ئۆز ئارا ھەمدەم بولىدىغان قېرىنداشلىق مېھرى

日期:2020年06月09日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلارتيەن خۇيچاۋ، لى شۈنيىڭخەۋىرى):بىر قېتىملىق «تۇغقانلىشىش»تىن ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ رىشتىباغلىنىپ، ئۇلارئارىسىدىكى «قېرىنداشلىق مېھرى»قەلبلەرنى ئىللىتتى.

جوۋ چاۋ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ قەشقەر شىمالىي يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى، ئەيسا مۇسا سابىق شىنجاڭ سەرەڭگە زاۋۇتىنىڭ پېنسىيونىرى ئىدى. ئۇلار 2018-يىلى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، «قېرىنداشلار»لارنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ھېكايىسى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاندى.

ئەيسانىڭ نەزەرىدە جوۋ چاۋ ناھايىتى ئەستايىدىلئىدى، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئەيسانىڭ تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس، خوتۇنىنىڭخىزمىتىمۇمۇقىم ئەمەس بولۇپ، ئوغلى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيتتى، ئائىلىنىڭكىرىمىنى كۆپەيتىشئۈچۈن، ئەيسا ھەركۈنى سانجىدىكى بىر سۈت فېرمىسىدىن يېڭى سۈت سېتىۋېلىپ ئولتۇراق رايوندا ساتاتتى، لېكىن سودىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى. بەزىدە بىر كۈندە بىر نەچچە جىڭمۇ سۈت سېتىلمايتتى. «سۈت سېتىپ ئەسلىدىلا تۈزۈك پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، ساتالمىغان سۈتنى بالىلار ئىچىۋېتىدۇ ياكى تۆكۈۋېتىمىز، ناھايىتى ئىسراپچىلىق بولىدۇ» دېدى ئەيسا ئەپسۇسلىنىپ.

جوۋ چاۋ ئەيسانىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دائىم ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ سۈت سېتىشىپ بەردى،ئەقىل-چارە ئۆگەتتى. «ئاكا، سۈت ساتقاندا يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىشىڭىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقىلى بولىدۇ» دېدى جوۋ چاۋ توۋلىغاچ «سۈتىمىزنى ئەتىگەندىلا سۈت فېرمىسىدىن ئەكەلگەن، تەبىئىي، سۇقوشۇلمىغان...»سودا بارغانسېرى قىزىپ كەتتى. ھازىر تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بۇ «ئاكا-ئۇكا»نى كۆرۈپ قىزىققان ھالدا«بۇ سۈتنى قايسىڭلار سېتىۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىسا،ئەيسا كۈلۈپ تۇرۇپ«ئىنىم بىلەن ئىككىمىز بىللە سېتىۋاتىمىز» دەيدۇ.

بۇ يىل 4-ئايدا، ئەيسانىڭ خوتۇنى خىزمەت ئىزدىمەكچى بولدى، ئەمما ئۇدا بىر نەچچە كۈن ئىزدەپمۇ مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىدى. جوۋ چاۋ بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەرەپ-تەرەپكە قاتراپسۈرۈشتۈرۈپ، ئاخىرىتەۋەلىكتىكىبىر خوجىلىق شىركىتىدىن خىزمەت تاپتى. جوۋ چاۋ بۇ خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ ئاكىسى ۋە يەڭگىسىگە يەتكۈزۈپ: «بۇ خوجىلىق شىركىتى ئۆيگە يېقىن، خىزمەت مۇھىتى ياخشى، ئەستايىدىل بولسىڭىزلا خىزمەتنى چوقۇم ياخشى ئىشلەپ كېتەلەيسىز» دېدى. جوۋ چاۋنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ناھايىتى خۇشال بولدى، ئەيسا جوۋچاۋنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «بۇ ئىككى يىلدابىزگە كۆپ ياردەم قىلدىڭىز، سىزدەك قېرىندىشىم بولغىنىبەك ياخشى بولدى» دېدى.

بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، جوۋچاۋ ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتماقچى بولدى، ئەيسائائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى قىيمىدى. جوۋچاۋ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىمىز كۆرۈشۈشىمىزنىڭئازلىشىسەۋەبلىك سۇسلىشىپ قالمايدۇ، ئەكسىچە دېرىزە تەكچىسىدىكى گۈلگە ئوخشاش، بارغانسېرى رەڭدار ئېچىلىدۇ».