بۇغدايدىن ھوسۇل ئېلىنىپ تۇغقانلارنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى

日期:2020年06月30日
来源:天山网
【字体:

كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا، توق بۇغداي باشاقلىرى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى.يازلىق يېغىم، يازلىق تېرىم، يازلىق پەرۋىشبىلەن ئالدىراش بولىدىغانمەزگىلدە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى ئۈژمە يېزىسى قۇرباغ كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقان مۇكەرەم ياسىن ئاچا بىر چەينەك چاينى كۆتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «جاۋ جۈن ئۇكام، سىز بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ، كېلىپ چاي ئىچىڭ!»

ھازىر دەل بۇغدايدىن ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل، مۇكەرەمنىڭ قىزى بىلەن ئوغلى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، ئۆيىدە يەتتە مودىن ئارتۇق يەرگە بۇغداي تېرىغان بولۇپ، ئۈژمە يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرى جاۋ جۈن ئەتىگەندىلا مۇكەرەمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بۇغداي ئورۇشقا ياردەملەشتى.

«ئېتىزدىكى ئىشلار بەك كۆپ بولغاچقا، بىز قانداق قىلىشنى بىلمىدۇق، ئىنىم كەلگىنىڭىز بەك ياخشى بولدى، سىزگە كۆپ رەھمەت» دېدى مۇكەرەم.

كومبايىن مەشغۇلاتى قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، جاۋ جۈن بۇغدايلىقتىن بىر يول ئاچتى، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئېتىزدىكى بۇغداي يىغىلىپبولۇندى.يىغىۋېلىنغان بۇغدايغا قاراپ مۇكەرەمنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

«2017-يىلى مەن ئەمىنئۆيىگە كۆچۈپ كىردىم؛ بۇلتۇر، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىزنىڭ ئۆيگە يەنە «نامراتلارنى يۆلەش كالىسى» تارقىتىپ بەردى. ھازىر ئائىلىمىزدە سەككىز قوي، 20 كەپتەر، يەنە 30 توخۇ باقتۇق. بالىلارنىڭ ھەر ئايدا مائاشى بار، بۇ يىل كۈزدە مەن يەنە پاختا تېرىپ پۇل تاپىمەن، ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىمەن» دېدى مۇكەرەم. (خەۋەرنى ئاقتۇ ناھىيەلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ئىشخانىسىدىنياڭ شۆخۇيتەمىنلىگەن)