ئۇستاز-شاگىرتلار تۇغقانلاشتى، ھۈنەر ئۆگىنىپ ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى

日期:2020年06月12日
来源:天山网
【字体:

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، «ساپانى ئۆستۈرۈپ، ماھارەتنى نامايان قىلىش ئارقىلىقنامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش» بويىچە تۇغقانلاشقانئۇستاز-شاگىرتلار ماھارەت مۇسابىقىسىدە، لى شياۋمىڭ(ئوڭدا) شاگىرتى نامەت ھاكىمنىڭ كەپشەرلەش ماھارىتى كۆرسىتىشىگەيېتەكچىلىك قىلماقتا.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:«دىققەت قىلىڭ، جازىنى تۈز قويۇڭ.» «بۇ بۇلۇڭنى يەنە بىر كەپشەرلەپ قويۇڭ.»... ئۇچقۇننىڭ ھەر تەرەپكە چاچرىشىغائەگىشىپ، نامەت ھاكىم ئۇستازى لى شياۋمىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۆمۈر رېشاتكىنىكەپشەرلەۋاتاتتى.

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى(خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى)6-ئاينىڭ 4-كۈنىئۆتكۈزگەن «ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ماھارەتنى نامايان قىلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش» بويىچە تۇغقانلاشقانئۇستاز-شاگىرتلارماھارەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى 4-قۇرۇلۇش ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى تىجارەت بۆلۈمىدىن كەلگەن لى شياۋمىڭ بىلەن شاگىرتى نامەت ھاكىم بىرلىكتە كەپشەرلەش ماھارىتىمۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

لى شياۋمىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نامەت ھاكىم مۇسابىقىنىڭ ھەربىر ھالقىسىنى قەدەم-باسقۇچ بويىچەتاماملاپ، ئاخىرىدا كەپشەرلەشنى تاماملىدى ھەم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

«ئۇستازىمغا كۆپ رەھمەت. خىزمەتتە ئۇ ماڭا سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ،ئالغا بېسىشىمغا تۈرتكە بولدى، تۇرمۇشتا ماڭا ئۇرۇق-تۇغقىنىمدەك غەمخورلۇق قىلدى.مەن ئىلگىرى دېھقان ئىدىم، 2018-يىلى قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ ئىشلەپ، ئۇستازىم لى شياۋمىڭ بىلەن تۇغقانلىشىپ،تۇرمۇشىمدا ياخشىلىنىش بولۇشقا باشلىدى»دېدى 33 ياشلىق نامەت ھاكىم.

«ئىش ئورنىغا يېڭى كەلگەندە، بىرەر ئارتۇقچىلىقىم بولمىغاچقا، يۈككۆتۈرۈش قاتارلىقئىشلارنىلا قىلالىدىم.» «ئۇستام كەپشەرلەشنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، قىلچە ئىككىلەنمەي ماقۇل بولدۇم» دېدى نامەت ھاكىم.

«نامەت ھاكىم ناھايىتى زېرەك.كەپشەرلەشنى ئۆگىنىشتە ئۇستازنىڭ يېتەكلىشى، قولمۇقول ئۆگىتىشى زۆرۈر بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆگەنگۈچىئۆزى ئۆزلەشتۈرۈپ مېڭىشى، قايتا-قايتا مەشىق قىلىشى كېرەك. مەن ھەركۈنى نامەتنىڭ كېرەكسىز ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپقايتا-قايتا مەشىق قىلىپ، ئىنتايىن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن»دېدى 55 ياشلىق ئالىي دەرىجىلىك كەپشەرچى لى شياۋمىڭ.

«مەن ھازىر كەپشەرلەشمەشغۇلات كىنىشكىسى ئېلىپ، رەسمىي تېخنىكئىشچىبولدۇم.بۇ ئارتۇقچىلىقىم بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇشۇمدا زور ئۆزگىرىش بولدى، ئايلىق كىرىمىم 7000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، ئائىلەمدىكىلەر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بۇنداق ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشىشىمئۇستازىمنىڭياردىمىدىن بولدى»دېدى نامەت ھاكىم.

خىزمەتتە بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشتىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىككىيلەن خۇددى ئۇرۇق-تۇغقاندەك ئۆتىدۇ. نامەت ھاكىم دائىم ئۆزى ئەتكەن مەززىلىك تائاملاردىنلى شياۋمىڭ بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ، لى شياۋمىڭمۇ دائىم نامەت ھاكىمنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

جۇڭگو بىناكارلىق-قۇرۇلۇش باش شىركىتى شىنجاڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى جيەنلىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بىز «ئۇستاز-شاگىرتلار تۇغقانلىشىپ ماھارەت ئۆگىنىش»نى قانات يايدۇرۇپ، تەجرىبىلىك تېخنىك ئىشچىلارنى يېڭىدىن كىرگەن ئىشچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، مېھىر-مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ھازىرغىچە، گۇرۇھىمىزدىكى162 ئىشچى-خىزمەتچى بىناكارلىق ساھەسىدىكى تۈرلۈك تۆۋەن دەرىجىلىكسالاھىيەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىپ، تەدرىجىي ھالدا پىشقان بىناكارلىق مەشغۇلات ئىشچىلىرىغا ئايلاندى.