تونۇشقىنىغا يېرىم ئەسىر بولغان ئاچا-سىڭىلنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى

日期:2020年06月29日
来源:天山网
【字体:

 شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىردېڭ باۋ):6-ئاينىڭ 12-كۈنى، غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم بازىرى پىلچى مەھەللىسىدىكى بىر قورۇدىن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى، ناخشا ئېيتىۋاتقىنى پىلچىمەھەللىسىدىكى موماي ئەلانۇر توختى ئىدى.

 بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن ئەلانۇر موماينىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ،ھويلىسىدىكى كۆكتاتلىق رەتلىك بولۇپ، بۈك-باراقسان ئۆسكەن مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى خۇددى مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندەكلا يېيىلىپ تۇراتتى. ئەلانۇر توختى مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشۇمنى ئاچام ۋاڭ شيۇلەننىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئەلانۇر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن ۋاڭ شيۇلەن بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىش جەريانىدا تونۇشقان ئىدى، ئۇلار بىرلىكتە سەي تېرىدى، كېسەك قۇيدى، ئۆي سالدى... ۋاڭ شيۇلەن ئەلانۇرغا سەي تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، ئەلانۇر ۋاڭ شيۇلەنگە نان يېقىشنى، ئەتكەن چاي تەييارلاشنىئۆگەتتى.

 ۋاڭ شيۇلەن ئەلانۇردىن ئالتە ياش چوڭ بولۇپ، قويۇق يەرلىك تەلەپپۇزدا سۆزلەيتتى. ئەينى چاغدا ئەلانۇر توختىنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، كۆپىنچە چاغلاردا ئىككىيلەن قىسقا سۆز ياكى قول ئىشارىسى ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ دىمەكچى بولغانلىقىنى بىلەتتى.

 ۋاڭ شيۇلەن بىلەن ئەلانۇر پىلچىكۆمۈر كېنىدا بىللە ئىشلەپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. 1995-يىلى ۋاڭ شيۇلەن ئېرى بىلەن غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كېتىپ ئولتۇراقلاشتى، ئەلانۇر توختى يەنىلا پىلچىن دەرياسى بويىدا قالدى.

 2001-يىلى ھۆكۈمەت پىلچىكۆمۈر كېنى ئىشچىلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى «ۋۇچىگۇڭ» ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزدى. كېيىنكى يىلى بۇ سۇغۇرتىنىڭ پۇلىنى تاپشۇرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتى ئىدى. ئەلانۇر توختىنىڭ ئائىلىسى 12 مىڭ 500 يۈەننى تولۇقلاپتاپشۇرالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاڭ شيۇلەننى ئېسىگە ئالدى.

 ئەلانۇرنىڭياردەم سوراپ كەلگىنىنى كۆرۈپ، ۋاڭ شيۇلەن قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «گەرچە مەنمۇ باياشات بولمىساممۇ، لېكىن مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز بولمايدۇ» شۇنىڭ بىلەن، ۋاڭ شيۇلەن 8000 يۈەن قەرز ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئامانەت پۇلىنى قوشۇپ ئەلانۇر توختىغا كېرەكلىك پۇلنى جەملەپ بەردى.

 ئويلىمىغان يەردىن، ئەلانۇر توختىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئاغرىپ قالغان ئوغلى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بولدى، ئۇ ئاغرىپ ئورنىدىن تۇرالمايلا قالدى. ۋاڭ شيۇلەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئەلانۇر توختىغا يەنە بىر قېتىم ياردەم قولىنى سۇنۇپ، داۋالىنىش پۇلىنى تۆلەپ بەردى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەلانۇر توختى قايتىدىن ئورنىدىن تۇردى.

 ھازىر ھېيت-بايراملاردا، ئەلانۇر توختى ھەمىشە بالىلىرىغا ۋاڭ شيۇلەنگە ساڭزا، نان ۋە ئۆزى تېرىغان سەيلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى تاپىلايدۇ.

 ۋاڭ شيۇلەننىڭ ياردىمىدە، ئەلانۇر توختىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بالىلىرىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى. ئەلانۇر موماي: «ئاچامنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايمىز» دېدى.

 «مەن ئەلانۇرنىڭ ئاچىسى، ئۇ كۆڭلىدىكى گەپنى ماڭا دەيدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇقسىمۇ ئەڭ ئاۋۋال مېنى ئېسىگە ئالىدۇ، مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى خالايمەن» دېدى ۋاڭ شيۇلەن.