ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش ھېكايىلىرى كۆپەيدى، ھەممىسى كۆڭۈللەرنى ئىللىتتى

日期:2020年07月10日
来源:天山网
【字体:

نۇر گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ سې

ۋېن شيۇلەن تەتىلگە چىقتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتماي، ئولتۇراق رايوندا بىللە ئولتۇرىدىغان ئەركىن تاغىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئەركىن تاغىسىنىڭ بالىسىنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۆزىنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىنى تىلغا ئېلىپ، ۋېن شيۇلەن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەركىن تاغام بىزگە كۆپ ياردەم قىلدى، ئۇ دائىم بىزگە، ئۆتكىلى بولمايدىغان يالقۇنتاغ يوق، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق، دەيتتى. مېنىڭ ھازىر قىلالايدىغىنىم، تاغامنىڭ بالىلىرىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئۆگىنىشتە يەنىمۇ بىر بالداق ئۆرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش».

ۋېن شيۇلەننىڭ سۆزىدىن بىر تەسىرلىك ھېكايە چىقىپ تۇراتتى: ئىككى يىل ئىلگىرى، ۋېن شيۇلەننىڭ دادىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندا پۇلى بولمىغاچقا داۋالىنالمىغان، ئۆيدە يەنە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىككى بالا بار بولۇپ، بارلىق ئېغىر يۈك ئۇنىڭ ئاپىسى ۋۇ خۇاچيۇڭنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنىدى. ئەركىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلىشى ئۈچۈن يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بەردى، يەنە ۋۇ خۇاچيۇڭغا ياردەملىشىپ ئاشخانىدىن خىزمەت تېپىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن قىيىنچىلىقتا قالغان بۇ ئائىلە خۇشال كۈلكىلەرگە تولدى.

ۋېن شيۇلەن تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايون تۇرپان شەھىرىدىكى يالقۇنتاغ خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ئولتۇراق رايونى ئىدى. بەش يىل ئىلگىرى، بۇ يەر چۆللۈك ئىدى، ھازىر خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، تۇجيا، موڭغۇل، قازاق قاتارلىق كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، تەۋەلىك رايونىدىكى ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان ئاھالىلەر تۇرپان شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازارلىرىدىن كەلگەن.

ئەركىن قاتارلىق مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى ۋە ياردىمىدە، ۋۇ خۇاچيۇڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارا - بارا ياخشىلاندى، ۋېن شيۇلەنمۇ باشقىلارغا ياردەم بەرگۈچىلەر سېپىگە قوشۇلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەركىن تاغام بىلەن مەھەللىدىكى تاغا - ھەدىلەر ئائىلىمىزنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى، بىز بۇنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلايمىز، بۇ ھەم ماڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەندۈردى».

2016 - يىلىدىكى بىر ياز كۈنىدە، ئاھالە چېن دېيۈەننىڭ ئاپىسى شۈ جاۋلەن يېرىم پالەچ بولۇپ قالغان 81 ياشلىق ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشتى. دەل شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەھەللە كادىرلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىۋېتىپ، ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى، بىر نەرسە يېمىگىنىگە يېرىم كۈندىن ئاشقانلىقىنى كۆردى. مەھەللە كادىرلىرى دەرھال ئىككى ياشانغان كىشىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. شۈ جاۋلەننىڭ ئوڭ پۇتى سۇنغان بولۇپ، كارىۋاتتا يېتىپ ئۈچ ئاي ئارام ئېلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئوغلى قارامايدا خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، قايتىپ كېلىپ ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئىمكانىيىتى يار بەرمەيتتى.

بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ئۆزلۈكىدىن مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالدى. مەھەللە ئەتراپىدىكى سەيۋەيشياڭ لازىجى ئاشخانىسىدىكى خۇيزۇ يىگىت مالىن ئۆزلۈكىدىن بۇ بىر مەيدان مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشىگە قاتنىشىپ، ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ ھەر كۈنى ئامال بار ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ تامىقىنى ياخشىلاپ، پولۇ، لەڭمەن، سۇيۇقئاشنى ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى ھەم بۇ ئىشنى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇردى. مەھەللە ئۇنىڭ ھېساباتىنى بوغماقچى بولغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «پۇلنىڭ گېپىنى دېيىشمەيلى، بۇنى مەن چىن كۆڭلۈمدىن خالاپ قىلدىم. پەقەت قىيىنچىلىقى بار ئادەم بولسىلا، مەن ياردەم بېرىشنى خالايمەن، كېيىن مەن يەنە مۇشۇنداق قىلىمەن».

يىراق قارامايدىكى چېن دېيۈەن بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، قارامايدىكى يۇقىرى مائاشلىق خىزمىتىدىن ۋاز كەچتى، خوتۇن - بالىسىنى ئېلىپ تۇرپانغا قايتىپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالدى. ئۆيگە قايتىپ كەلگەن چېن دېيۈەن مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىگە قوشۇلدى، قايسى ئۆيدىكى تۇرۇبىدىن سۇ ئېقىپ قالغان بولسا، قايسى ئۆيدىكى ئېلېكتىر چىراغلىرى بۇزۇلۇپ قالغان بولسا، ياشانغان كىشىلەر سىرتقا چىقىشتا قىينالغان بولسا چېن دېيۈەن ھەممىسىگە ياردەم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئازغىنا ياخشىلىقنى ھەسسىلەپ قايتۇرىمەن، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئولتۇراق رايوندىكى ئامما ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىپ بېرىمەن، بىز مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى».

مەھەللىدە يۈزبەرگەن بۇ كىچىك ئىشلاردىن مۇجەسسەملەنگەن تەسىرلىك ھېكايىلەر مەھەللىدە ياشاۋاتقان ھەربىر كىشىنى تەسىرلەندۈردى. ھەر مىللەتتىن بولغان ئاھالىلەر ئارقا - ئارقىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىگە قوشۇلۇپ، بىللە ئولتۇراقلىشىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئاچتى، كۆپچىلىك ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغارلاردىن، ھەممە ئائىلە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىلەردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 2016 - يىلى، يالقۇنتاغ مەھەللىسى «ئىدىقۇت رايونى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك ئورۇن» بولۇپ باھالاندى، 2017 - يىلى «تۇرپان شەھىرى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك ئورۇن» بولۇپ باھالاندى، 2018 - يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك ئورۇن» بولۇپ باھالاندى، 2019 - يىلى «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك ئورۇن» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

تۇرپان شەھىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئومۇمىي خەلق ھەرىكەتكە كېلىش، كادىرلار باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئائىلىدىن، بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈردى، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ بىللە ئوينايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى. پۈتۈن شەھەر بويىچە 39 مىڭ 900 ئادەم 4244 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ھەر مىللەت ئامما بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

(7 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى «نۇر گېزىتى»گە بېسىلغان)