«بىز بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى»

日期:2020年06月04日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىگې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىجيا شىڭۋاڭ، ما خۇيلىڭ

«ما جىنخۇڭنىڭ تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ!» سانجى شەھىرىنىڭ ئەرليۇگۇڭ بازىرى خۇڭشىڭ كەنتىدە، كىشىلەر ھەر دائىم كەنت ئاھالىسى ما جىنخۇڭ بىلەن سانجى شەھەرلىك شەھەر قىياپىتى، مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ كادىرى ليۇ بېي، يۈ شىنخۇي ئەر - خوتۇننىڭ تۇغقانلاشقانلىقىنى تىلغا ئالغاندا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كېتىدۇ.

ما جىنخۇڭ بۇ يىل 52 ياشتا بولۇپ، ئۇ سانجى شەھىرى ئەرليۇگۇڭ بازىرى خۇڭشىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. 2016 - يىلى قىشتا، ئۇ سانجى شەھەرلىك شەھەر قىياپىتى، مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ كادىرى ليۇ بېي بىلەن تۇغقانلاشتى. ئالاقىلىشىش جەريانىدا، ئۇلار چىن قەلب ۋە چىن ھېسسىيات بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتى.

34 يىل ئىلگىرى، بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە، ئەينى يىلى 18 ياشقا كىرگەن ما جىنخۇڭنىڭ بەل ئومۇرتقىسى يارىلاندى. ئۇ چاغدىكى داۋالاش شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، ما جىنخۇڭنىڭ بەل يارىسى ساقايماي، ئىزچىل چاقلىق ئورۇندۇققا تايىنىپ ياشاپ كەلدى. ما جىنخۇڭنىڭ خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىنى خالىمىدى، ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇشىغا تايىنىشنى تېخىمۇ خالىماي، يول بويىدىكى ئۆيىدىن پايدىلىنىپ كىچىك دۇكان ئېچىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدى.

«ليۇ بېي ئۆيۈمگە كەلگەندىن كېيىن، ئېغىزىدىن ئاچا دېگەن گەپنى چۈشۈرمىدى، ئىككىمىزنى ئۆز ئاچا - سىڭىللاردەكلا ھېس قىلدىم، ئۆزئارا ھېچقانداق ياتسىراش بولمىدى.» مۇشۇ يىللاردا ليۇ بېي بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىنى تىلغا ئالغاندا، ما جىنخۇڭنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپلا كېتەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ليۇ بېي ھەر قېتىم كەلگەندە ئۇنىڭغا يەيدىغان، ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۆيگە كىرىپلا ئۆينى يىغىشتۇرىدىكەن، تاماق ئېتىدىكەن، ئۆيىدە قانداق ئىش بولسا ھەممىنى قىلىدىكەن.

ليۇ بېي ما جىنخۇڭ ھەم ئۇنىڭ قىزىنىڭ تۇرمۇشىغا، ھال - ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلدى. ئۆيدىكى كىرلىك، يوتقان تېشىدىن تارتىپ، ما جىنخۇڭ ئانا - بالىنىڭ كىيىدىغان كىيىمى قاتارلىقلارغىچە ليۇ بېي غېمىنى يەپ سېتىۋالدى. ليۇ بېي يەنە دائىم ما جىنخۇڭنىڭ قىزىنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئوغلى بىلەن بىللە باغچىدا ئويناتتى، كىنو كۆرسەتتى، كېنتاكېيدا مېھمان قىلدى. ئىككى بالىنىڭ بىللە ئوينىغاندىكى خۇشال كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ليۇ بېي ئىنتايىن خۇشال بولدى.

ھەر قېتىم ما جىنخۇڭنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ليۇ بېي ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشكەندىن باشقا، يەنە بالىغا دەرس تەكرار قىلىپ بەردى، ئۇ دائىم ئۆيىدىن دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلارنى ئېلىپ كېلىپ بالىغا سوۋغا قىلىپ، بالىنىڭ بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ما جىنخۇڭنىڭ قىزى ئىلگىرى قورقۇنچاق، ئىچ مىجەز ئىدى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا گەپ قىلىشقا پېتىنالمايتتى، ليۇ بېي بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن، مىجەزى شوخ، ئوچۇق - يورۇق بولۇپ كەتتى.

2018 - يىلى، ليۇ بېي «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتى، خىزمەت تەلىپى بويىچە قوشماقلاشقان تۇغقانلارنى تەڭشەشكە توغرا كېلەتتى. ليۇ بېينىڭ ئېرى يۈ شىنخۇيمۇ قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى تەڭشەيدىغان بولغاچقا، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش «كۈچ ئۇلاش كالتىكى»نى ئۆتكۈزۈۋالدى.

يۈ شىنخۇي ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتا ليۇ بېيدىن ئازراقمۇ قېلىشمايتتى، ئەتكەن تاماقلىرى ما جىنخۇڭ ئانا - بالىغا بەك يارىدى. ما جىنخۇڭ مۇنداق دېدى: «ليۇ بېي بىلەن يۈ شىنخۇي ئەر - خوتۇن ئىككىلىسى بېلىققا ئامراق، بالام بىلەن ئىككىمىزمۇ ياخشى كۆرىمىز، ئۇلار كەلسە يۈ شىنخۇي تاماق ئېتىدۇ، بىز پاراڭلىشىمىز، كۈلكە - چاقچاق قىلىشىمىز، كەيپىيات ئىنتايىن ئىللىق بولىدۇ. ھازىر بىز بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى».

ما جىنخۇڭنىڭ كىچىك دۇكىنىدا ئىلگىرى پەقەت بىر قىسىم كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىلا سېتىلاتتى، تىجارەت سوممىسى كۆپ ئەمەس ئىدى. ما جىنخۇڭنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يۈ شىنخۇي ما جىنخۇڭنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تاماكىنى مەخسۇس پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىپ بەردى. تىجارەت تۈرى كۆپەيگەندىن كېيىن، ما جىنخۇڭنىڭ كىچىك دۇكىنىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئىلگىرىكىدىن ھەر ئايدا نەچچە يۈز يۈەن كۆپەيدى. تۇغقىنى ما جىنخۇڭنىڭ سودىسىنى قوللاش ئۈچۈن، يۈ شىنخۇي ئىدارىسىنىڭ خۇڭشىڭ كەنتىدە تۇغقانلاشقان خىزمەتداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنى ما جىنخۇڭنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

ھازىرقى تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا، ما جىنخۇڭ تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسى بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە مەن مېيىپ بولساممۇ، لېكىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىزچىل ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، بولۇپمۇ قانات يايدۇرۇلغان <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتى مېنى مۇشۇنداق ياخشى تۇغقان بىلەن تونۇشتۇردى، بىز بۇ تۇغقاندارچىلىقنى بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرىمىز!»