گەنچۇەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرگەزمە سارىيى ئېچىلدى

日期:2020年06月15日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامما گەنچۇەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. (ما جيەنۋېيفوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئۈرۈمچى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىختىيارىي مۇخبىرشۇەي شۇەي،ما جيەنۋېيخەۋىرى): 5-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 11:00دە، شىنجاڭ بورۇن مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىھەمدە كۆرگەزمە زالىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. «بۇ ئېكسكۇرسىيەنى تەشكىللەش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، تەۋەلىكتىكى كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن شىركىتىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى دائىملىق خىزمەت قاتارىدا تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىمىز.» شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى دۇ يۇڭجياڭ شۇنداق دېدى.

 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، گەنچۇەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرگەزمە سارىيى رەسمىي ئېچىلىپ، 600 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي يازما يادىكارلىق كۆرگەزمە قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلدى.

 گەنچۇەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىجتىمائىي ئىشلار مۇلازىمەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يەن رۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان، گەنچۇەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، باشقۇرۇش كومىتېتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. 2017-يىلىدىن باشلاپ، گەنچۇەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مىچۈەن-دۇڭسەنرايونى بەيياڭخې قازاق يېزىسى ۋۇتۇڭۋوزى كەنتى، خۇڭليۇ كەنتىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، دائىم دېگۈدەك تۇغقانلارنى يوقلاپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان.

 گەنچۇەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئېچىلىشى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى، باغچا رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىدىغان قويۇق كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، گەنچۈەنباۋنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، گەنچۇەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقى، خاتىرجەملىكى، گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، گەنچۇەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرگەزمە سارىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن، نۆۋەتتە، ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ ئالدىن كېلىشىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قىلىپ بېكىتىلگەن.