«زەيتۇنخان مەڭگۈ مېنىڭ ئانام»

日期:2020年07月06日
来源:天山网
【字体:

يامغۇردا قۇتقۇزۇۋېلىنىش بىر ئۆمۈر مىننەتدار بولۇش

«زەيتۇنخان مەڭگۈ مېنىڭ ئانام»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىچىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىر جيا يۇەنخۇڭ

«ئانا، بۇ ئىككى كۈندە سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟ تاماقنى ئوبدان يېدىڭىزمۇ؟» 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجوۋ شەھىرىدىكى ما نىڭ شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرىدىكى «ئانىسى» زەيتۇنخان بارات بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى. «مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن. ئۆزۈڭنى ئاسرا، بەك چارچاپ كەتمە.» زەيتۇنخانمۇ ما نىڭغا ئۆزىنى ئاسراشنى قايتا - قايتا تاپىلىدى، چۈنكى ئۇ ما نىڭنىڭ قېتىپ قېلىش خاراكتېرلىك ئومۇرتقا ياللۇغى كېسىلىدىن بەك ئەندىشە قىلاتتى. ئۇلار ھەر ئۈچ - تۆت كۈندە بىر قېتىم سىنلىق سۆزلىشەتتى.

1986 - يىلى كۈز پەسلىنىڭ بىر كۈنى، يامغۇر يېغىۋاتاتتى، زەيتۇنخان كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ، يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بىر يىگىتنىڭ يول بويىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى، قارىماققا ئۇ ئۇخلاپ قالغاندەك قىلاتتى. زەيتۇنخان دەرھال ئالدىغا بېرىپ، يىگىتنىڭ قىزىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. «يامغۇر سۈيى شۇنداق سوغۇق، بۇنداق ئولتۇرۇۋەرسە توڭلاپ قالىدۇ.» شۇلارنى ئويلاپ، زەيتۇنخان كۆكتات سېۋىتىنى قويۇپ، ئۇنى يۈدۈپ تەسلىكتە ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يىگىتكە سوغۇق ئۆتكۈزۈپ، دورا قاينىتىپ ئىچكۈزۈپ تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈردى، بىرقانچە سائەت ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئارقىلىق، يىگىتنىڭ قىزىتمىسى يېنىپ ئېسىگە كەلدى.

بۇ يىگىت دەل ما نىڭ ئىدى، شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا گەنسۇدىن ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ئاتۇش شەھىرىگە كەلگەنىدى. ئاشۇ كۈنى دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، ما نىڭ سىرتقا نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىشقا چىققان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن قىزىپ قېلىپ كوچىدا ھوشىدىن كەتكەنىدى. «ھېلىمۇ ياخشى <ئانام> ۋاقتىدا مېنى يۈدۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ.» ما نىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، ئانىسى زەيتۇنخان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەينى چاغدا كۆز ياشلىرىنىڭ ئىختىيارسىز تۆكۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، «ئەينى چاغدا ئۆينى بەك سېغىنغانىدىم، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدىن مەن ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، خۇددى ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە قايتقاندەك بولدۇم».

شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر قېتىمقى دەم ئېلىش كۈنىدە، ما نىڭ زەيتۇنخاننىڭ ئۆيىگە بارىدىغان بولدى، ياكى زەيتۇنخان ۋە ئۇنىڭ ئېرى ئاچقان ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش دۇكىنىغا بېرىپ ياردەملەشتى. بېرىش - كېلىش كۆپىيىپ، ئۇ زەيتۇنخان بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. بىر كۈنى، ما نىڭ زەيتۇنخاندىن، ئىنى - سىڭىللىرىمغا ئوخشاش سىزنى «ئانا» دەپ چاقىرسام بولامدۇ دەپ سوراپ باقتى، زەيتۇنخان ئاڭلاپ بەكلا خۇش بولۇپ كەتتى، ئۇ خۇشال ھالدا بالىلىرىغا مۇنداق دېدى: «ياش قۇرامىڭلار بويىچە، ما نىڭ <بالىلارنىڭ چوڭى>، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سىلەرنىڭ <چوڭ ئاكاڭلار>، بىزنىڭ ئائىلىمىز ئۇنىڭمۇ ئائىلىسى!»

زەيتۇنخاننىڭ قىزى ئارزۇگۈل ھۇشۇر كىچىكىدىن تارتىپلا «چوڭ ئاكىسى» ما نىڭنىڭ ئائىلىسىدىكى ئورنىنى ھېس قىلىپ كەلگەن: «ھەر قېتىمقى دەم ئېلىش كۈنىدە ، دادام، ئانام ياخشى تاماقلارنى تەييارلاپ، چوڭ ئاكامنىڭ كېلىشىنى ساقلايتتى، ئاشۇ ۋاقىتتا بىز ھەممىمىز چوڭ ئاكامنىڭ بالدۇرراق كېلىشىگە ئىنتىزار بولاتتۇق!»

1990 - يىلى، ما نىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ لەنجوۋغا قايتماقچى بولدى. زەيتۇنخاننىڭ پەقەتلا كۆزى قىيماي، ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ: «بالام، چوقۇم پات - پات كېلىپ بىزنى يوقلاپ تۇرغىن!» دەپ قايتا - قايتا تاپىلىدى. ما نىڭ كۆز ياشلىرىنى ئاران تۇتۇۋېلىپ مۇنداق دېدى: «ئانا، خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ يەر مېنىڭ ئائىلەم، مەن چوقۇم كېلىپ سىلەرنى يوقلايمەن!»

ئاشۇ يىللاردا خەۋەرلىشىش ھازىرقىدەك قولاي ئەمەس ئىدى، لەنجوۋغا قايتىپ بارغان ما نىڭ بىر - ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئانىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە خەت يېزىپ تۇردى. «چوڭ ئاكامنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئانام ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىش، بىزنى دەرھال ئوقۇپ بېرىشكە ئالدىرىتاتتى. ئاڭلاپ بولۇپ بىزگە دەرھال چوڭ ئاكامغا جاۋاب خەت يېزىشنى تاپىلايتتى.» ئارزۇگۈل مۇنداق دېدى: كېيىن بىزنىڭ مۇقىم تېلېفونىمىز بار بولدى، يان تېلېفونىمىزمۇ بار بولدى، بىر - بىرىمىز بىلەن بارغانسېرى كۆپ ئالاقىلىشەلەيدىغان بولدۇق.

بەش يىلدىن كېيىن، ما نىڭ يەنە بىر قېتىم ئاتۇش شەھىرىگە كەلدى، ئانا - بالا ئىككىيلەن چىڭ قۇچاقلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆپ قېتىم كېلىپ ئانىسىنى يوقلىدى. 2017 - يىلى 8 - ئايدا، ئۇ يەنە ئىككى قىزىنى ئېلىپ كېلىپ تونۇشتۇرۇپ، ئەۋلادلارنىڭمۇ كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىپ، بۇ قېرىنداشلىق رىشتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئويلىدى.

ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار چوڭ بولۇپ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇلارمۇ ئالايىتەن لەنجوۋغا بېرىپ چوڭ ئاكىسىنى يوقلىدى. «چوڭ ئاكامنى ئالايىتەن بېرىپ ئۈچ قېتىم يوقلىدىم، يەنە بىر قانچە قېتىم ئىچكىرى رايونلارغا كاماندىروپكىغا ياكى ساياھەتكە بارغاندا لەنجوۋدىن ئۆتكىچە، چوڭ ئاكام بىلەن ئالدىن كېلىشىۋېلىپ، ۋوگزال ئەتراپىدا كۆرۈشتۈم. ئەڭ كىچىك سىڭلىم شېنجېندا داشۆدە ئوقۇغاندا، چوڭ ئاكام يەنە ئۇنىڭغا دائىم تۇرمۇش پۇلى بەردى» دېدى ئارزىگۈل.

ما نىڭ مۇنداق دېدى: «ئاكا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاتا - ئانامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم».

مۇڭداشقاندا، ئانىسى «چوڭ ئوغلى»نىڭ قېتىپ قېلىش خاراكتېرلىك ئومۇرتقا ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇقۇپ، قىزىنى ھەمراھ قىلىپ ئۇلۇغچات ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ما نىڭغا تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغان پوپايكا، يۇڭ ئىشتان سېتىۋالدى. قايتىش ئالدىدا ئوغلىغا قىشتا چوقۇم ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشنى، كېسىلىنى ياخشى داۋالىتىشنى قايتا - قايتا تاپىلىدى. يۇڭ پوپايكا، يۇڭ ئىشتاننى سىلىغىنىچە، ما نىڭ ئۆيدىن ئايرىلىپلا كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى: «ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، ئانامدىن ئايرىلىشقا پەقەتلا قىيالمىدىم» دېدى ئۇ.

بۈگۈنكى كۈندە ما نىڭنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، 71 ياشقا كىرگەن زەيتۇنخان سالامەتلىكى سەۋەبىدىن يىراققا سەپەرگە چىقالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى، ما نىڭ مۇنداق دېدى: «ئاتۇش شەھىرى مەڭگۈ مېنىڭ يۇرتۇم، زەيتۇنخان مەڭگۈ مېنىڭ ئانام. مەن ئۇنى ئېلىپ لەنجوۋنى ئايلاندۇرۇشنى، مەنزىرىلىك جايلاردا ئوبدان ئوينىتىشنى، لەنجوۋنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى يېگۈزۈشنى بەكلا ئويلايمەن».