچىككىنە ھەرىكىتى ئارقىلىق تۇغقىنىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش

日期:2020年07月20日
来源:天山网
【字体:

 شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىيۈ شى، ئىختىيارىي مۇخبىرجاڭ دېفېڭ): 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى ئېرگۇڭ بازىرى خەيزىيەن كەنتىدە، قوتاندىكى قوزىلار تاقلاپ ئويناپ، بۇ يىل 47 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان لىڭ يۈننىڭ يەم بېرىشىنى كۈتتى. «ئوغلۇم، بەختىمىزگە يارىشا ئاقاي قوتاننى رېمونت قىلىشىمىزغا ياردەملەشتى. بۈگۈن ھەپتە ئاخىرى، سەن تېزدىن تېلېفون قىلغىن، بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ لەڭمەن يەپ كەتسۇن.» لىڭ يۈننىڭ ئانىسى يەن شېڭدىشۇنداق دېدى.

  «توغرا كېلىپ قالغىنىنى قاراڭ، مەن گۆش سېتىۋېلىپ سىلەرنىڭ ئۆيگە بېرىپ پولو ئېتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، بىز ئازراق لاي ئېتىپ، كېسەك ئېلىپ كېلىپ، قوتاننى يەنە بىر مۇستەھكەملىۋېتەيلى.» ئاقاي ئابلىمىت تېلېفوننى ئېلىپ ئوچۇق-يورۇق ھالدا شۇنداق دېدى.

  ئاقاي جىمىسار ناھىيەسى ئېرگۇڭ بازىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە خىزمەت قىلىدۇ. 2018-يىلى ئۇ خەيزىيەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى لىڭ يۈن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندا، لىڭ يۈن ئىنتايىن خىجالەت بولغان ھالدا ئاقايغا مۇنداق دېدى: «مەن بىر مېيىپ، ئاناممۇ كېسەلچان، ئائىلىمىزدە قىيىنچىلىق كۆپ.» «بۇنىڭدىن كېيىن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، قانداق ئىش بولسا مېنى ئىزدەڭلار.» ئاقاي لىڭ يۈنگە تەسەللىي بېرىپ شۇنداق دېدى.

  ئىككى يېرىم ياش ۋاقىتلىرىدا، لىڭ يۈن كېسەل سەۋەبى بىلەن سول پۇتى مېيىپ بولۇپ قالغان، دادىسى مېڭە تىقىلمىسى بىلەن ۋاپات بولغان ئىدى. بۇ يىللاردا، لىڭ يۈن ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۇزۇن مۇددەت سىرت بىلەن ئاز ئالاقە قىلغاچقا، سەل ئىچ مىجەز بولۇپ قالغانىدى.

  قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئاقاي دائىم دېگۈدەك لىڭ يۈننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارنى يوقلاپ تۇردى، پاراڭلىشىشتىن ئۆزئارا تىل ئۆگىنىشكىچە، تېلېفون بېرىشتىنۋېيشىندا كۆرۈشۈشكىچە، ئاندىن ھېيت-بايراملاردا ساڭزا، يۆبىڭ سوۋغا قىلىشقىچە... ئاستا-ئاستا لىڭ يۈننىڭمىجەزى ئۆزگەردى.

  لىڭ يۈننىڭ تۇرمۇشقا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىنى ياخشىلاش ئاقاينىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشى ئىدى.

  لىڭ يۈننىڭ ھويلىسىنىڭ چوڭلىقىنى كۆرۈپ، باقمىچىلىقتىن خەۋىرى بار ئاقاي، لىڭ يۈننى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇردى. «بىزنىڭ ئائىلىنىڭ 22 مو يېرى بار، ئاقاينىڭ بوش ۋاقتى بولسىلا ئورغاقنى ئېلىپ ئېتىزغا بېرىپ ئوت-چۆپ ئورۇپ، ئاندىن باغلام-باغلام ئوتلارنى قوتانغا ئېلىپ كېلىپ قويلارغا بېرىدۇ.» دېدى لىڭ يۈن، ئاقاي كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقمىچىلىق تېخنىكىسى جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلدى، ھازىر لىڭ يۈننىڭ 20 نەچچە تۇياق قويى بار.

  بۇلتۇر 12-ئايدا، ئاقاي ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كىرا قىلىپ، ھۆكۈمەت لىڭ يۈننىڭ ئائىلىسىگە بەرگەن 2.5 توننا كۆمۈرنى ئۇنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىپ، لىڭ يۈن بىلەن ئانىسى ئىككىيلەننىڭ قىشتىن چىقىشىغا ياردەم قىلدى.

  1-ئاينىڭ 13-كۈنى، لىڭ يۈننىڭ ئۆيىدىكى سۇ تۇرۇبىسى يېرىلىپ كەتتى، ئۇ تەمتىرەپ شۇ ھامان ئاقايغا تېلېفون قىلىپياردەم تەلەپ قىلدى. ئاقاي ئادەم چاقىرىپ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە سۇ تۇرۇبىسنى ئوڭشاپ بەردى.

  لىڭ يۈننىڭ ئانىسى يەن شېڭدىنىڭ يۈرەك كېسىلى، قان بېسىمى بار، ئاقاي پات-پات دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە دائىم ئۇنىڭغا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى تارقىتىپ بېرىدۇ. يەن شېڭدى دائىم ئۆزىنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ يۈرگەن ئاقايغا قاراپ، ئەتراپتىكى قولۇم-قوشنىلىرىغا ئۇنىڭ سۆزىنى قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مېنىڭ تۇغقىنىم، مېنىڭ ھەقىقىي تۇغقىنىم.»