[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ناۋايخانىسىدىكى قويۇق دوستلۇق

日期:2020年07月17日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرمېھرىگۈل غوپۇرخەۋىرى): 7-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) تيەنجىن جەنۇبىي يولى غەربىي 2-كوچىسىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ناۋايخانىسىدا، قاتار تىزىپ قويۇلغان سارغىيىپ پىشقان نانلارنىڭ خۇش ھىدى كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، نان سېتىۋالغىلى كەلگەن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. «جۇڭلياڭ ئاشلىق گۇرۇھى كوكا كولا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ ياردەم قىلىشى بىلەن، ناۋايخانىنىزىننەتلىگەندىن كېيىنقايتىدىن تىجارەت باشلىدىم، تىجارىتىم بۇرۇنقىدىن ياخشىلاندى، ناۋايخانىنىڭ تىجارىتىنى ياخشى قىلىشقائىشەنچىم بار.» دۇكان ئىگىسى ئابدۇكېرەم ئالىم بىر تەرەپتىن مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى تونۇردىن نان قومۇرغاچ، بىر تەرەپتىن شۇنداق دېدى.

  ئابدۇكېرەم بىلەن خوتۇنى ئىككىسى تىجارەت قىلغىلى بەش يىل بولغان بۇ ناۋايخانىدا، ھەر ئايدا باشقا ھەر تۈردىكى چىقىملارنى چىقىرىۋەتكەندە 5000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدۇ. ئەمما يېقىنقى ئىككى يىلدا سېتىش يوللىرى بىرلا خىل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سودا بۇرۇنقىدەك بولمايقالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇكان كونىراپ كەتكەچكە، ئۈسكۈنىلەرنى ئالماشتۇرۇشقا يېتەرلىك مەبلەغ بولمىغاچقا، ناۋايخانا تىجارىتىنى بىر مەھەل داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.

  ئابدۇكېرەم تىجارەتنى توختىتىشنى ئويلاشقاندا، ئۈرۈمچى يول مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئەرگۇڭ تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شياۋشىگۇ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭغا بىر خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى: جۇڭلياڭ ئاشلىق گۇرۇھىكوكا كولا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتى ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئۇنىڭ بۇ بىر مەزگىللىك قىينچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «نان ھەر مىللەت خەلق ياخشى كۆرىدىغان ئۇن تاماقلىرىنىڭ بىرى. كىچىككىنە نانغا چوڭ خەلق تۇرمۇشى يوشۇرۇنغان. بۇلتۇر، شىنجاڭ خۇڭشى خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ناۋايخانىسى ئاممىۋى پاراۋانلىقتۈرىنى يولغا قويدى، بىز بۇنىڭغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، «قان بېرىش+قان ئىشلەش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، بىر قىسىم ناۋايخانا تىجارەتچىلىرى تەرەققىيات جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشتۇق.» جۇڭلياڭ ئاشلىق گۇرۇھىكوكا كولا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى جاڭ يىمىن شۇنداق دېدى.

  يېرىم ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، جۇڭلياڭ ئاشلىق گۇرۇھى كوكا كولا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتى ئابدۇكېرەمنىڭ ناۋايخانىسىغا 30 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالدى. يېڭى ناۋايخانا تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، يېڭى ئۈسكۈنىلەر، بېزەلگەن يېڭى دۇكان ئابدۇكېرەمنىڭ تىجارەت ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

  ھەر كۈنى سائەت 07:00دىن باشلاپ، ئابدۇكېرەم بىلەن خوتۇنى نانغا كېرەكلىك خام ئەشيالارنى تەييارلايدۇ، جىڭلاشتىن تارتىپ خېمىر يۇغۇرۇشقىچە، نان يېقىشتىن تارتىپ نان قومۇرۇشقىچە ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ھەر بىر باسقۇچنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيدۇ. سائەت 11:00لەر ئەتراپىدا خۇش ھىدى دىماقنى يارىدىغان ياغ نان، كۈنجۈت نان، پىياز نان، لازا نانلار تونۇردىن چىقىدۇ.

  «تۇخۇم، ئۇن، سۈت...لەرنىڭ نىسبىتى دەل جايىدا بولسا، ئوتنىڭ تاۋى ياخشى كونترولقىلىنسا، يېقىلغان نان بەكلا ئوخشايدۇ. چوڭ-كىچىكلىكى ۋە تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ھەربىر ناننىڭ باھاسى ئۈچ يۈەندىن ئالتە يۈەنگىچە. ھازىر ھەر كۈنى 400دىن ئارتۇق نان ساتالايمىز.» ئابدۇكېرەم خۇشال بولغان ھالدا شۇنداق دېدى.

  «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقخۇددى قېرىنداشلاردەك ئىجىل-ئىناق ئۆتىدۇ، مەن قىيىنچىلىققا يولۇققاندا مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان بۇ چوڭ ئائىلىدە، مەن كۆڭۈل قويۇپ تېخىمۇ مەززىلىك نانلارنى يېقىپ، بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرىمەن.» دېدى ئابدۇكېرەم.