ئانارگۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

日期:2020年06月22日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمېھرىگۈل غوپۇر

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى «100 يىللىق چايخانا»دا، ھەر مىللەت ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى چايخۇمارلار چاي ئىچكەچ ئارام ئالماقتا (5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى)

تارىخ يۆگىمە رەسىمىنى ئاچساق، شىنجاڭ تۇپرىقىدا قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتىنىڭ ئىزچىل ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭنى يوقلىماقچى بولغانلىقى تىللاردا داستان بولۇپ ۋەتەن زېمىنىدا كەڭ تارقالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، قۇربان نىياز، جۇاڭ شىخۇا، ھەنىپە ئالىماخۇن، يۇۋ لياڭيىڭ، بۇرماقان مولدۇ... مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تىپلىرى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى ئىناق، قويۇق بولۇپ، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق قەدەم قويۇشتەك چوڭقۇر دوستلۇق جانلىق نامايان قىلىندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىگە قويۇپ مۇلاھىزە قىلىپ ۋە پىلانلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەشۋىقات - تەربىيە ۋە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش» تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرىخى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، تازا باراقسانلاپ، مول نەتىجە بەردى.

ھەممە يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاق بولدى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونى ۋۇخۇا ئولتۇراق رايونى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، 40 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە جىگدە دەرىخى مۇخبىرنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە چېلىقتى. ئاھالىلەر ئۇنى «قەلبداشلار دەرىخى» دەپ ئاتىشىدۇ. دەرەخ غولى ئۆزئارا گىرەلىشىپ بۈك - باراقسان ئۆسكەن، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەت ئاھالىسى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر - بىرىگە تايىنىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەنگە ئوخشاش.

«شىنجاڭنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىللە ئۆگىنىپ، بىللە خىزمەت قىلغان مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشىكلىرى بىر - بىرىگە قارىشىپ، قوشنا بولۇپ ئۆتىدۇ، ھەممە يەردە، ھەر ۋاقىت مىللەتلەر ئىتتىپاق» دېدى چوڭ ھويلىدىكى 66 ياشلىق ئاھالە نۇسرەت ئابدۇل سەمىمىيلىك بىلەن.

شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، پامىر ئېگىزلىكىدىن جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، ئالتاي تېغىدىن تارىم دەرياسى ۋادىسىغىچە ھەر مىللەت ئامما بىللە خۇشال ياشايدىغان مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھاۋا بىلەن قۇياش نۇرىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، مەنپەئەتلەنگىنىمىزنى تۇيمايلا قالىمىز، ئايرىلىپ قالساق ياشىيالمايمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات - ئىلگىرىلەشنىڭ ئۇل تېشى».

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇل خاراكتېرلىك ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، ھەرقايسى تارماقلار ھەمكارلىشىپ ماسلىشىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت كەڭ قاتنىشىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئورگانلارغا كىرىشى، كارخانىلارغا كىرىشى، يېزا - كەنتلەرگە كىرىشى، مەھەللىلەرگە كىرىشى، مەكتەپلەرگە كىرىشى، گازارمىلارغا كىرىشى، تۇەن - مەيدان، ليەندۈيلەرگە كىرىشى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا كىرىشى، مەنزىرە رايونلىرىغا كىرىشى، كۆزنەك ئورۇنلارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەممە كىشى ئىتتىپاقلىقنى سۆيىدىغان، ھەممە ئىشتا ئىتتىپاقلىقنى سۆزلەيدىغان، ھەممە يەردە ئىتتىپاقلىق نامايان بولىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈردى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىنغان ئۈلگىلىك ئوبلاست (ۋىلايەت، شەھەر)تىن توققۇزى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىنغان ئۈلگىلىك ئورۇندىن 59ى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى تەربىيە بازىسىدىن 14ى بارلىققا كەلدى، 1338 (قېتىم) ئورۇن، 2315 ئادەم (قېتىم) ئايرىم - ئايرىم دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك ئورۇن، نەمۇنىلىك شەخس شەرىپىگە ئېرىشتى.

ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنىڭ بىرىكمە كۈچى مۇجەسسەملەندى

6 - ئايدا ئاقتۇ ناھىيەسىدە، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارقىلىدۇ، گۈللەر بەس - بەستە ئېچىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر يەنە بىر قېتىم پىلال يېزىسىغا كېلىپ تۇغقانلىرى بىلەن قايتا جەم بولدى. تۇغقانلىرىغا سىياسەت سۆزلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشلىرى بۇ يەردە ئاستا - ئاستا قانات يايدۇرۇلدى.

تۇغقىنى ئەركىن سەمەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپلا، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىر مېڭ شىنخۇا قۇياش ئېنېرگىيەلىك يۆتكىگىلى بولىدىغان LED چىرىغىدىن ئىككىنى سوۋغا قىلىپ، ئەركىننىڭ قىزىنى ياخشى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى، «بۇ چىراغلارنىڭ بالىنىڭ ئىستىقبالىنى يورۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى مېڭ شىنخۇا كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئەركىن ئاساسلىقى باقمىچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، خوتۇنى كەنت ئاھالە كومىتېتى ئاشخانىسىدا ئاشپەز، بالىلىرى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئانچە باياشات ئەمەس. تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، مېڭ شىنخۇا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ پەسىللىك قوشۇمچە خىزمەت ئۇقۇشۇپ بەردى.

«پارتىيە بۇنداق ياخشى تۇغقاننى يېنىمىزغا يەتكۈزۈپ بەردى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىزغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بەردى، بىز تېخىمۇ تىرىشىپ، كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمىز» دېدى ئەركىن.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر - بىرى بىلەن باردى - كەلدى قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىناق ئۆتىدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى.

ئاپتونوم رايون مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ چوڭ ئامما خىزمىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە ھەربىر كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى بار بولدى، ھەتتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭمۇ شىنجاڭلىق تۇغقىنى بار بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىليونلىغان كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاممىنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان، ئەڭ تەخىرسىز، ھازىر بېجىرگىلى بولىدىغان ئىشلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلققە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك ئېسىل ئىستىلى ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»تەك قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى شەكىللەندۈردى.

بۇ يىل 5 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۇغقانلاشقان ھەر دەرىجىلىك كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى جەمئىي 145 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق ئائىلە زىيارىتى قىلدى، 1 مىليارد 33 مىليون يۈەنگە يېقىن پۇل ئىئانە قىلدى، 53 مىليون 740 مىڭدىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى، 20 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى مول بولدى

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى، جان تومۇر قۇرۇلۇشى قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتتى.

1983 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 5 - ئاينى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسى ئېيى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسى پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى. 2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسى مۇستەھكەملەندى.

شىنجاڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە مەجبۇرىيەتتىن بەھرىمەن بولۇشى ۋە ئادا قىلىشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدى، بولۇپمۇ ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئاممىۋى ئىشلىرىغا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى ئىزچىل ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۈستىگە ئالدى؛ ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئوبلاست باشلىقلىقى، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ ھاكىملىقىنىڭ ھەممىسىنى رايون ئاپتونومىيەسى يولغا قويۇلغان مىللەتتىن بولغان پۇقرا ئۈستىگە ئالدى. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ ئىشلىتىشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى.

ئاپتونوم رايون چوڭ جەھەتنى كۆزلەپ، كىچىك جەھەتتىن قول سېلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا قوش تىل ئوقۇتۇشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىلى تۇتاش، قەلبى تۇتاش بولۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. گىرەلەشمە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلققە پايدىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى ئىشلارنى سىجىل ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ بىر قاتار جانلىق ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچىيىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ ئۇرغۇتۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.