قانداشلىقى بولمىسىمۇ ئانا - بالىدەك يېقىن ئۆتۈش

日期:2020年07月06日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتىخوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى يىڭيىڭ

دۆلەت ئېلېكتىر تورى خوتەن توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى شەھەر رايونىنى توك بىلەن تەمىنلەش مەركىزىنىڭ تۈر باشقۇرۇش مەخسۇس مەسئۇلى ۋاڭ يۆخېڭنىڭ چىرا ناھىيەسى دامىكۇ يېزىسى داشكۆل كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى زەينەپ تۇردى بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ئانا - بالىدەك يېقىن ئۆتىدۇ.

1962 - يىلى، ۋاڭ يۆخېڭنىڭ ئاتا - ئانىسى خۇنەندىن چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىپ، چىرا ناھىيەسىنىڭ دامىكۇ گۇڭشېسىغا تەقسىم قىلىنغان. ۋاڭ يۆخېڭنىڭ ئانىسى تىككۈچى ئىدى، دادىسى سۇ، توك تېخنىك كادىرى بولۇپ، دائىم يېزىغا چۈشەتتى. خۇش پېئىل زەينەپ ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بۇ ئانا - بالىغا ھەمراھ بولدى.

6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ۋاڭ يۆخېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «زەينەپ دائىم ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئوينايتتى، يەنە ماڭا چۆچەك ئېيتىپ بېرەتتى، بالىلار ناخشىسى ئۆگىتەتتى». شۇنداق دېگىنىچە، ۋاڭ يۆخېڭ ئۇيغۇر تىلىدا بىر ناخشا ئېيتتى.

ۋاڭ يۆخېڭ يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى، زەينەپ باشقا كەنتكە ياتلىق بولۇپ كەتتى. ۋاڭ يۆخېڭ مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، زەينەپ خاتىرجەم بولالماي، دائىم مەكتەپكە بېرىپ يوقلاپ، ئۇنىڭغا مېۋە - چېۋە قاتارلىقلارنى ئاپىرىپ بەردى.

كېيىن، ۋاڭ يۆخېڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن چىرادىن ئايرىلىپ، خوتەن شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئائىلىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. 2008 - يىلى، زەينەپنى ئىزچىل ياد ئېتىپ كەلگەن ۋاڭ يۆخېڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاخىر ئۇنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئېلىپ، ئاپتوموبىل بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ كەلدى.

«شۇنچە يىللاردىن بۇيان مېنى ئەستىن چىقارمىغانلىقىڭلارنى ئويلىماپتىمەن، كېلىشىڭلارنىمۇ ئويلاپ باقماپتىمەن!» دېدى زەينەپ خۇشال ھالدا.

شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاڭ يۆخېڭ ۋاقتى بولسىلا ئۇنى يوقلاپ باردى. «ھازىر، مەن زەينەپنىڭ سالامەتلىكىدىن بەك ئەنسىرەيمەن، ئۇنىڭ بەل - پۇتلىرى ئاغرىيدۇ، ئۇنىڭغا دورا ئېلىپ بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى ۋاڭ يۆخېڭ. ھەر قېتىم زەينەپنى يوقلاپ بارغاندا، ۋاڭ يۆخېڭ دورا ۋە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئاپىرىپ بەردى، يەنە ئاز - تولا پۇل بەردى.

2009 - يىلى 7 - ئايدا، زەينەپ كىچىك قىزى بىلەن بىللە ئۆيىدىكى يەرلىك توخۇ، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ خوتەنگە كېلىپ ۋاڭ يۆخېڭنى يوقلىدى. ۋاڭ يۆخېڭ بىلەن خوتۇنى بېكەتكە بېرىپ ئۇلارنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى. كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە، ۋاڭ يۆخېڭ بىلەن خوتۇنى زەينەپكە ھەمراھ بولۇپ خوتەندىن كىيىم - كېچەك، ئاياغ سېتىۋالدى...

«زەينەپنىڭ پۇتى ئاغرىيدۇ، يەنە كېلىپ ئۆيۈم 5 - قەۋەتتە، شۇڭا، ھەر قېتىم بىنادىن چىقىپ - چۈشكىچە ئۇنى يۈدۈۋالدىم. كەچتە ئۆيگە قايتقاندا، خوتۇنۇم ئۇنىڭ پۇتىنى چىلىشى ئۈچۈن سۇ قاينىتىپ بەردى» دېدى ۋاڭ يۆخېڭ.

زەينەپ مۇنداق دېدى: «شياۋ ۋاڭ مېنى ئانىسىدەك كۆرىدۇ، مەنمۇ ئۇنى ئوغلۇمدەك كۆرىمەن».