تۇرپان شەھىرى يالقۇنتاغ فۇمىنئەنجۈ ئولتۇراق رايونىدا ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ھېكايىلىرى كۆپ

日期:2020年07月14日
来源:天山网
【字体:

نۇر گېزىتى خەۋىرى:ۋېن شيۇلەننى تەتىلگە قويۇپ بەردى، ئۇ ئۆيىگە قايتماي، ئۆزىنىڭ ئۆيى تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوندىكى ئەركىن تاغىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئەركىن تاغىنىڭ بالىلىرىغا دەرس تەكرار قىلىپ بەردى.بۇ ئىشىنى تىلغا ئالغان ۋېن شيۇلەن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەركىن تاغام بىزگە ناھايىتى كۆپ ياردەملەرنى قىلدى، ئۇ دائىم بىزگە <ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغ، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق>دەيدۇ.ھازىر قىلالايدىغىنىمتاغامنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش جەھەتتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىشتۇر».

ۋېن شيۇلەننىڭ سۆزلىرىدىنكىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مۇنداق بىر ھېكايە ئايان بولىدۇ: ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ۋېن شيۇلەننىڭ دادىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئۆيدە پۇل بولمىغاچقاداۋالىتىشقا ئامالسىز قالدى، ئۆيىدە يەنە ئىككى بالائوقۇۋاتقان بولغاچقا،بارلىق بېسىم ئۇنىڭ ئاپىسى ۋۇ خۇاچيۇڭنىڭزىممىسىگە چۈشتى. ئەركىن بۇنى بىلگەندىن كېيىن، ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى، يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بەردى، ۋۇ خۇاچيۇڭنىڭ ئاشخانىدىن ئىش تېپىشىغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە خۇشاللىق بېغىشلىدى.

ۋېن شيۇلەن تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوننىڭ ئىسمى تۇرپان شەھىرى يالقۇنتاغ فۇمىنئەنجۈ ئولتۇراق رايونى بولۇپ، بەش يىل ئىلگىرىبۇ يەر بىر پارچە قاقاسلىق ئىدى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، تۇجيا، موڭغۇل، قازاق قاتارلىق كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان ئولتۇراق رايون بولۇپ قالدى، تەۋەلىكتىكى ھەرقايسى مىللەتلەر تۇرپان شەھىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانيېزا-بازارلىرىدىن كەلگەن، ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئولتۇراقلىشىش بۇ يەردىكىھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ«قەلىبداشلار چەمبىرىكى»نى كۆڭۈل قويۇپ ئورتاق قۇرۇشىغا، گۈزەل جەمئىيەتنى ئورتاق قۇرۇشىغا ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بەردى.

مەھەللىدىكى ئەركىنگە ئوخشاش ئاھالىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى ۋە ياردىمىدە، ۋۇ خۇاچيۇڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ۋېن شيۇلەنمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئەترىتىگە قوشۇلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەركىن تاغام بىلەن مەھەللىدىكى تاغا-ھاممىلار بىزنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈشىمىزگە ياردەم بەردى، بىز بۇنى قەلبىمىزدە ساقلايمىز، بۇ ماڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلدۇردى».

2016-يىلى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئاھالەشۈ جاۋلەن 81 ياشلىق يارتا پالەچ بولۇپ قالغان ئېرىغا قاراۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ چۈشتى. دەل شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەھەللە كادىرلىرى ئۆيگە زىيارەت قىلىغىلى كەلگەندە، ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى، يېرىم كۈندىن بېرى بىر نەرسە يېمىگەنلىكىنى بىلدى. مەھەللە كادىرلىرى بۇ ئىككى ياشانغان كىشىنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى. شۈ جاۋلەننىڭ ئوڭ پۇتى سۇنغان بولۇپ، ئۈچ ئاي قوپماي يېتىشىغا توغرا كېلەتتى، بىراق ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئوغلى قارامايدا خىزمەت قىلغاچقا، قايتىپ كېلىپ بۇ ئىككىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئامالسىز ئىدى.

مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك ئەترىتى تەشكىللەپ، ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالدى. مەھەللىنىڭ ئەتراپىدىكى سەيۋەيشياڭ لازىجىخانىسىنى ئاچقان خۇيزۇ يىگىت ما لىن ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشكە ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن قاتنىشىپ، ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاقتامىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ تامىقىنى ياخشىلاپ، پولۇ، لەغمەن، سۇيۇقئاش قاتارلىق تاماقلارنى ۋاقتىدا ئۆيگە يەتكۈزۈپ بەردى، شۇ يەتكۈزگەنچە ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تاماق يەتكۈزدى. مەھەللە ئۇنىڭغا پۇل بېرىشنى ئېيتقاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «پۇلنىڭ گىپىنى قىلىشمايلى، بۇنى مەن ئۆزۈم خالاپ قىلدىم. باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياردەم قىلىشىم كېرەك، كېيىنمۇ مەن يەنىلا شۇنداق قىلىمەن».

قارامايدا تۇرۇۋاتقان چېن دېيۇەن بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، قارامايدىكى يۇقىرى مائاشلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، خوتۇنى بىلەن بالىسىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن چېن دېيۇن مەھەللىنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىسىگە قېتىلدى، كىمنىڭ ئۆيىدە سۇ ئېقىپ قالسا، كىمنىڭ ئۆيىنىڭ چىرىغى بۇزۇلۇپ قالسا، ياشانغانلار سىرتقا چىقىشتاقىينالسا، چېن دېيۇەن ياردىمىنى ئايىمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەھەللىدىكى قېرىنداشلارنىڭ شەپقىتىنى ھەسسىلەپ قايتۇرىمەن، ئولتۇراق رايوندىكى ئاممىغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەمدە بولىمەن، بىز مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى».

مەھەللىدە يۈز بەرگەنمۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن تەسىرلىك ھېكايىلەر بارلىققا كېلىپ، مەھەللىدە ياشاۋاتقان ھەر بىرەيلەننى تەسىرلەندۈردى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىر-بىرلەپمىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىگە قوشۇلۇپ، بىللە ياشاپ، بىللەئۆگىنىپ، بىللەئىشلەپ، بىللە ئويناپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم قىلىپ، چىن ھېسسىيات بىلەن مۇئامىلىدە بولۇپ، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلغارى، ھەممە ئائىلە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى بولۇشقا ئىنتىلىدىغانياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 2016-يىلى، يالقۇنتاغ مەھەللىسى «ئىدىقۇت رايونى بويىچەمىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» بولۇپ باھالاندى، 2017-يىلى «تۇرپان شەھىرى بويىچەمىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكىئۈلگىلىك ئورۇن» بولۇپ باھالاندى، 2018-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىكمىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» بولۇپ باھالاندى، 2019-يىلى «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.(ۋاڭ سېفوتوسى)