تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرچىن پېڭخەۋىرى، فوتوسى): 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، دۇەنۋۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىسەن تەۋەلىك رايونى مالياۋدى كوچىسى غەربىي مەھەللىسى بىلەن شىنبياۋ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، تاڭزۇڭزا تۈگۈشۈپ، دوستلۇق ھەققىدە پاراڭلاشتى.
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىسەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى مالياۋدى كوچىسى غەربىي مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: قوشنىلار بىرلىكتە تاڭزۇڭزا تۈگدى، تاڭزۇڭزا يوپۇرمىقىغا تۈگۈلگىنى تاتلىققىنە چىلان بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭغا يەنە قوشنىلارنىڭ چىن دوستلۇقى قوشۇپ تۈگۈلدى. (سۈرەتنى ئاھالىلەر تارتقان)
6-ئاينىڭ 22-كۈنى، سايباغ رايونى شىسەن تەۋەلىك رايونىمالياۋدى كوچىسى غەربىي مەھەللىسى بىلەن شىنبياۋ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، تاڭزۇڭزا تۈگۈشۈپ، دوستلۇق ھەققىدە پاراڭلاشتى.
ئاھالىلەر بىرلىكتە تاڭزۇڭزا تۈگمەكتە.
بىر ئاھالە پائالىيەتكە قاتناشقان قوشنىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا جۇشقۇن ئۇسسۇلىنى سۇندى.