بىر ئاپتوموبىل قوي تېرىسى ئۆمۈرلۈك ئاكا - ئۇكا

日期:2020年07月05日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىسۇ لۇپىڭ

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خوتەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شەرقىي 2 - كوچا مەھەللىسىدىكى «يۈسۈپجان كاۋاپخانىسى»دا، 56 ياشلىق چېڭ گۇيمىڭ ئەپچىللىك بىلەن زىققا گۆش ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، 52 ياشلىق يۈسۈپ توختى ئۈستەل - ئورۇندۇقلارنى تىزىۋاتاتتى، بىرى خېنەن تەلەپپۇزىدا، يەنە بىرى شىنجاڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلەپ، ئىككىسى كۈلكە - چاقچاق قىلىشىۋاتاتتى. 25 يىلدىن بۇيان، بىر ئاپتوموبىل قوي تېرىسى ئارىلىقى 3000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئىككى جايدىكى ئىككى ئادەمنى بىر - بىرىگە زىچ باغلىغانىدى.

1994 - يىلى، خېنەندە كۆن - خۇرۇم پىششىقلاش زاۋۇتى ئاچقان چېڭ گۇيمىڭ شىنجاڭغا مال مەنبەسى ئىزدەپ كېلىپ، تۇنجى بېكىتىدە ئۈرۈمچى 3 - كۆۋرۈك بازىرىغا كەلدى. يۈسۈپ چېڭ گۇيمىڭغا تەرجىمان بولدى. «ئەينى چاغدا، ئۇ مېنى باشلاپ بازارنى ئايلاندۇرغانىدى، يەنە ياردەملىشىپ باھا تالىشىپ بەرگەنىدى.» بۇ «مەشغۇلات» ئارقىلىق چېڭ گۇيمىڭ يۈسۈپنى دوستلۇققا يارايدىكەن، دەپ قارىدى. مېڭىشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى يۈسۈپكە قالدۇرۇپ قويدى.

«چېڭ ئاكام ماڭا، ئۈرۈمچى بازىرى چەكلىك ئىكەن، قوي تېرىسىنى ئىچكىرى رايونلارغا ئاپىرىپ سېتىشنى ئويلىشىپ باققىن، دېگەنىدى.» 1996 - يىلى، يۈسۈپ تەرەپ - تەرەپتىن 550 مىڭ يۈەن غەملەپ، 10 مىڭ پارچە قوي تېرىسى سېتىۋېلىپ، ئۇزۇن يوللۇق يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىدىن بىرنى كىرا قىلىپ، تولۇپ تاشقان ئارزۇ بىلەن خېبېيغا يۈرۈپ كەتتى. ئويلىمىغان يەردىن، ئەمدىلا شىئەنگە كىرگەندە يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، يامغۇر ئۇدا تۆت كۈن ياغدى، خېبېيغا بارغاندا، قوي تېرىلىرى سۇغا چىلىشىپ بۇزۇلۇپ كەتكەنىدى. يۈسۈپ بىرنەچچە زاۋۇتنى ئىزدەپ بارغان بولسىمۇ، بىرسىمۇ ئېلىشنى خالىمىدى.

«ئەينى چاغدا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەكلا بولدۇم، قوي تېرىسى سېتىۋالغان پۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەردىن قەرز ئالغانىدىم.» يۈسۈپ چېڭ گۇيمىڭنى ئېسىگە ئالدى، «ئەسلىدە ئۇنى زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشۈم ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ بېرەمدىكىن دەپ ئويلىغانىدىم. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ ماڭا 580 مىڭ يۈەن بېرىپ، قوي تېرىسىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ قالدى. ئۇ ماڭا ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ قوي تېرىسى سېتىش تەكلىپىنى ئۆزىنىڭ بەرگەنلىكىنى، مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى».

ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يۈسۈپ قەرز ئالغان پۇللىرىنى قايتۇرۇپ، يايما ئېچىپ كاۋاپچىلىق قىلدى. 2008 - يىلى، يۈسۈپ ئۆزىنىڭ كاۋاپخانىسىنى ئاچتى، سودىسى بارغانسېرى جانلاندى. گەرچە سودا ئالاقىسى بولمىسىمۇ، يۈسۈپ بىلەن چېڭ گۇيمىڭ يەنىلا ئالاقىنى ساقلاپ، ھەر ئايدا دېگۈدەك تېلېفونلىشىپ تۇردى. ھەر يىلى چېڭ گۇيمىڭ شىنجاڭغا كېلىپ قوي تېرىسى يىغقاندا، يۈسۈپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ مال مەنبەسى تېپىپ بەردى.

2016 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، يۈسۈپ تېلېفوندا چېڭ گۇيمىڭنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى سورىدى. بىرھازا گەپنى ئەگىتكەندىن كېيىن، چېڭ گۇيمىڭ يۈسۈپكە ھەممە ئەھۋالنى ئېنىق ئېيتىپ، سودىدا زىيان تارتقانلىقى، زاۋۇتىنىڭ تاقالغانلىقى، قەرز بەرگەن پۇللىرىنى قايتۇرۇپ كېلەلمىگەنلىكى، يەنە باشقىلارغا 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك قەرز بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. يۈسۈپ چېڭ گۇيمىڭنى ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى، «ئەينى چاغدا ئۇ ماڭا ياردەم قىلمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈم بولمايتتى».

2017 - يىلى، چېڭ گۇيمىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، يۈسۈپنىڭ كاۋاپخانىسىدا دۇكان باشلىقى بولدى. يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى بىلەن چېڭ گۇيمىڭ ناھايىتى تېزلا زىققا گۆش ئۆتكۈزۈش، كاۋاپ پىشۇرۇش، سامسا تۈگۈش، سامسا يېقىشنى ئۆگىنىۋالدى. چېڭ گۇيمىڭنىڭ خاتىرجەم تۇرۇشى ئۈچۈن، يۈسۈپ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيىنى ئۇنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەردى. ئىككىنچى يىلى، چېڭ گۇيمىڭنىڭ خوتۇنىمۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، يۈسۈپنىڭ يېڭى ئاچقان سامسىخانىسىدا دۇكان باشلىقى بولدى. «تاماق، ياتاقنى ئۇكام كۆتۈردى. ھەر يىلى ئىككىمىز يەنە 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز».

«مەن يوق چاغدا، ئۇلار دۇكاننى ناھايىتى تەرتىپلىك باشقۇرىدۇ.» يۈسۈپنىڭ ئېيتىشىچە، قەرزلەرنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، چېڭ گۇيمىڭ ئەر - خوتۇن ئەگەر ئۈرۈمچىدە داۋاملىق قېلىشنى خالىسا، ئۇ يەنە بىر دۇكان ئېچىپ ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرىدىكەن.