مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلىنى كۆڭۈل قويۇپ سۇغىرىش

日期:2020年07月01日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: 4-شى 64-تۇەن 6-ليەنگە كەلگىنىڭىزدە، تۈپتۈز ئاسفالىت يوللارنىڭ ھەممە ئائىلىلەرگىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئەمىن ئۆيلەرنىڭ قاتار تىزىلىپ، بىر پارچە باياشات، گۈزەل،ئىناقلىققا تولغان مەنزىرىنىڭ نامايان بولغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

6-ليەننىڭ ئىشچىسى خالمۇرات ناسىر دائىم دېگۈدەك ئىشىك ئالدىدىكى سېمونت يولغا قاراپ، ئىلگىرىكى پاتقاق يوللارنىڭ ھازىرقىدەك پاكىز، كەڭ-كۇشادە بولۇپ كەتكەنلىكىدىن مەمنۇن بولۇپ كېتىدۇ. 2016-يىلى 12-ئايدا، دىڭ جىڭ 64-تۇەن 6-ليەنگە بېرىپ تۇغقىنى خالمۇرات ناسىرنى يوقلىدى، دىڭ جىڭ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى. دىڭ جىڭنىڭ گەپلىرى قىزىقارلىق بولغاچقا، ئۇ كېلىشىگىلا كۆپچىلىك توپ-توپ بولۇشۇپ،ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشىدۇ. ئانچە چوڭ بولمىغان ئۆيدە ھەممەيلەن قىستىلىشىپ دېگۈدەك ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات توغرىسىدىكى پاراڭلىرىنى زوق بىلەن ئاڭلايدۇ.

پاراڭلىشىش جەريانىدا كۆپچىلىك ليەندۇي يولىنىڭ يامغۇر ياغقانداپاتقاق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

دىڭ جىڭ بۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئەتىياز كېلىشى بىلەنلائاسفالىت يولنى ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ياساپبەردى.

«ئۇ مېنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، زامانىۋى باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.» خالمۇرات ناسىر دىڭ جىڭ سوۋغا قىلغان چارۋىچىلىق، باقمىچىلىققا ئالاقىدار كىتابلارنى قولىغا ئېلىپ، دىڭ جىڭنىڭ ئەمدى ئۆيگە كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، قايغۇردى.

خالمۇرات ناسىر سۈت كالىسى باقمىچىلىقىغا تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى، دىڭ جىڭ ھەر قېتىم كەلگىنىدەئۇنىڭ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالىنى سوراپ، ئۇنى چارۋىلارنى ئىلمىي بېقىپ، كۆلەمنى كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

64-تۇەن 4-شى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى ئەڭ كۆپ تۇەن-مەيدان بولۇپ، دىڭ جىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، 64-تۇەننىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشىغا باشلامچىلىق قىلدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغايول ياساپ، يول چىراغلىرىنى ئورنىتىپ بېرىپ، كۆپچىلىكنى باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈردى.

دىڭ جىڭ يەنە تۇەن-مەيدانلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ليەندۇي، چارۋا بېقىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى، قىيىنچىلىقلارنىئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى.

تۇغقانلار ئارا كۆپرەك بېرىش-كېلىش قىلىش كېرەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. دىڭ جىڭ بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىرگەبىر»، «بىرگە بىر ياردەم بېرىش»، «بىرگە كۆپياردەم بېرىش» قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنى بېكىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى تاللاش، بېيىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش، تەرەققىيات تۈرلىرىنى تاللاش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يەتكۈزۈش، بېيىش ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈش... 4-شىدىكى نامرات ئائىلىلەر بەس-بەستە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىغا ماڭدى.

«نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.» بۇ دىڭ جىننىڭ 4-شىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا بەرگەن ۋەدىسى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكىتى.

يېزا تاشيوللىرى ليەندۇينىڭ ئىچكىرىسىگىچە ئۇزارتىلغان بولۇپ، زامانىۋى مەكتەپلەردە جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، قاتار كەتكەن دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى ... بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەردە دىڭ جىڭنىڭ يېتەكچىلىكى ئەينەن خاتىرلەنگەنىدى، 4-شىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى.

62-تۇەندىكى گۇاڭمىڭ مەھەللىسىدە، رىشىت داۋۇت ئائىلىسىنىڭ بىر پارچە سۈرىتىبار. سۈرەتتە، روھلۇق كەيپىياتتىكى دىڭ جىڭ رىشىت داۋۇت بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئىدى، دىڭ جىڭ رىشىت داۋۇتنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئىككى نەۋرىسىنى قۇچاقلاپ، ئۇلارغا تاڭ شېئىرلىرىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەنلىكى، دىڭ جىڭنىڭ ناھايىتى جانلىق ۋە قىزىقارلىق سۆزلىرى، رىشىت بىلەن خوتۇنى ئىككىسىنىڭ دىڭ جىڭنى ئورىۋېلىپ زوقلىنىپ ئاڭلىغانلىرى تېخىچە يادىدا ئىدى.

«كېيىن، ئاكام ئىككىمىز پېنسىيەگە چىققاندا بالىلارنى ئېلىپ جېنجياڭغا ئوينىغىلى بارىمىز.»

«ئۇ دائىم ماڭا سالامەتلىكىمنى ئاسرىشىمنى تاپىلايدۇ، لېكىن ئۆزىنى ياخشى ئاسرىمايدۇ، مەن ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ يۇرتىنى كۆرگىلى بارىمەن...» دېدى رىشىت داۋۇت. نەۋرەمنىڭ يېڭى كىيىم، سومكىلىرىنى دىڭ جىڭ ئېلىپ بەرگەن، ئۈستەلگە تىزىلغان قۇرۇق مېۋىلەرنى دىڭ جىڭ چاغاننىڭ ئالدىدا ئەكىلىپ بەرگەن ... رىشىت داۋۇت دىڭ جىڭنى تىلغا ئالسا ئۇنىڭ بۇ ئائىلىگە بولغان مېھرىنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيتتى، كۆز ياشلىرىنىمۇ سۈرتۈپ ئۈلگۈرەلمەيتتى.

دىڭ جىڭ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك كۆرۈپ كەلدى، شۇنداقلا 4-شىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاق، ئىناق، گۈزەل يۇرت قۇرۇشقا يېتەكلىدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى كىشىلەر قەلبىدە، چىن كۆڭلىدىن قانائەتلەنسە، دوستلۇق مېھرى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ.» دېدى دىڭ جىڭ.

«ئۇ جېنجياڭدا ئىقتىساد خىزمىتىنى تۇتقان، 4-شىغا كەلگەندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ مىللەت-دىن سىياسىتىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم دەرس دەپ بىلىپ، ۋاقىت بولسىلا مەندىن سوراپ، ھەر ۋاقىت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.» 4-شى كۆكدالا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار خالىم بەيدۇللا شۇنداق دېدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى دىڭ جىڭنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، ئۇ ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىيېتەكلەپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئىلى دەرياسى بويىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر تەسىرلىك ھېكايىلەرنى يازدى. (بىڭتۇەن گېزىتى مۇخبىرىما شۆجياۋ)