زۇڭزا خۇش ھىد چاچتى، ھېسسىيات چوڭقۇرلاشتى، قەلبلەر تۇتاشتى

日期:2020年06月26日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

زۇڭزا تۈگۈش، بازار ئايلىنىش، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، بەخت تىلەش... 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دۇەنۋۇ بايرىمى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن كۆپ خىل شەكىلدە ئەنئەنىۋى كاتتا بايرامنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، قويۇق بايرام كەيپىياتى ئىچىدە، ۋەتەننى سۆيۈش مۇھەببىتىنى بىللە ئىزھار قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى.

رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق كاتتا بايرام ئۆتكۈزۈلدى

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇرچىن ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ كادىرى جاۋ چېن ئۆزىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ما جۇڭخەي بىلەن بىللە بالدۇرلا چۇڭقۇر بازىرىدىكى بازارغا كەلدى.

سائەت 11دە، بازارنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغدا <زۇڭزا> رىشتى <زۇڭزا> مەدەنىيىتى بۇرچىندا» باش تېمىسىدىكى بىر مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. يېقىملىق دومبىرا چېلىنىپ، ناخشا ئېيتىلدى، «خۇڭجۇاڭ» «فېيتيەن» «مو ۋۇ» قاتارلىق ئۇسسۇللار ئارقا - ئارقىدىن ئوينالدى، مەدەنىيەت پۇرىقى ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، كۆپچىلىك قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

«بۈگۈن بايرام ئۆتكۈزدۇق، مەن تۇغقىنىم بىلەن بىللە بازارغا كېلىپ ئايلىنىپ، زۇڭزا تۈگىدىغان يوپۇرماق، نومى گۈرۈچى سېتىۋېلىپ، ئۆيدە بىللە زۇڭزا تۈگمەكچى بولدۇق» دېدى جاۋ چېن خۇشال ھالدا.

بازار ئايلىنىپ، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، تۇغقانلار بىلەن بىللە ئۆتكەن چاغلار ھەمىشە خۇشال - خۇرام كۈلكە ساداسىغا تولغان بولىدۇ.

ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىل ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرىنىڭ تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدىكى دۇەنۋۇ بايرىمىلىق پائالىيەتكە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، قوشماقلاشقان كادىرلار قاتنىشىپلا قالماستىن، يەنە جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى ئېلىپ بىللە كەلگەنىدى.

چۈجوۋ شەھىرىدىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى جۇ يىمىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى − ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك چۈجوۋ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەلىكەئاي بەكرى بىلەن بىللە زۇڭزا تۈگدى، مەشرەپ ئوينىدى، كەنت ئاھالىسىنىڭ تويىغا قاتناشتى، موگۇ پارنىكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، بۇ بىر كۈننى ئىنتايىن خۇشال ۋە مەنىلىك ئۆتكۈزدى. «تۇغقانلار بىلەن دۇەنۋۇ بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ھېس قىلدىم. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۇستاز - شاگىرتلىق قوشماقلىشىشنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، بىزنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەمىز ناھايىتى تېز ئۆستى، ئۇلارغا ھەقىقەتەن رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى مەلىكەئاي.

زۇڭزىنىڭ خۇش ھىدى تارقالدى مېھىر - مۇھەببەت قويۇقلاشتى

6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئەتىگەندىلا، يەكەن ناھىيەسى يەكەن بازىرى سارايكۆل مەھەللىسىنىڭ كادىرى جاۋ شياۋخۇڭ پۈتۈشكىنى بويىچە يېڭىلا سېتىۋالغان زۇڭزا تۈگىدىغان يوپۇرماقنى ئېلىپ، تۇغقىنى ياسىن مەمەتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە دۇەنۋۇ بايرىمى ئۆتكۈزدى.

زۇڭزا تۈگىدىغان يوپۇرماقنى يۆگەش، نومى گۈرۈچى سېلىش... جاۋ شياۋخۇڭ ياسىن بىر ئائىلە كىشىلىرىگە زۇڭزا تۈگۈشنى قولمۇقول ئۆگەتتى، خۇشال كۈلكە ساداسى كىچىك ھويلىدا ياڭرىدى، بىر لېگەن زۇڭزا ناھايىتى تېزلا تۈگۈپ بولۇندى. تۈگۈپ بولۇنغان زۇڭزىلارنى قازانغا سالغاندىن كېيىن، جاۋ شياۋخۇڭ ياسىن بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى: «مېنىڭ يەكەندە تۇغقىنىم يوق، سىلەر مېنىڭ بۇ يەردىكى ئەڭ يېقىن ئادەملىرىم. بۇ بىر يىلدىن بۇيان، مەن سىلەرنىڭ مېھىر - مۇھەببىتىڭلارنى، غەمخورلۇقۇڭلارنى ھېس قىلدىم. بۈگۈن بىز بىللە زۇڭزا تۈگۈپ، زۇڭزا يەپ، دۇەنۋۇ ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، ھەقىقەتەن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم».

گەپ ئارىلىقىدا زۇڭزا پىشتى، تۇۋاق ئېچىلدى، قويۇق دوستلۇق مېھرى بىلەن تۈگۈلگەن زۇڭزىلار قازاندىن ئېلىندى، جاۋ شياۋخۇڭ ياسىن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن يېگەچ، بىر تەرەپتىن يېقىندا يۈزبەرگەن قىزىقارلىق ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشتى، پۈتۈن ھويلىنى زۇڭزىنىڭ خۇش ھىدى قاپلىدى.

«ئىككى تال زۇڭزا تۈگىدىغان يوپۇرماقنى ئالماشتۇرۇپ قويىمىز، ئىككى بېشىنى چىمدىپ، بىر كونۇسسىمان شەكىلگە كەلتۈرۈپ، ئاۋۋال ئازراق نومى گۈرۈچى سېلىپ، ئاندىن شېكەرلەنگەن چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم سالىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈستىگە بىر قەۋەت نومى گۈرۈچى سېلىپ بارمىقىمىز بىلەن بېسىپ چىڭىتىمىز...» 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ماندان يېزىسى دوڭگۇەن كەنتىنىڭ مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا، يېزا كادىرى پەرغانئاي ئابلەت تۇغقىنى جاڭ گۇيخۇادىن زۇڭزىنى قانداق تۈگۈشنى ئۆگىنىۋاتاتتى.

بىردەمدىلا، پارچە - پارچە زۇڭزا تۈگىدىغان خۇش پۇراق يوپۇرماق ۋە ئاپئاق نومى گۈرۈچى پەرغانئاينىڭ قولىدا بىر - بىرلەپ تۈگۈلگەن زۇڭزىغا ئايلاندى.

«دۇەنۋۇ بايرىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، مەن ئاچام بىلەن بىللە زۇڭزا تۈگۈپ، قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە ئارىمىزدىكى ھېسسىياتمۇ چوڭقۇرلاشتى» دېدى پەرغانئاي خۇشال ھالدا.

ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرنى يوقلاپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلاشتى

«تۇردىخان ئاچا، سىزنى يوقلاپ كەلدىم !» 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەتىگەندىلا، خوتەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ۋۇ دېچاۋ بىر خالتا زۇڭزا ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى ئېلىپ تەۋەككۇل يېزىسىنىڭ تار ئېغىل كەنتىدىكى تۇغقىنى تۇردىخان ئادىلنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

تۇردىخان ۋۇ دېچاۋنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، قىزغىنلىق بىلەن تەييارلاپ قويغان بىر تەخسە «قېتىق زۇڭزىسى»نى كۆتۈرۈپ چىقىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دۇەنۋۇ بايرىمى، كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ، مەنمۇ بىزنىڭ خوتەننىڭ ئۆزگىچە زۇڭزىسىنى تەييارلاپ قويغانىدىم».

«قېتىق زۇڭزىسى»نى يېگەچ ۋۇ دېچاۋ مۇنداق دېدى: «تۇغقىنىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ زۇڭزىدىكى شېكەرگە ئوخشاش تاتلىق بولۇشىنى، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ۋۇ دېچاۋ تۇردىخان ئائىلىسىدىكىلەرگە دۇەنۋۇ بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سۆزلەپ بەردى. تۇردىخان مۇنداق دېدى: «ئۇ دائىم مېنى يوقلاپ كېلىدۇ، ھەر قېتىم كەلگەندە ماڭا سوۋغات ئالغاچ كېلىدۇ، بۈگۈن يەنە زۇڭزا ۋە مېۋە - چېۋە ئالغاچ كەپتۇ، تۇغقىنىم بىلەن بىللە دۇەنۋۇ بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ ھەقىقەتەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم».

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئارا تۈرۈك ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى قوشماقلاشقان كادىر خاۋ شىنلەن تۇغقىنى − ئارا تۈرۈك ناھىيەسى نوم تەرەققىيات رايونى 2 - كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گاۋ جىنلۇڭنىڭ ئېتىزدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، بىر چوڭ تاۋۇزنى كۆتۈرۈپ يوقلاپ باردى. خاۋ شىنلەن ئەكەلگەن تاۋۇزنى تىلىپ، گاۋ جىنلۇڭنىڭ چىرايىدىن كۈلكە ياغدى، بىر تەرەپتىن يېگەچ، بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق ئىسسىق ھاۋادا، تۇغقىنىم ئېلىپ كەلگەن تاۋۇزنى يەپ، ئاغزىملا ئەمەس، قەلبىممۇ تاتلىقلىققا تولدى».

چۈشتە، خاۋ شىنلەن گاۋ جىنلۇڭ بىلەن بىللە ئۆيگە قايتىپ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە دۇەنۋۇ بايرىمى ئۆتكۈزدى. داستىخان ئۈستىدە خاۋ شىنلەن گاۋ جىنلۇڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، قانداق قىلغاندا بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا قوغۇندىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

خاۋ شىنلەن مۇنداق دېدى: «گاۋ جىنلۇڭ ھازىر نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى، ئۇنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كۈنلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».